ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟
ۋاقتى : 2017-04-07 13:11:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    9 ئاي 9 كۈن جاپالىق قورساق كۆتۈرۈپ بالا تۇغقاندىن كېيىن بەزى ئانىلارنىڭ كەيپىياتى تازا نورمال بولماي قالىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا كۆپچىلىك دىققىتىنى بالا تۇغۇشتىن بۇرۇنقى ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتىپ قانداق قىلغاندا ساغلام بوۋاق يەڭگىش مەسىلىسىنى مۇھىم بىلىدۇ. لېكىن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئانىنىڭ پىسخىكىسى ۋە كەيپىياتى باشقىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ.

28-مارت چۇڭچىڭدا بىر تىراگېدىيە يۈز بەردى. 30 ياشلىق بىر ياش ئانا تۇغۇلغىنىغا 100 كۈن بولمىغان بالىسىنى ئېلىپ بىنانىڭ 17-قەۋىتىدىن ئۆزىنى ئېتىۋالدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئايال تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كەيپىياتى ناچار ۋاقىتتا بەزى ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي 100 كۈنلۈك بولمىغان بالىسىنى كۆتۈرۈپ بىنانىڭ ئېگىز قەۋىتىدىن ئۆزىنى ئېتىۋالغان.
ئانىنىڭ كەيپىياتىنى توغرىلاشتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ دادىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرى دىققىتىنى تەبىئىيلا بالىغا قارىتىپ ئانىغا بولغان كۈيۈنۈش ئازىيىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئەر چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئايالىغا كۆيۈنۈشكە ئاجرىتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1.    ئاجىزلاپ كەتكەن تالنى قوغداش
بەزى ئادەملەر ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تال ۋە ھەزىم ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە شورپا، كۆكتات قايناتقاندا قاقىلە، ئاپېلسىن شۆپۈگى، قانتېپەر، پىچەكگۈل، ئاق پۇرچاق قاتارلىق تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىك ۋە خۇرۇچلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك.
2.    كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلاپ، كەڭ تەبىئەتكە بېرىپ گۈلنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندا خامۇشلۇقتىكى كۆپ خىل بېسىملارنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
3.    جىمجىت ئولتۇرۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، يۇگا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنى جىمجىت مۇھىتتا ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ چاغدا يۈرەك رېتىمى، تومۇرنىڭ سوقۇشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى چۈشۈپ، بەدەن تىنىچ بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.
بىز كۆزىمىزنى يۇمۇپ مەقسەتلىك ھالدا بۈگۈنكى خىزمەت، ئەتىدىكى پىلاننى قىلغىنىمىزدا روھىمىز ئىشەنچكە توشۇپ، تەبىئىي ھالدا ئەسەبىيلىكمۇ بىزدىن يىراققا كەتكەندەك ھېس قىلىمىز.
شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئانا بولماق ئاسان ئەمەس، شۇڭا ئانىلارغا ئازراق مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلساق خاتالاشقان بولمايمىز. بىر تەرەپتىن، ئانىنىڭ تۇغقىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ياخشى، ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى