ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
پاسسىپ پوزىتسىيە پۇتقا كىشەن
ۋاقتى : 2017-06-24 21:12:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  

  تىللاردا داستان بولغۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، ھايات بېغىنى خۇش پۇراق گۈللەر بىلەن بېزەۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئەھۋاللىشىپ قالساق، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايمىز. ئالايلۇق ئوخشاش ئورۇندا ئىشلەيدىغان ئىككى خىزمەتچىنىڭ بىرىسىنى خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دېسەك، يەنە بىرسىنى خىزمىتىدە مەغلۇپ بولغان، دېسەك، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىۋاتقاندىكى روھىي ھالىتىدە تۈپتىن پەرق بولىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان خىزمەتچى بىر ئىشنى ۋۇجۇدى بىلەن قىلسا، مەغلۇپ بولغان خىزمەتچى ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدۇ، دېمەك، بۇ ئىككى خىزمەتچىنىڭ ئوخشاش بىر ئىشقا تۇتقان  پوزىتسىيەسىدىنلا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياكى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

  قارايدىغان بولساق، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئاكتىپ تەپەككۇر، ئۈمىدۋار روھ ۋە شانلىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ خىل كىشىلەر بىر ئىشنى سىنىماي تۇرۇپ، مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەچكە، ئىشنى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە باشلايدۇ-دە، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  پاسىپ روھىي ھالەتتىكى، ئۈمىدسىز كىشىلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرقىدەك قىيىن ئەھۋالغا قېلىشىمىز باشقىلار پەيدا قىلغان، مۇھىت كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئورنىمىزنى بەلگىلىگەن، دەپ قارايدۇ. پاسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر تاشقى دۇنيانىڭ ئەڭ يامان تەرەپلىرىنى ئويلاپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ ئەڭ يامان تەرەپلىرىنى ئويلايدۇ، ئۇلار بىرەر يېڭى شەيئىگە يولۇقسا، «بۇخەتەرگە تەۋەككۈل قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئادەمنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، بۇ نەرسە ھازىر ئاقمايدۇ، ئىلگىرى بۇنداق بولۇپ باقمىغان، ھازىر شارائىت پىشىپ يېتىلمىدى» دېگەنگە ئوخشاش پاسسىپ ئىنكاس بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزىدىن گۇمانخورلۇق، جاھىللىق چىقىپ تۇرىدۇ. بېكىنمىچىلىك، پاسىىپلىق ۋە جاھىللىقنىڭ مەنبەسى ئەمەلىيەتتە چۈشكۈنلۈكتۇر. ئادەم چۈشكۈنلەشكەندە پاسسپلىشىدۇ، ئىشلارغا سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، كىشىلەر قانداق نەتىجە قازىنىشقا ئىشەنسە، شۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.

  خۇددى «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى» دېگەندەك، پاسىپ روھىي ھالەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئۇزاقراق بىللە بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سىزمۇ پاسسىپ، جاھىل كىشىلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئىمكان بار جاھىل، پاسىىپ كىشىلەردىن يىراقراق تۇرۇش ئاقىللىقتۇر، شۇڭا ھەربىرىمىز بىرەر يېڭى ئىنكاسنى قوبۇل قىلغاندا كەسكىنلا « بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ بولمايدۇ» دەپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە روھىي ھالىتىمىزنى كۈنسېرى ئاكتىپلاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم، بۇنداق بولغاندا تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز كۈنسېرى ئاشىدۇ، باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىغا ئېرىشەلەيمىز، نەتىجىدە ئىشلىرىمىز بارغانسېرى ئوڭغا تارتىپ، ئارمىنىمىزنى دەرمان تاپقۇزالايمىز.

  ئاپتورى: ئەسقەرجان ئەنۋەر