ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت
ۋاقتى : 2018-01-14 01:34:39  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ھازىر ھەر قايسى مەكتەپلەر كەينى كەينىدىن مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئېلىشنى باشلىدى.

بالىلار جىددىي ھالەتتە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلارغا ئوقۇش جەھەتتە ياردەمدە بولۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئىمتىھان نەتىجىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى.

ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوخشاش بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان بالىلارنىڭ نەتىجىسى نېمىشقا ئوخشاش بولمايدۇ؟ نېمىشقا بەزى ساۋاقداشلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى، بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ئوتتۇراھال، يەنە بەزى ساۋاقداشلارنىڭ ناچار چىقىپ قالىدۇ؟

بۇ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ سەۋەبىمۇ ياكى ئوخشاش بولمىغان تىرىشچانلىقنىڭ سەۋەبىمۇ ۋە ياكى ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىمۇ؟

تۆۋەندىكىسى 20 يىللىق نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتكەن خېتى؛

بۇ خەت نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ «قانداق قىلىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇشى مۇمكىن.

بۇ تەكلىپ پىكىرلەر ئوقۇتقۇچىنىڭ 20 يىللىق خىزمەت نەتىجىسى ۋە ئىزدىنىشى ئاساستا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئاتا-ئانىلار:

سىلەر راستىنلا بالىلىرىڭلارنى چۈشىنەمسىلەر؟

بالىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇشىنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى ئەمەس، بىر قېتىملىق ماختاش ۋە بىر قېتىملىق تەنقىدلەش بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلالمايدۇ. بالىلاردىن دائىم غەم يېيىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ.

بىرىنچى:

سىنىپتىكى دەرستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە بىرىنچى بولۇپ قول كۆتۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە قول كۆتۈرمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار دەرستە ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار دېگەنلىك ئەمەس.

سىنىپتىكى بىرىنچى بولۇپ قول كۆتۈرىدىغان بالىلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلارنىڭ مىجەزى بىرئاز ئالدىراقسان، كاللىسىدا مۈجمەل جاۋاب كەلسىلا بىرىنچى بولۇپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايدۇ.

بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سىزنىڭ بالىلىرىڭىزمۇ شۇ خىل تۈرگە كىرسە ئۇلارنىڭ مىجەزىنىڭ ئېغىر بېسىق بولۇشىغا ياردەم قىلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئۇلارنى مەشىقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، جىم ئولتۇرۇش ياكى ھۆسىن خەت مەشىق قىلىش قاتارلىق سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر.

ئەگەر بالىلىرىڭىز يىل بويى سۆز قىلماي يۈرسە دېمەك ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىشى ۋە ئۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەنقىدىي تەربىيىنى ئازايتىش كېرەك.

ئىككىنچى:

دەرس ۋاقتىدا مەشىق قەغىزىنى (ياكى ئىمتىھان قەغىزىنى) ئىزدەش تېزلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەشىق قەغىزىنى قانچە تېز تاپقان ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ھەر قېتىم ئىمتىھان قەغىزىنى چۈشەندۈرىدىغان چاغدا، ئىمتىھان قەغىزىنى تېز سۈرئەتتە سومكىسىدىن تېپىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتى بار، ئۇلار مەشىق قەغىزى ياكى ئىمتىھان قەغىزىنى تۈرلەر بويىچە رەتلەپ سومكىسىغا سالىدۇ. نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىلار بولسا ئىمتىھان قەغىزىنى خالىغان بىر كىتاب ئىچىگە قىستۇرۇپ قويىدۇ، ئىشلىتىدىغان چاغدا، نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ.

بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ياردەملىشىپ، ماتېرىيال رەتلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تۈرى ۋە ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئوخشاش بولمىغان ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە رەتلىك قاچىلاشنى ئۆگىتىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بىر جەھەتتىن دەرس ئاڭلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن ماتېرىياللارنى رەتلەش جەريانى قايتا تەكرار قىلىش جەريانى دېگەنلىكتۇر.

ئادەتتە ئۆيدە بالىلارنى ئۆي رەتلەشكە ياردەملەشتۈرگۈزۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەرتىپ ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا پايدىلىق.

ئۈچىنچى:

كەچتە 12دىن كېيىن ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆگىنىشى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئەمەس.

ئىلگىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىنى تەكشۈرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى، ئادەتتە نەتىجىسى بىر قەدەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار سائەت 12دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولىدىكەن، نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىلار بولسا ئۇلارغا قارىغاندا ۋاقچىراق ئۇخلايدىكەن.

نەتىجىسى ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى تىرىشىدۇ، ئۇلار ۋاقىتقا جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇخلاش ۋاقتى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن دەرس ۋاقتىدا روھسىزلىنىپ، مۈگدەپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىسى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ.

بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم، بۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى ئۇلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى يوق بولغانلىقتىن نەتىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىلىرىڭىزمۇ مۇشۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ ھالىنىمۇ چۈشىنىپ قويۇڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سائەت 12دىن بۇرۇن ۋاقتىدا ئۇخلىشىدا قەتىي چىڭ تۇرۇڭ.

مەلۇم بىر مائارىپ تەتقىقات ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە ناچار بولۇپ قېلىشىغا دەرس ۋاقتىدا دىققىتى چېچىلىپ كېتىشى سەۋەبچى بولغان ئىكەن. ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاش ھەر قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىن مۇھىمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دەرسخانىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى:

نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى قايتا تەكرارلاپ قالىدۇ، لېكىن ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قېتىملىق خاتالىقنى قايتا ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ.

مەلۇم ئىككى ئوقۇغۇچى ئوخشاش نەتىجە بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەن.

تۇنجى قېتىملىق چارەكلىك ئىمتىھاندىن كېيىن ئا ساۋاقداش خاتا سوئالنى دەپتىرىگە توغرىلاپ رەتلىك خاتىرە قالدۇرغان. ب ساۋاقداش بولسا پەقەتلا ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئۈستىگە جاۋابىنى توغرىلاپ قويغان. كېيىنكى قېتىملىق ئىمتىھاندا بۇ سوئال يەنە تەكرارلانغان نەتىجىدە ئا ئوقۇغۇچى بۇ سوئالنى توغرا ئىشلىگەن، ب ئوقۇغۇچى بولسا يەنىلا خاتا ئىشلىگەن.

بۇ جەھەتتە ئاتا ئانىلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەڭ ياخشىسى بالىلىرىڭىز ئۈچۈن «خاتا سوئاللار خاتىرىسى» ھازىرلاپ بېرىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېشەلمىگەن مەسىلىلەرنى خاتىرلەپ مېڭىشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى نەتىجىسىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى سەۋەبىنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلە نۇقتىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەنلىكى ۋە مەسىلىلەرنى تولۇق ھەزىم قىلالىغانلىقىدا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

بەشىنچى:

ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ سانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ئەڭ كۆپ، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا ئۇلارنىڭكىگە قارىغاندا ئازراق بولىدۇ.

گەرچە نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېتىۋالغان ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار ماتېرىياللارنى تولۇق ئىشلەپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ماتېرىياللارنىڭ ئۈسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ھەر خىل رەڭلىك قەلەملەر بىلەن خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ مەكتەپ تارقاتقانئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ چىقىدۇ. ماتېرىياللارنى كۆپ سېتىۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى ماتېرىياللىرى ئىشلەنمەي يېڭى پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ، ھەر بىر ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئىشلەپلا تاشلاپ قويۇپ باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلەشكە باشلايدۇ ۋە بۇ خىل ئادىتىنى تەكرارلاپ ماڭىدۇ.

بۇ جەھەتتە ئاتا ئانىلارغا ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى، بالىلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ماتېرىيال تاللاش كېرەك. دەرستە ئەلا ئوقۇغۇچىلار قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ماتېرىياللارنى، ئوتتۇراھال ئوقۇغۇچىلار بولسا مۇۋاپىق قېلىنلىقتىكى تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى تاللاش كېرەك، دەرستە بىر قەدەر ناچار ئوقۇغۇچىلار بولسا ئاۋۋال دەرسنىڭ مەزمۇنىنى ياخشى ئىگىلەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرس ئۆتۈش قەدىمىگە يېقىنلىشىشى، مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى كۆپ ئاڭلاپ، قانۇنلۇق نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تەكرارلاش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىشى، سوئال ئىشلەپ ئەڭ ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى توغرا تەھلىل قىلىپ ئۆزىنىڭ بىلىمى قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەش ئەڭ مۇھىمدۇر.

ئالتىنچى:

دەرستىن چۈشكەندە باشقىلارغا ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقنى تەكرارلىشىپ بېرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردۇر.

ھەر قېتىم دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سىنىپ ئىچىدە دائىم بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاقداشلارغا ياردەم قىلىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئادەتتە ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردۇر.

بۇ جەھەتتە ئاتا ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، باشقا ساۋاقداشلارغا ياردەملىشىپ دەرس تەكرار قىلغاندا كۈندىلىك ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمۇ قايتا بىر قېتىم تەكرار قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بۇلۇڭى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باشقا ساۋاقداشلارغا ياردەملىشىپ دەرس تەكرارلاپ بېرىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان «ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى» شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش، تۈپ مەنىسىدىن ئېيتقاندا ئۆگىنىش ئۇسسۇلىنى سېلىشتۇرۇشتۇر. ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر قانداق شارائىت ئاستىدا ئەلا بولغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. نۇرغۇن ئاتا ئانىلار ھەر قېتىم بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ.

