ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
قۇچاقلاشمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق
ۋاقتى : 2018-03-19 12:34:42  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەر يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئالاقە قوراللىرىغا ھەددىدىن زىيادە بېقىنىۋالغاچقا، يۈز تۇرا ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدىغان ئەھۋال شەكىللەنمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا كىشىلەر تەنھالىق ھېس قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتە يۈز تۇرا ئۇچرىشىپ ھال-ئەھۋال سوراش، ئاددىيسى ئۆزئارا بىر قېتىم قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش كىشىلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەنھالىق ئادەمنىڭ يۈرەك، سەكتە، راك، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، تەنھالىقنىڭ زىيىنى كۈندە 15 تال تاماكا چەككەنگە باراۋەر ئىكەن. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر سەمىمىي قۇچاقلاش (ناتونۇش كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەنھالىق ئېلىپ كەلگەن ئازابقا تەسەللىي بولىدىكەن.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى 

yyyyyyyyy.jpg