ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان ئۈچ يېمەكلىك
ۋاقتى : 2017-11-30 19:12:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  تاتلىق بەرەڭگە: تاتلىق بەرەڭگە قارا ئاشلىق تۈرىگە تەۋە. ئۇنىڭ تالا ماددىلىرى بوش بولۇپ، بىر قەدەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. بۇنىڭ بىلەن جىگەردىكى زەھەرنى تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ماش: ماشنىڭ ئادەتتە ئىسسىقنى، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. ماش شورپىسىنى كۆپرەك ئىچكەندە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولۇپلا قالماي، زەھەرنى قايتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
تېرىق: تېرىق تەركىبىدە مۆتىدىل تالا ماددىلىرى بار، شۇنداقلا ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلىمايدۇ ھەم ئاسانلا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئەگەر تېرىقنى تاماققا قوشۇپ بىللە يېسەك، زەھەر تازىلاش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg