ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك داۋالاش
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىك داۋالاش
قۇلاقنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش
ۋاقتى : 2017-04-17 12:22:54  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 

    1. يۈرەك سانجىقى. قۇلاقنىڭ ئاستىنقى ئويمىنى كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار بىلەن تۇتىشىدىغان بولۇپ، يۈرەك سانجىقى قوزغالغاندا جىددىيلەشمەستىن كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئۈستۈنكى بەدەننى سەل كۆتۈرۈپ، قۇلاقنىڭ ئاستىنقى ئويمىنىنى بېسىپ بەرسە، يۈرەك سانجىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
    2. ھېق تۇتۇش.ھېق تۇتۇش ئاشقازان ئاجىزلىقتىن ۋە يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېگەنلىكتىن بولىدۇ. قۇلاقنىڭ ئۈستۈنكى ئويمىنى قورساق قىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ھەم بۆرەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ.
    3. ئۇيقۇسىزلىق. ئۇيقۇسىزلىق ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولىدۇ. ئۇخلىيالمىغاندا قۇلاقنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئويمىنىنى بېسىپ بەرسە ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
    4. پۇت-قول ئاغرىش، پۇت-قول ئاغرىغاندا، قۇلاق يۆگۈمىكىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.