ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
بېسىم مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ
ۋاقتى : 2017-07-24 12:35:14  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇشتا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان كەچۈرمىشلەر، يەنى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئاجرىشىش، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئىشلار چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.
  تەتقىقات خادىمىنىڭ ئەنگىلىيە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالزېيمېر كېسىلى ئويۇشمىسى خەلقئارا يىغىنىدا ئېيىتىشچە،  ئۇلار 1300 نەپەر 50 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ئەستە ساقلاش قابىليىتى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ يۇقارقى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 17-ئىيۇل تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى باشقا كىشلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىمۇ باشقىلاردىن ناچار بولىدىكەن. بىر قەدەر نامرات رايونلاردا ئولتۇرۇشلۇقلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بېسىم كەچۈرمىشى مائارىپتىكى قىيىن مەسىلىلەر، مالىيە كىرزىسى، ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىلىرى ھەمدە پىسخىكىلىق ئازاپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەچۈرمىش چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىكنى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
 بۇ قېتىمقى خەلقئارا يىغىدىكى يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلىق دەۋرىدە ئۇچرىغان بېسىم ۋە تۇرمۇش مۇھىتىمۇ ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل ئىكەن.
 ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى ياشانغانلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر قانچە ئەسكەرتمىنى ئوتتۇرىغا قويغان: 1. ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇت تەنتەربىيە پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ 2. تاماكا چەكمەسلىك؛ 3. يېمەكلىك تەڭپۇڭ بولۇش، بېلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يېيىش، قىزىل رەڭلىك گۆش ۋە شېكەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛ 4. ھاراقنى ئاز ئىچىش؛ 5. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش؛ 6. ھەر كۈنى بوش ئورۇن تولدۇرۇش، ساناق ساناش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش؛ 7، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى