ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسىدىن مۇنداق ساقلىنىڭ
ۋاقتى : 2017-09-10 01:40:43  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

3.jpg

 ئالقانسىمان كاكتۇسنى ھەمراھ قىلىش:
كومپيۇتېر يېنىغا بىر قانچە تەشتەك ئالقانسىمان كاكتۇس قويۇپ قويۇش كېرەك، ئالقانسىمان كاكتۇس رادىئاتسىيە سۈمۈرۈشتىكى ياخشى ياردەمچى.
رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك يېيىش
يېشىل چاي ئىچىش ياكى ئاپېلسىن يەپ بېرىش كېرەك، بۇ كومپيۇتېر رادىياتسىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل.
سۈزۈك سۇدا يۈزنى يۇيۇش
نۇرغۇن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم قىزلار كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، كومپيۇتېرنىڭ تېرىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن بەك ئەندىشە قىلىدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟ كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە، ئادەمنىڭ يۈز قىسمى نۇرغۇنلىغان كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دانچىلارنى سۈمۈرىۋالىدۇ، شۇڭا دەل ۋاقتىدا يۈزنى يۇيۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قوبۇل قىلغان رادىئاتسىيەنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇنداقلا يۈزنى رادىئاتسىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
ئېكراننى سۇسراق تەڭشەش
ئېكراننىڭ يورۇقلۇقى چوڭايغانسېرى كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆز تېلىپ كېتىدۇ، يورۇقلۇق سۇسراق بولغاندا، رادىئاتسىيە مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ.

4.jpg

ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش
ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، كومپيۇتېر بىر خىل راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا ھاسىل قىلىدىكەن، كومپيۇتېر قويىدىغان ئورۇنغا ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئورنىتىش كېرەك، شارائىت يار بەرمىسە چۇقۇم ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈپ تۇرۇشنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش كېرەك.
ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك
مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، شوخلا، ئورۇق گۆش قاتارلىق ۋىتامىنA ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە كۆزگە ناھايىتى پايدىسى بار.
ئامال بار يېڭى كومپيۇتېر ئىشلىتىش
شارائىت يار بەرسە ئامال بار كونا كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىك كېرەك، كونا كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسى يېڭى كومپيۇتېرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئوخشاش ئارلىقتا، كونا كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيەسى يېڭى كومپيۇتېرنىڭ 1-2ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.
چەكلىك ئىشلىتىش
كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئويۇن ئويناش ياكى خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

yyyyyyyyy.jpg