ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە پىسخىكا
ۋاقتى : 2015-04-23 10:26:27  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە پىسخىكا تەربىيە


ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزلىرىنى تەربىيىلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشى كېرەك. چۈنكى، پىسخىكا تەربىيە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەيپىياتىنى باشقۇرۇشقا ماھىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىز سەۋەپلىك پەيدا بولىدىغان پاسسىپ كەيپىياتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پىسخىك تەربىيە ئادەمگە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشنى، رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشنى، ئەيدىزنىڭ ئادەمنىڭ ئىدىيە-روھىغا دۈشمەنلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقنى، ئۈمىدۋار بولۇشنى، ئاكتىپ پۇزىتسىيە بىلەن ئەيدىزنىڭ ئادەمنى چىرمىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىكنى، يۇقۇتىۋېتىش قولىدىن كەلمەيدىغان يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزنىڭ غېمىنى قىلىۋەرمەي، بەلكى قولىدىن كېلىدىغان ئەيدىز توغرىلىق ساۋاتلارنى، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى، ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان دورا ئارقىلىق داۋالىنىشنى، ئۆزىنى كەمسىتىپ باشقىلاردىن قېچىپ يۈرمەسلىكنى، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشنى، جەمىيەتتىن ئاغرىنماسلىقنى، تەغدىرىدىن چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكنى، مىنۇت-سىكىنۇتلۇق ھاياتىنى قەدىرلەپ ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىنى... دېگەندەك نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ پىسخىكىسىنى تاۋلايدۇ. پىسخىك تەربىيە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مىجەز-خارەكتېرىنى كۈچلۈك قىلىپ، ئۇلارنى ئەيدىزدىن قۇرقۇپ يۈرمەيدىغان، ئەيدىزگە بوزەك بولمايدىغان ئىدىيە-پۇزىتسىيەگە ئىگە قىلىدۇ. دېمىسىمۇ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىزگە ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە، شۇنداقلا ھاياتىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى دۈچ كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر مەسىلىدۇر. چۈنكى، ئادەمنىڭ جىسمىغا چاپلاشقان ئەيدىز ئادەمنىڭ پىسخىك-روھى ھالىتىگە ئەڭ كۈچلۈك زەربە بىرىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 
ھاياتلىقتا ئۆز جىسمىنىڭ ئېھتىياج-ئىستەكلىرىنى باشقۇرالمايدىغان ئادەملەردىن، ئۆزلىرىنىڭ پىسخىك-روھى ھالىتىنى باشقۇرالماي ھاياتىغا بىكاردىن زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەملەر كۆپ بولىدۇ. يەنى، ئادەم ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇنىڭ روھى-جېنى چىقىپ كەتكەن بىلەن، ئەمما تەن-جىسمى يوقاپ كەتمەيدۇ. دېمەك، ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ روھى-پىسخىك ھالىتىدۇر. ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش-ساياھەت، خىلمۇ-خىل سەنئەت مەھسۇلات-پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمان بولۇشىمۇ، ئەقىدە-ئېتىقات جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشىمۇ،  ئىنسانلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنى مائارىپ بىلەن تەربىيەلىشىمۇ ئۆزلىرىنى روھى-پىسخىك جەھەتتىن كۈچەيتىش ھەم تەڭشەشتۇر. 
  ھەممىمىزگە مەلۇم، جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىزدەك مەرەز يۇقۇملۇق كېسەل  بىلەن يۇقۇملانمىغان ھالەتتىكى پىسخىكىسىدىن مەسىلە كىلىپ چىققان، پىسخىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي يۈرگەن، پىسخىك تەربىيەلىنىشنى قۇبۇل قىلىپ يۈرگەن، ھەتتا روھى كېسەل، نىرۋا كېسەل بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ پىسخىك-روھى ھالىتىنى سېلىشتۇرساق، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ پىسخىك تەربىيەگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆزلىرى ئاكتىپىلىق بىلەن پىسخىك تەلىم-تەربىيە ئېلىشى، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ قولى بولۇپ جېنىنى قىينىماي تەربىيەلىنىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى، دوست-يارانلىرى ئۇلارنى پىسخىك تەربىيە مۇھىتى بىلەن ئۇچراشتۇرىشى، جەمىيەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلى ئاپاراتلىرىمۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى قەرەللىك ھالدا پىسخىك تەلىم-تەربىيەدىن بەھرىمان قىلىشى، شۇنداقلا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرمۇ يېنىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇئەييەن پىسخىك تەربىيەلىنىش ئارقىلىق بىلىدىغان بولۇشى، قىسقىسى، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پىسخىك تەلىم-تەربىيە كىتابلىرىنى دائىملىق كۆرۈش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنى توغرا پىسخىكا جەھەتتىن كۈچلۈندۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆزلىرىنى روھى-پىسخىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى بىلمىسە ھەم خالىمسا، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» ھالەتتە، جىسمىغا چاپلاشقان ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئۈستىگە يەنە زۆرۈر بولمىغان پايدىسى يوق ئېغىر روھى بېسىمنى يۈكلىۋېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئادەمنىڭ جىسمىدىكى ئەيدىز يۇقۇمى ئادەمدىكى روھى بېسىمدىن قورقۇپ قالمايدۇ، ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ. بەلكى، روھى بېسىمنىڭ ئەيدىزنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا ياردىمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى روھى بېسىمغا قۇل بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پىسخىك جەھەتتىن تەربىيەلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ھەم ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ئەيدىز سوزۇلما خارەكتېرلىق ھالەتتە بولۇپ، ئون يىللار، ھەتتا نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، پىسخىك جەھەتتىن ئۆزلىرىنى كۈچەيتىپ-تاۋلاپ تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانلار ئۆز جىسىمىدىكى ئەيدىزنى ئۇنچە چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان ھاياتلىق قارىشىغا كۆنۈپ قېلىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇنداق، ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىزنى ھەممىدىن چوڭ بىلىۋالمايدىغان تۇنۇشقا كەلگەندە، ئاندىن خۇددى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئادەمدەك نۇرمال تۇرمۇشقا سىڭىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەيدىز ئۆزى چاپلاشقان ئادەملەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان بولۇش ئۈچۈن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پىسخىك تەربىيەلىنىشى كېرەك.