يۇقارقىلاردىن سىرت ئاتا-ئانىلار يەنە تۆۋەندىكى ئىشلارغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

بىرىنچى:

ئوخشاش سىنىپتىكى ئىككى بالىنىڭ ئارىسىدىكى رىقابەت ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە پىسخىكا رىقابىتى. ئادەتتە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلمەي ئاخىرقى نەتىجىدە بالىلىرىغا غەزەپلىنىش مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئىككىنچى:

ئاتا-ئانىلار ئۆيدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بالىلىرىڭىز مەكتەپتە ئۆگىنىپ ھېرىپ قايتىپ كەلگەندە سىز ئۇلارغا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرەلمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدىمۇ ئەلۋەتتە بىراز داۋالغۇشلار پەيدا بولىدۇ. 

ئۈچىنچى:

بالىلىرىڭىزنى بىرىنچى بولۇشقا قىستىماڭ، بىرىنچىلىكنىڭ پەقەت بىرلا ئورنى بار، لېكىن كەلگۈسى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تاللاشلار خىلمۇ خىلدۇر.

ئەگەر ئۇلارنى چوقۇم زورلىسىڭىز ئۇلار ياكى ئۆزىنى ئۆگىنىشتىن ئېلىپ قاچىدۇ ياكى دۇنيادىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە سىز توشتۇرغان ئوتنى ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىرلىشىپ ئۆچۈرەلمەيدۇ.

تۆتىنچى:

ئەگەر بالىلىرىڭىزنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىسىڭىز، كىتابنى كۆپ كۆرىدىغان ئاتا-ئانىغا ئايلىنىڭ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى بۈگۈندىن باشلاڭ. بالىلىرىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ تىنچ مۇھىتتا كىتاب ئوقۇڭ. ئەگەر ئۆزىڭىز بېسىپ ئولتۇرۇپ يېرىم سائەت كىتاب كۆرەلمىسىڭىز، يەنە نېمە دەپ بالىلىرىڭىزغا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىسىز؟

بەشىنچى:

ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئاساسىي بىلىملەر، ئوقۇش ياكى يېزىقچىلىق جەھەتتە بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقتۇر. تىللاردا دېيىلىۋاتقان ئەقلى ئىقتىدار ئەمەلىيەتتە دەل ئوقۇش ئىقتىدارىدۇر.

ئالتىنچى:

بىر قېتىملىق ئىمتىھان نومۇرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇپ قېلىشى تاسادىپىيلىقتۇر. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى تەبىئىي ھالدا بالىلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

مائارىپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاھىدە ماسلىشىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا تەبىئىيلا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ئادىللىق بولىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارغا ماسلاشمىسا، ئوقۇتقۇچىلار ھەر قانچە كۈچىسىمۇ تامامەن پايدىسىزدۇر.

يەتتىنچى:

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىشتە تايىنىدىغىنى تالانتتىن باشقا يەنە ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش خاراكتېرى ۋە بىلىم ئېلىش ئىستىكىدۇر. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن يۇقارقى ئامىللار ئىنتايىن مۇھىم.

سەككىزىنچى:

ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر قانداق ئادەمدىن ياخشى بىلىمەن، لېكىن ئۆگىنىش نەتىجىسىدىنمۇ مۇھىم بولغان نەرسىنى مەن ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

بىرىنچى، بالىلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، بالىلار دۇرۇس، تىرىشچان بولۇشى كېرەك. 

ئۈچىنچى، بالىلاردا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇنى مۇستەقىل يېڭىپ چىقىدىغان جاسارەت ۋە ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئەلا نەتىجە كېرەك.

ئۈچتىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ بىزگە قەدەممۇ قەدەم ئەگىشىپ ماڭدى، ئۈچتىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بېشىدا پائال بولۇپ ئايىغىنى چىقىرالمىدى، يەنە ئۈچتىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بولسا ئاساسىي جەھەتتىن بىزگە ئەگىشىپ ماڭمىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئەلا، ئوتتۇراھال ۋە ناچاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوقۇغۇچىلار شەكىللەندى.

مەيلى بالىڭىزنىڭ نەتىجىسى قانداق بولسۇن (بۇ يەردىكى نەتىجە ئايلىق سىناق، چارەكلىك ئىمتىھان ۋە مەۋسۈملۈك ئىمتىھاننى كۆرسىتىدۇ) بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش نەتىجىسى خالاس، بىرەر قېتىملىق ناچار نەتىجە پۈتۈنلەي ناچار دېگەنلىك ئەمەس.

قىشلىق تەتىل يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، مەن بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ياخشى ئويلىنىپ، بالىلىرىنىڭ توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشىگە يېقىندىن ياردەم بېرىشنى سورايمەن. ھەر قانداق ۋاقىتتا پەقەت تىرىشسىڭىزلا چوقۇم يېتىشەلەيسىز، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى چىدامچانلىق بەلگىلەيدۇ.

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg