ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 9 تۈرلۈك ئاددىي چارە
ۋاقتى : 2017-11-05 12:58:30  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

كىشىلەر «راك» سۆزىنى ئاڭلىسا قورقۇنچ باسىدۇ، بەلكىم سىز بۇ كېسەل مەندىن يىراق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار. پۈتۈن مەملىكەتلىك ئۆسمە كېسەللىرىنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 74 ياش دەپ ھېسابلىسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى %22 كە يېتىدىكىن. ئەمەلىيەتتە، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس، مەسىلە پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتا.

تۆۋەندە بىز راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى چارىلەرنى 9 تۈرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرىمىز.

1.ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدىغان تاتلىقلار راك كېسىلىنىڭ يانتايىقى

تاتلىق يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ، مەيلى ئەر ياكى ئايال، ياش ياكى قېرى كىشىلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك تاتلىق تۈرۈم يېيىشكە ئامراق. چەتئەللىك ئالىملار 80 مىڭ ئادەمگە قارىتا 9 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ھەيز توختىغان ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، قان قەنتى يۇقىرى ئاياللارنىڭ تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى قان قەنتى نورمال ئاياللارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

2.مېۋە كۆكتاتلار راكقا قارشى تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى قالقان

يېشىل سېرىق كۆكتاتلار، كرېسىت گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار (مەسىلەن: شىلەنخۇا(西兰花)، تۇرۇپ، كاپۇسكا، يېسىۋېلەك...قاتارلىقلار) راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 گرام مېۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان تومۇر كېسىلى ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3.سۇس تەم، تۇزسىز تاماقلارنى يېيىش كېرەك

ئەلمىساقتىن تارتىپ سۇس تەم، سۇيۇق تاماق يېيىش تەكىتلىنىپ كەلگەن، ئۇ ھەرگىزمۇ داۋلىسىز گەپ ئەمەس. بولۇپمۇ تۇز بىلەن راك كېسىلىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار، ئەگەر بەك تۇزلۇق يېسە ئاشقازان شىللىق پەردىسى زەخمىگە ئۇچراپ ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغقا ئايلىنىدۇ ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاشقازان راكىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدۇ.

4.ئۆزگىچە تەملىك يېمەكلىكلەرگە راكمۇ ئۆزگىچە ئامراق

سۈر گۆش، چىلىغان كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە تەمى بولىدۇ. ئىسلانغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترات كىسلاتا تۇزى بولۇپ ئاشقازان ئىچىدە نىتراتلارغا ئايلىنىدۇ ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى راك كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5.قىزىق يېمەسلىك كېرەك

جۇڭگولۇقلارنىڭ «تاماقنى قىزىقىدا يە» دەيدىغان پەتىۋاسى بار، لېكىن «قىزىقىدا يە» دېگەن بۇ مەدەنىيەت قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ، ئەگەر شۇ خىل مەسىلە نەچچە قېتىم تەكرارلانسا قىزىلۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىزىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر، قازاق مىللەتلىرى ئارىسىدا قىزىلۆڭگەچ راكى، ئاشقازان كاردىيە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

6.ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغىنىڭىز، ھاياتىڭىزنى خوراتقىنىڭىز

نورمال، ساغلام يېتىلگەن ئادەملەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى 7 سائەتتىن 8 سائەتكىچە بولۇش كېرەك. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاش ئالدىدا تېلېفون ئويناشتەك يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۋالغاچقا، ۋاقىتقا دىققەت قىلماي ئۇخلاش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. داۋاملىق ۋاقچى ئۇخلىسا ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

7.تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ

ھاراق تاماكا بىز داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىدىغان زىيانلىق نەرسە. ئۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشك يەنە بىر ئىش شۇكى، سەي قورۇغان ۋاقىتتا چىققان ئىسمۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن سەي قورۇغاندا داۋاملىق يۇقىرى تېمپراتۇرىدىكى مايدا قورۇماي، ئەكسىچە ھوردىتىش، دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىمۇ ئىشلىتىش كېرەك.

8.پىسخىكا ئامىلىمۇ راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

«راك پىسخىكىسى» ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئۇزۇن مۇددەت كەيپىياتى چۈشكۈن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل پىسخىكا يېمەكلىك ۋە ئۇخلاش جەھەتتە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە  ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ راك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە تارقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

9.تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر راك كېسىلىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى

تەنھەرىكەت بەدىنىڭىزدىكى ئارتۇق ئېنېرگىيە ۋە مايلارنى يوقىتىدۇ. ھەر كۈنى بىر سائەت يول يۈرۈپ بەرسە(كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتە)، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %50 تۆۋەنلەيدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئېنېرگىيىنىڭ ئارتىپ كېتىش سەۋەبىدىن سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

نۇر تورىدىن ئېلىندى.

yyyyyyyyy.jpg