ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
بەدىنىنىڭ ئاستى يوق مېيىپ ئەر سېرك ئارتىسىغا ئايلاندى
ۋاقتى : 2017-11-08 11:52:01  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Storytrender تور بېكىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقارقى سۈرەتتىكى شورت ئې (Short E) ئىسىملىك ئەر ناھايىتى داڭلىق سېرك ئارتىسى بولۇپ، لېكىن باشقا سېرك ئارتىسلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستىنقى قىسمى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنىدى. ھازىر شورت ئىسىملىك بۇ ئەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سېرك ماھارىتىنى ئورۇنداپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئىككى قولى بىلەن ئەينەك پارچىسى ئۈستىدە مېڭىش ماھارىتىنىمۇ ئورۇندىيالايتتى.

شورت 2 ياش ۋاقتىدا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇنى توققۇز كۆز نېرۋىسى كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى، ئۇ بوۋاق چېغىدىلا ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك بالىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمالسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستىنقى قىسمى كېسىۋېتىلگەنىدى.

شورت بۇ يىل 40 ياشتا بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نورمال ئادەملەرگە قىلچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان ئىشلارغا قىزىقىدىغان ھەم ئىنتىلىدىغان بولغاچقا، سېرك ئۆمىكىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەلۇم كەچلىك كۇلۇبتا DJ بولۇپ ئىشلىگەنىدى، ھازىر ئۇنىڭ سېرك ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقىنىغا ئاللىقاچان 5 يىل بولغانىدى.

شورت ئىشلەيدىغان سېرك ئۆمىكى ھەر يىلى تولغىما ناخشا ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغاچ ئويۇن كۆرسىتىدىغان بولۇپ، شورت سېرك نومۇرى ئورۇنداش، ئوت پۈركۈش، بولىڭ توپى ئۈستىدە بېشىنى تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ تۇرۇش، قۇرۇق قول ھالدا ئەينەك پارچىسى ئۈستىدە مېڭىش قاتارلىق سېرك نومۇرلىرىنى ئورۇندىيالايتتى.

شورت ھازىرغا قەدەر بىرازىلىيە، ۋېنسۇئىلا، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ ئويۇن قويغان بولۇپ، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ سېرك نومۇرىنى، بولۇپمۇ قۇرۇق قول پېتى ئەينەك پارچىسى ئۈستىدە مېڭىش ماھارىتىنى ناھايىتى  ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. 

yyyyyyyyy.jpg