ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى : 2017-05-10 18:47:32  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

    ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بىر چوڭ بەخىتسىزلىك.بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۋالغانلار تۇرمۇشتا نۇرغۇن مەسىلەرگە يولۇقىدۇ.دەسلەپتە ئەيدىزنىڭ يۇشۇرۇن دەۋىرى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقتىن سالامەتلىك جەھەتتە ئىچ قانداق بىر بىنۇرمانلىق كۆرۈلمەيدۇ،لېكىن پىسخىكىلىق ۋە جەمئىيەتتىن كەلگەن بىسىم بىر قەدەر كۆچلۈك بولىدۇ.شۇڭا بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەر چوقۇم ئەمەلىيەتكە توغرا قارىشى كىرەك.

    بۇ كېسەلنى دەسلەپتە تەكشۈرۈپ ۋىرۇستىن يۇقۇملارنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ۋاقتىدا ئەمەلىيەتكە ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمانلىنىپ قايتا تەكشۇرتىدۇ،خاتا تەكشۈرلۈپ قىلىنغان بولسا دەپ شۇنداق ئارزۇ قىلىدۇ،لېكىن بۇ ئەمەلىيەت،بۇ قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان پاجىئەگە ئايلىنىدۇ.ئۇلار ھەر جايدىن بۇ كېسەلگە شىپالىق ئىزدەيدۇ،نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆرىدۇ،...........ئۆز بەدىندە ئەيدىز كېسىلى قۇزغالغاندەك تۇيۇلۇپ شۇنداق ئەندىشە قىلىدۇ.يۇقۇملانغۇچىلار ھەر تەرەپتىن كەلگەن شۇم خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ،قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ،غەزەپلىنىدۇ،ئاللانىڭ ئۇنى بىر قىتىم كەچۈرشىنى،ئەيدىزنىڭ ئۇنىڭ تىنىدىن مۆجىزىلەرچە يوقۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ......لېكىن ...... بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بولسا ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ،لېكىن يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر بۇ پىسخىكىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدۇ،ئەڭ ئاخىردا مەجبۇرى ھالدا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدۇ،پەقەت ئۆزىنىڭ بىر ئەيدىز بىمارى سالايىتى بىلەن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن،ھەمدە بىر خىل يىرگىنىش،قورقۇش قاتارلىقلار سەۋەبى ئۇلاردا ئەيدىز بىمارىغا قارتا كەمستىش پەيدا بولىدۇ.قاتتىق كەمستىش بولسا يۇقۇملانغۇچى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بەخىتسىزلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.

    دۆلىتىمىزدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارتا بىر قاتار ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەت يولغا قويۇلغان بولۇپ،ئالدى بىلەن قانداق يۇقۇملانغانغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دوختۇر،سىتىرا،دوختۇرخانا خادىمىلىرى مەخپىي تۇتۇشى،جەمئىيەتكىلەرنىڭ ئۇلارنى كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. داۋالاش خادىملىرى بىمار داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلغاندا چوقۇم داۋالاش ئېلىپ بىرىشى كېرەك،داۋالاشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇملانغۇچىلار داۋالىغۇچى خادىملارغا يىقىندا ھەمكارلىشى،قەرەللىك داۋالىتىشى ۋە تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشى،ھەمدە دۆلەتنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇش نىزامنى ئىجرا قىلىپ كېسەلنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg