ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
ئەگەر سىز ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟
ۋاقتى : 2017-11-15 22:04:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

27.jpg

 ئەگەر سىز ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۋالغان بولسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار تۇرمۇش ۋە كەيپىيات جەھەتتە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.لېكىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۋالغانلىق،ھەرگىزمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئەمەس.ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئادەم ئورگانىزىمىدا مەلۇم مەزگىل يوشۇرۇن تۇرىدۇ.يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرغان مەزگىلدە ساق ئادەملەر بىلەن پەرقى بولمايدۇ.ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەسىلە كېسەلنىڭ يېتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش،شۇنداقلا ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ،ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ تېزدىن كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت .
پەقەت تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا بۇ ئىككى ئىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .1)پاكىتنى قۇبۇل قىلىش،ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىك.پسىخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش،ئۆزىنى خوشال تۇتۇش .2)قەرەرلىك تۈردە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۇش، دوختۇرنىڭ يىتەكچىلىگىنى قوبۇل قىلىش لازىم .3)يۇقۇملىنىش ۋە تىرىنىڭ زەخمىنلىشىدىن ساقلىنىش،پائال تۈردە قاراتمىلىغى بولغان داۋالىنىشنى يولغا قويۇش .4)ئەگەر سالامەتلىگى ياخشى بولسىلا داۋاملىق ئىشلەشكە بولىدۇ.ئىشلەشكە،ئەمگەك قىلىشقا بولىدۇ.بۇ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ پسىخىك سالامەتلىگىڭىزگە پايدىلىق،شۇنداقلا ئىقتىسادىي كىرىمنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق .5)خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قەتىئىي ئۆزگەرتىش .6)تولۇق ئۇزۇقلىنىش ۋە يىتەرلىك دەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش .7)تاماكا،ھاراقنى تاشلاش،مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش،تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش . مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغاندىلا ئەيدىز كېسىلنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە كەينىگە سۈرۈپ،ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى:ئىنسانىيەت ھامان ئەيدىز كېسىلى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .

yyyyyyyyy.jpg