ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى دېگىنىمىز قانداق پىسخىكا؟
ۋاقتى : 2018-05-19 17:08:01  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20180405184019898.jpg

 «مەن ئېرىشەلمىگەنگە سەن ئېرىشىۋالساڭ بولمايدۇ، ئەگەر سەن ئېرىشسەڭ، مەن بىئارام بولىمەن...» كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم دېگۈدەك مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچرايمىز، مەسىلەن مۇھەببەتلىشىش، ئايرىلىپ كەتكەن ھەمرىيى، ئەگەر سابىق قىز ياكى ئوغۇل دوستىنىڭ يېڭىدىن يۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرگەندە ھەسەت قىلىش تۇيغۇسىدا بولۇش، ھەتتا قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلاش قاتارلىقلار. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟

بۇ ئارىدا مۇنداق بىر لوگىكا بار: مەن ئالمىغان نەرسە يەنىلا مېنىڭ، سەن ئېلىۋالساڭ مېنىڭ نەرسەمنى ئېلىۋالغان بولىسەن، بۇ مېنىڭكىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىق بولىدۇ، ماڭا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇ چاغدا سەن مېنىڭ دۈشمىنىم بولىسەن، شۇڭا سېنى ئۇجۇقتۇرىۋېتىمەن.

بۇ مىسال ئادەمگە ھەم شەيئىلەرگە قارىتىلغان بولىدۇ، سەن مەندە يوق بولغان نەرسىنى ئېلىۋالساڭ بولمايدۇ، ئۇ چاغدا ئىككىمىزدە ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ، مەن ئالمىغان نەرسىنى سەنمۇ ئالساڭ بولمايدۇ، ئەگەر سەن مەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىساڭلا، بۇنى مەن قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىساڭ، سەندە سۇبيېكتىپ يامان غەرەز بولغان بولىدۇ-دە، سەن ئەسكى ئادەمگە ئايلىنىسەن، مەن ئالمىدىم، مەن ياخشى، ياخشى ئادەم چوقۇم ئەسكى ئادەمنى يوقىتىشى كېرەك.

ئادەمدە نېمىشقا بۇنداق لوگىكا شەكىللىنىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بەلكىم مۇشۇنداق ئادەمنىڭ قەلبىدە سىغدۇرۇشچانلىق يوق، ئەكسىچە قەلبىدىكى دۈشمەنلىك كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ كەتكەن.

بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى بۇ مەزمۇنلار تاشقى دۇنياغا پرويېكسىيەلەنگەندە، سىرتقا قارىتا ئۆچمەنلىك شەكىللىنىدۇ، سىرتتىكى كىشىلەرنى يامان غەرەزدە بولدى، ئۇلارنىڭ يامان مۇددىئاسى بار، مېنىڭ نەرسەمنى ئىگەللىۋالماقچى دەپ قاراپ، شۇڭا ئۇلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇنى داۋالاشتىكى ئاساس بولسا ئۆزىنىڭ قەلبىنى تونۇش بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مەسىلە كۆرۈلگەن قەلبىدىن چىقىپ كەتكەندىلا تىنچ ۋە ئازادە ھالدا دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى.

230653b386d76fbd9e2bf3ed9606058e.jpg