ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك كېسەللىك
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك كېسەللىك
ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى ۋە ئۇنى يېڭىش
ۋاقتى : 2015-02-17 09:27:48  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

بىر ئادەم كۈندە تەڭرىدىن ئۈزىنىڭ بىر ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەم بېرىشنى تىلەپ يالۋۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇزاق ۋاقىت توختىماي يالۋۇرۇپ نالە قىلىشىدىن تەسىرلەنگەن تەڭرى ئاخىرى ئۇنىڭ بىر تەلىپىنى ئورۇنداشقا ماقۇل بوپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىر تەلىپىنى ئورۇندىسا، ئۇ نېمە تەلەپ قىلغان بولسا قوشنىسىغىمۇ شۇ نەرسىدىن ئىككىنى بېرىدىغانلىقىنى شەرت قىپتۇ. ئۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قاپتۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا تەڭرىدىن سوراپتۇ: ئى تەڭرىم، سەن ماڭا بىر سېۋەت ئالتۇن بەرسەڭ، قوشنامغا ئىككى سىۋەت ئالتۇن، ماڭا بىر مو يەر بەرسەڭ ، ئۇنىڭغا ئىككى مو يەر، ماڭا بىر گۈزەل قىز ھەدىيە قىلساڭ، ئۇنىڭغا ئىككى قىز ھەدىيە قىلسۇن، شۇنداقمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ‹‹ شۇنداق، شۇنداق›› دەپتۇ تەڭرى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

‹‹ ياق، ياق، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. بۇنداق بولغاندا قوشنام ھەممە ئىشتا ئالدىمغا ئۈتۈۋالمامدۇ؟ مەن بۇنىڭغا قانداقمۇ چىدىيالايمەن. ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگىن، مەن ئويلىنىۋالاي›› دەپتۇ. ئۇ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى قارارىنى تەڭرىگە ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ سۈزىنى ئاڭلىغان تەڭرىمۇ ئۇنىڭ قارارىغا ھەيران قاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ ئادەم نېمە ئۈچۈنلىكىنى سوراپ تۇرۇۋاپتۇ.

تەڭرى:‹‹ خاتا ئاڭلىمىغان بولسام سەن ئۈزۈڭنىڭ بىر كۈزىنى ئويۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىڭ. سېنىڭچە بولغاندا مەن باشتىكى لەۋزىم بۇيىچە ئىش قىلسام ئاۋۋال سېنىڭ بىر كۈزۈڭنى ئويۇۋالسام، ئاندىن قوشناڭنىڭ ئىككى كۈزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى مەڭگۈ قاراڭغۇ زۇلمەتتە، يورۇقلۇقنى مەڭگۈ كۈرەلمەيدىغان مېيىپ ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن. شۇنداقمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ.

‹‹ شۇنداق، شۇنداق›› خۇشال بولۇپ توۋلاپتۇ ھېلىقى ئادەم.

‹‹ ياق، مەن بۇنداق قىلالمايمەن. مەن بىر ئاقكۈڭۈل ئادەمنى بۇنداق جازالاشنى خالىمايمەن. سېنى ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن مەڭگۈ كەمبەغەل ھالەتتە قالدۇرىمەن. سەندەك بىر بەندەمنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ...›› دەپلا كۈزىدىن غايىپ بوپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھېكايىدىكى ئادەملەر تۇرمۇشىمىزدىمۇ كۈپ ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئۈزلىرى ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە باشقىلارنىڭ ئېرىشىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار، ئوخشاش جىنىستىكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ. باشقىلار نەتىجە قازانسا ياكى ئۈزىدىن ئېشىپ كەتسە، قاتتىق ئارامسىزلىنىدۇ ھەمدە يالغان-ياۋىداق گەپ تېپىپ، باشقىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال سىزدىمۇ، مەندىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ھەسەتخورلۇقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟

ساپايىڭىزنى يۇقىرى كۈتۈرۈڭ، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، دائىم كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى ئويلايدىغان بۇلۇڭ.

ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ ئاسارىتىدە بۇغۇلۇپ يۈرمەڭ.

باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلسىمۇ، مېنىڭ ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ھەسەتخورلۇق قىلىشىمنىڭ ھېچىقانداق ئاساسى يوق، دېگەننى ئېسىڭىزدىن ھەرگىز چىقارماڭ.

باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىڭ، قايىل بولىدىغان يەرلىرىنى چۇقۇم مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈز ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بايقاشقا ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بۇلۇڭ. دائىم، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قابىلىيىتى بولسا، مېنىڭ ماۋۇ جەھەتتە قابىلىيىتىم بارغۇ، بۇ ئىشتىن ئۇ نەتىجە قازانغان بولسا، ماۋۇ ئىشتا مەن نەتىجە قازىنالىشىم مۇمكىن، دەپ ئۈز-ئۈزىڭىزگە تەسەللى بېرىپ بېقىڭ.

يېقىن دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرىشنىڭ ئۈزىڭىزدىكى ھەسەتخورلۇق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى تۈۋەنلىتىشكە ئوبدانلا پايدىسى تېگىدۇ. دىققەت نەزىرىڭىزنى باشقا ياققا بۇرايدىغان پائالىيەتلەر بىلەن، يەنى شاخمات ئويناش، ناخشا ئېيتىش، سەيلە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ بېرىڭ.