ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ساغلاملىق  »  ساغلاملىق بىلىملىرى
ساغلاملىق بىلىملىرى
تەركىۋىدە زەھەرلىك ماددا بولغان كۆكتاتلار
ۋاقتى : 2015-01-20 08:42:43  مەنبەسى :    يوللىغۇچى : يارپ

تەركىۋىدە زەھەرلىك ماددا بولغان كۆكتاتلار


 كۆكتات بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن ۋە ھەر خىل مىنېرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، لېكىن بەزى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بار، شۇڭا تەركىبىدە زەھەرلىك ماددا بولغان كۆكتاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

    1.  پالەك، كۆك پۇرچاق، باش پىياز قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە چۆپ كىسلاتاسى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، چۆپ كىسلاتاسى ئادەتتە قىرتاق بولۇپ، ئادەمنىڭ تەم سىزىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چۆپ كىسلاتاسى يەنە يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىي بىلەن بېرىكىپ، كالتسىي ئوكسالاتنى ھاسىل قىلىپ، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كالتسىي ئوكسالات يەنە بەدەننىڭ يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگىمۇ توسقۇنلۇق قىلىدۇ، كىشىلەر بۇنداق كۆكتاتلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازىنىدا ئاسانلا تاش پايدا بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كۆكتاتلارنى قورۇشتىن ئىلگىرى قايناق سۇغا بېسىۋېتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كۆكتاتلاردىكى چۆپ كىسلاتاسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

    2.  ياپىلاق پۇرچاق، سەي پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر خىل زەھەرلىك ماددا ساپوگېنىن بار، بۇنداق ماددا ئاساسلىقى كۆك پۇرچاقنىڭ سىرتقى پوستىدا كۆپرەك بولىدۇ، بولۇپمۇ باش كۈزنىڭ ئالدى – كەينىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق كۆكتاتلارنى يېگەندە ئاسانلا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ساپوگېنىندىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قورۇش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، مەيلى قورۇش، دۈملەش ياكى سوغۇق سەي تەييارلاشتا بولسۇن چوقۇم تولۇق پىشۇرۇش لازىم. كۆك پۇرچاقنى ئادەتتە سۇدا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىش ياكى قايناق سۇغا بېسىپ قىرتاق تەمى يوقالغاندىن كېيىن ئاندىن قورۇش كېرەك.

  3.   بەرەڭگى ئادەتتە تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە ياكى يورۇقلۇق بار شارائىت ئاستىدا ئاسانلا بىخلىنىدۇ. بىخلانغان بەرەڭگىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر خىل توكسىن ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدۇ. بۇنداق ماددا ئادەتتىكى نورمال بەرەڭگىنىڭ تەركىبىدىمۇ بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئىنىقلاشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر 100 گىرام نورمال بەرەڭگى تەركىبىدە تەخمىنەن ئون مىللىگىرامدىن 20 مىللىگىرامغىچە ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدىكەن، بىراق مىقدارى بەك ئاز بولغاچقا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىكەن. ئەمما بەرەڭگى بىخلانغاندىن كىيىن، ئىت ئۈزۈمى ئىشقارىنىڭ مىقدارى خىلىلا ئېشىپ، ھەر 100 گىرامىنىڭ تەركىبىدە470 ~ 730 مىللىگىرام ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى بولىدىكەن. ئادەتتە كىشىلەر 200 مىللىگىرام ئىت ئۈزۈمى ئىشقارى يېسىلا زەھەرلىنىدىكەن. بەرەڭگىنى قورۇشتىن ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇغا 30 ~ 60 مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندا، تەركىبىدىكى توكسىن سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قورىغاندا ئازىراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسىمۇ، بىر قىسىم ئارتۇق مىقداردىكى توكسىننى يوقاتقىلى بولىدىكەن.

  4.  سارغۇچ رەڭلىك چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە بىر خىل كولخىتسىن دەپ ئاتىلىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنداق ماددا ئۆزى زەھەرسىز، لېكىن ئاشقازان – ئۈچەي تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن بەدەندە زەھەرلىك بولغان ئوكسىدلانغان كولخىتسىنغا ئايلىنىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق ئەزالاردا ياللۇغلىنىشنى، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سارغۇچ رەڭلىك چېچەكسەينى بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ يېمەسلىك، يېيىشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن ساپىقىنى ئېلىۋېتىش ھەم قايناق سۇغا باسقاندىن كېيىن يەنە سوغۇق سۇغا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ، ئاندىن تولۇق پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

   ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتاتلار تېرىلىش، پىششىقلاش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە بەزى پارازىتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.