ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
جوڭگودا قانچىلىك ئېغىر روھى كىسەل بار
ۋاقتى : 2015-10-14 17:08:37  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

جوڭگودا قانچىلىك ئېغىر روھى كىسەل بار

 

جۇڭگودا 4 مىليون 300 مىڭ ئېغىر روھىي كېسەللىك بىمارى بار

جەنۇب مەركىزىي شەھەر گېزىتى 9-ئۆكتەبىر خەۋىرى (ئوكيان تورى ئەرقىل تەرجىمىسى): مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئېغىر روھى كېسەللىك بىمارى 4 مىليون 297 مىڭغا يەتكەن. %96.9 بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر نورمال بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت سەۋىيەسى تولۇقسىزدىن تۆۋەنلەر %83.6 كە يەتكەن.

دۆلەتلىك ئېغىر روھىي كېسەللەرنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سېستىمىسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، كېسەللەرنىڭ ئەر - ئاياللىق نىسبىتى 1.07:1 ئىكەن. جەمەتىدە روھىي كېسەللىك تارىخى بولغانلار %4.67 كە، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تولۇقسىز ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەر %83.6 كە، 59-18 ياش ئارىسىدىكى ئەمگەك كۈچى %76.1 كە، بىمارلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتى %55.3 كە يەتكەن.
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيىتىشىچە، ئېغىر روھىي كېسەللىك بىمارلىرى جەمئىيەتتىكى ئىنتايىن ئاجىز بولغان كىشىلەر توپى بولۇپ سانىلىدىكەن. بۇ توپنىڭ نامراتلىق نىسبىتى يۇقىرى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن، داۋالاشقا بويسۇنىشى ئاجىز بولۇپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇلارغا بولغان قوللىشى كەمچىل ئىكەن.
يۇقىرىدىكى سېستىمىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2727 ناھىيەسىدىكى 57 مىڭ نەپەر ئابونت بۇ سېستىمىغا بىمارلارنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزگەن ۋە سېستىما ئارقىلىق داۋالاشتىن كېيىنكى بىمارنىڭ ئەھۋالىنى باشقۇرغان. بىمارلارنى كونترول قىلىش نىسبىتى %73.2 كە يېتىپ، %96.9 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن تۇراقلاشقان.
دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتە روھىي كېسەللىك كەسپىي سەھىيە ئاپپاراتىدىن 1650 ى، روھىي كېسەللىكلەر كارىۋىتىدىن 228 مىڭ يۈرۈش بولۇپ، ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 1.71 كارۋات توغرا كەلگەن. بۇ سان يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى (ھەر 10 مىڭ ئادەمگە 4.3 كارۋات) دىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدىكەن.
نۆۋەتتە روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 20 مىڭغا يەتكەن. يەنى ھەر 100 مىڭ ئادەمگە 1.49 دىن توغرا كەلگەن. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ بىن مۇخبىرغا:«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى سانىنى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرگە سېلىشتۇرغاندىمۇ، يەنىلا ئاز بولۇپ چىققان. ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ناھىيە رايونلىرىدا روھىي سەھىيە ئاپپاراتى يوق.»دەپ ئېيتقان. روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ كامچىل بولىشى بولسا روھىي سەھىيە ئاپپاراتى قۇرۇلماسلىقنىڭ بىر سەۋەبى.
مەملىكەتلىك روھىي سەۋىيە ئۇنۋېرسال باشقۇرۇش سىناق نۇقتا قۇرۇلۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بويىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغىچە، ھەر بىر يېزا- بازارنىڭ سەھىيە ئورنى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە روھىي كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش خادىمى بولىدىكەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىردىن روھىي سەھىيە تەربىيلىشىدىن ئۆتكەن ئومۇمىي كېسەللەر دوختۇرى بولىدىكەن.
ئوكيان تورى تەرجىمىسى