ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
گىپنوزنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
ۋاقتى : 2014-01-25 10:44:27  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

گىپنوزنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ


  مەلۈم پائالىيەتتە ئۆزىنى گىپنوز ئۇستىسى، دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەن گىپنوزلۇق ماھارىتى كۆرسىتىپ ئىككى قىزنى نەق مەيداندا ئۇخلىتىپ، بىردەمدىن كېيىن ئويغاتقان. گىپنوز ئۇستىسى رىشات(ئۆزگەرتىلگەن)قا بىر ۋاراقنى بەرگەن. ئۇنىڭغا: «قانداق قىلىپ 10 مىنۇتتا گىپنوز ئارقىلىىق يېقىننى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ 30سېكۇنتتا بىرىنى گىپنوزلاش ئارقىلىق يەرگە يىقىتقلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ بىرنەچچەئېغىز گەپ بىلەنلا قارشى تەرەپنىڭ نېرۋىسىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ گىپنوز ئارقىلىق سېمىزلەرنى ئورۇقلاتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلىپ دەقىقە ئىچىدە بىراۋانى گىپنوزلاپ، كۆزىنى ئاچالمايدىغان، گەپمۇ قىلالمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ»دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغان. رىشات گىپنوز ئۈستىدىن  گىپنوزلۇق ماھارىتىنى قانداق قىلغاندا ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ:

  -تەربىيەلەش مەركىزىمىزگە 8000 يۈەن تۆلىسىڭزلا گىپنوزلۇقنى ئىككى كۈندە ئۆگىتىۋېتىمىز، گىپنوزلۇق ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، نۇرغۇن پۇل تاپالايسىز،- دېگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن مەسئۇل ۋىراچ شاۋكەت سۇلتان گىپنوز ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

  -گىپنوز قىلىش ئادەم ۋە ھايۋانلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە سىلاش سېزىمى ئارقىلىق غىدىقلاپ، يېرىم ئۇيقۇ  ھالىتىگە كەلتۈرىدىغان جەريان بولۇپ، بۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى ئادەتتىكى ئۇخلاشقا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئادەمدە ئازادىلىك ھېس قىلدۇرۇش، يەككە غىدىقلاش، دىققەتنى يىغىش، ئويلاش قاتارلىق ئىلھاملاندۇرۇش شەكىللىرى ئارقىلىق پەيدا قىلىنىدىغان ھەم ئۇيقۇ، ھەم ئويغاق ھالەتتىكى ئاڭ غۈۋالىشىدىغان پىسخىك ھالەتتۇر. گىپنوز قىلىنىش جەريانىدا گىپنوزلانغۇچىدا مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىداى ئاجىزلىشىدۇ ياكى يوقىلىدۇ، تۇيغۇ، سېزىمىدا ئېغىپ كېتىش  بولىدۇ. گىپنوزنىڭ ئاجىز- كۈچلۈكلۈكى گىپنوز ئۇستىسىنىڭ ماھارىتىنى ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. گىپنوزنى ئاممىۋى سورۇنلاردا كارامەت كۆرسىتىدىغانغا، ئۆزىنى نامايان قىلىدىغانغا ئىشلىتشكە، خالىغاچە قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئۇنداقتا، گىپنوز قىلغۇچىلار قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ گىپنوز قىلىش توغرا بولمىغان قانداق ئاقىۋەتلەرنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

  ئاپتونوم رايۇنلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەربىيەلەش بۆلۈمىدىن 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى گۈلباھار قاسىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

  -بىلىشىمچە، چەت ئەللەردە ئون يىلدىن يۇقىرى دوختۇلۇق تارىخى بولغانلار گپنوز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، دېگەندەك بىرقاتار يۇقىرى ئۆلچەملەر بار. مەملىكىتىمىزدە يېتەكچىلىك قىلىش كىنىشكىسى بولسا، پىسخىكىلىق تەربىيەلەش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ، ھەقىقەتەن گىپنوز قىلىش تەس ئەمەس، ئەمما يېڭىلا گىپنوز قىلىشنى ئۆگەنگەنلەر مەلۈم بىر نورمال ئادەمنى گىپنوز قىلغاندا  گىپنوز ئۇسۇلىنى تۇغرا ئىشلەتمىسە، گىپنوز قىلىنغۇچى ئەسلىدىكى روھىي ھالىتى بىلەن گىپنوز قىلغۇچى باشلىغان روھىي ھالەت ئوتتۇرىسىدا گاڭگىراپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گىپنوز قىلىنغۇچىدا ناچار كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ، بۇ خىل ناچار كەيپىيات شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە زەھەر پەيدا قىلىپ، ئېغىر قەلب زەخمىسى پەيدا قىلغاندىن باشقا، جىسمانىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ناچار كەيپىيات گىپىنوز قىلغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. خاتا يېتەكلەش ۋە خاتا چۈشەندۈرۈشتىن كېلىپ چىققان قەلب زەخمىسىنىڭ ئېغر-يېنىكلىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى پىسخىكا ئىلمى، جۈملىدىن گىپىنوز قىلش ئادەمنىڭ قەلبىگە بۆسۈپ كىرىدىغان  ئىلىم بولغاچقا، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، گىپنوز قىلشتا قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا  كەلتۈرۈۋالسىلا، گىپنوز قىلغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۇنچىلىك سىرلىق نەرسە ئەمەس، بىراق داۋالاش جەريانى ئۈنچىۋالا ئاسان ئەمەس. ئىساننى تەن، روھ، قەلبتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن دېسەك، قەلبنى ياشلىققا، روھنى شوپۇرغا، تەننى ئاپتوموبىلغا ئوخشىتىش مۇمكىن. قەلب بىلەن روھ بىرلەشكەندە، مەنزىلگە بارغىلى بولىدۇ. قەلب بىلەن روھنىڭ ئارىسىغا كۆپ نەرسە كىرىۋالسا، قەلبنىڭ ئىشىكى ئېتىلىپ قالىدۇ -دە، روھ نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرۈۋېرىدۇ، تەن ئۇپرايدۇ. نەۋادا بىرەيلەن گىپنوز قىلىش جەريانىدا ئۆزى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر زەخمە ياكى ئەسلمسىنى ئاشكارىلىغاندا گىپنوز قىلغۇچى قانداق داۋالاشنى بىلمەي، توغرا يېتەكلىيەلمەي، خاتا بىشارەت بېرىپ قويسا، گىپنوزلانغۇچىنى يا بۇرۇنقى ھالىتىگە، يا يېڭى بىر ھالەتكە ئەكېلەلمەي، ناھايىتى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغاندا، گىپنوزلانغۇچى ئېلىشپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا توغرا يېتەكلەش، مەسىلىنى توغرا يېشىش تولىمۇ زۆرۈر.

  گىپنوز قىلىش قانداقتۇر نوقۇل ھالدىكى كېسەل داۋالايدىغان ئۇسۇل ئەمەس، تۇرمۇشتىكى مەلۈم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلارنى گىپنوز ئارقىلىق داۋالىسا بولىدۇ.