ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىشنىڭ مۇھىملىقى
ۋاقتى : 2017-07-10 16:40:56  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 دورىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىشنىڭ مۇھىملىقى(دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك)"ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"پەقەت دورىنىڭ بەدەندىكى مىقدارى مەلۇم سەۋىيىنى ساقلاپ قالالىغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ.بۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يولى-دورىنى ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا ئىچىش.ئەگەر دورىنى كۆرسەتمە بويىچە ۋاقتىدا ئىچمىسىڭىز،داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ،شۇنداقلا بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى دورىغا نىسبەتەن بىر خىل قارشىلىق كۈچى شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ-دە،ئاخىرىدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى تاللاش پۇرسىتىڭىز قالمايدۇ.(چۈنكى:يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك"ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"بىر قانچە دورىلارنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ،ئەگەر بەدەندىكى ۋىرۇس ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل دورىغا نىسبەتەن چىدامچانلىق شەكىللەندۈرۈۋالسا،بۇ دورىنى يەنە داۋاملىق ئىشلەتكەن بىلەنمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تۈرلۈك دورىغا ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىسىز-دە،بىر تۈرلۈك داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىڭىز دېگەن گەپ)

yyyyyyyyy.jpg