ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغان تەكلىپلەر
ۋاقتى : 2017-11-05 12:56:40  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

يېقىندا ئامېرىكىلىق ئالىم دوكتور سىجىن ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىلىق بولغان 10 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
1. ئاقساپ ماڭمىغان تەقدىردىمۇ ھاسا بىلەن بەدىنىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاڭ، شۇنداق قىلغاندا يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ.  قەغەز قەلەمنى يېنىڭىزدىن ئايرىماي، ئېسىڭىزگە كەلگەننى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ قويۇڭ.
3. مۇھىم نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز پىششىق بىلىدىغان جايغا قويۇڭ.
4. ئۆزىڭىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىڭىزنى ساقلاڭ. قانۇنىيەتلىك ھالدا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئۇششاق- چۈششەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىڭ، كىتاب، گېزىت- ژورناللارنى ئوقۇڭ.
5. ئوبىيكتىپ شارائىتلارغا قاراپ، ئۆگىنىدىغان يېڭى بىلىمنى تاللاڭ.
6. مادارىڭىز يەتكەن ئىشلارنى باشقىلارغا  قىلغۇزماڭ.
7. ياشلار ياكى بالىلار بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇلار بىلەن دوستلىشىڭ. بۇنداق قىلىش ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتىشىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق.
8. كۆڭۈلسىزلىك ياكى مۇنازىرلىشىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ. بولمىسا قورقۇنچلۇق تۇيغۇلار خۇشال- خورام تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
9. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ كېسىلى ياكى ئۆتمۈشىنى كۆپ سۆزلىمەڭ. شۇنداقلا يەنە ئۆزىڭىزنىڭ كونا ئىدىيىڭىزنى ياشلارغا تاڭماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز باش ئاغرىقىدىن خالىي بولالايسىز. 
10. خۇش- چاقچاق بولۇڭ. 
نۇر تورىدىن ئېلىندى
yyyyyyyyy.jpg