ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
مېتادون ھامىلىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟ بوۋاقنى ئۆزى ئىمىتسە بولامدۇ؟
ۋاقتى : 2017-06-13 12:41:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

تەسىرى بولمايدۇ.
مېتادون ئىچىپ داۋالىنىۋاتقان ئاياللار باشقا ساغلام ئاياللارغا ئوخشاش ساغلام بوۋاقلارنى تۇغالايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل مېتادون ئىچكەندە، بەلكىم بوۋاققا مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن خىروئىننىڭ تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا، مېتادوننىڭ تەسىرى ھېچقانچە ئەمەس. ئەگەر ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدا خىروئىن چەكسە، قاندىكى خىروئىن بالا ھەمىرىيى ئارقىلىق ھامىلىگە ئۆتۈپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بوۋاق غەلىتە تۇغۇلىدىغان ۋەياكى ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ساق تۇغۇلغان تەغدىردىمۇ، خىروئىنغا خۇمار بولۇپ تۇغىلىدۇ، بوۋاقتا پۇت- قوللىرى تارتىشىش، بىئارام بولۇش، دۆۋلىنىش (چۆچۈش)، نەپەسلىرى تېزلىشىش، قەي قىلىش قاتارلىق خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.  بۇنداق بوۋاقلار خەلقئارادا «خىروئىن بوۋاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل «خىروئىن بوۋاق» مەلۇم يوللار ئارقىلىق خىروئىن ئىستېمال قىلغاندا، خۇمار ئالامەتلىرى پەسىيىپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئانىسى خىروئىن چېكىپ ئاندىن بوۋاقنى ئىمىتسە دېگەندەك.
مېتادون ھامىلىنى غەلىتە ياكى كەمتۈك قىلىپ قويمايدۇ، مېتادون بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئاياللاردىن تۇغۇلغان بوۋاقلار مېتادونغا خۇمار بولۇپ قالمايدۇ. بەلكىم بەزى بوۋاقلاردا خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ، بوۋاقنىڭ خۇمار بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مېتادون مىقدارى بىلەن بوۋاقلاردىكى خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بىر مۇناسىۋەت يوق ئىكەن. مېتادون بىلەن داۋالىنىۋاتقان ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە مېتابولىزمى ئاشقاچقا، قاندىكى مېتادون نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئەگەر مېتادون مىقدارىنى كۆپەيتمىسە، ئايال بىمارلار مېتادونغا قانماي، ئاسانلا خۇمار تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا، دورا (مېتادون) مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بالىغا تەسىرى بولۇشىدىن قورقۇپ، دورا مىقدارىنى قەستەن ئازلاتسا، ھامىلداردىكى خۇمار ئالامەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىپ، ئۆزىنى تۇتالماي خىروئىن قاتارلىق باشقا زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك، بولۇپمۇ مېتادون ئىچىپ تۇرۇپ خىروئىن چەكسە، ھامىلە چۈشۈپ كېتىش، بوۋاق كەمتۈك تۇغۇلۇش ياكى «خىروئىن بوۋاق» تۇغۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
كۆپلىگەن زەھەر چەككۈچى ئاياللار ھاراق ئىچىدۇ ياكى تاماكا چېكىدۇ، مېتادون بىلەن داۋالىنىۋېتىپ تۇرۇپمۇ ئارىلاپ خىروئىن ياكى باشقا ناركوز دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر ئومومىي. ناۋادا مېتادون بىلەن داۋالىنىۋاتقان ھامىلدار ئايال ھاراق ئىچسە ياكى تاماكا چەكسە، يەنە تېخى ئارىلاپ خىروئىن ياكى باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكسە، بۇنىڭ بوۋاققا بولغان تەسىرى ئىنتايىن يامان بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، ئايال بىمار بۇنى ئۆزى ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ھاراق، تاماكا ۋە خىروئىنلاردىن كۆرمەي، مېتادوندىن كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. شۇڭا، زەھەر چەككۈچى ھامىلدار ئاياللارنىڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇشتىكى ئاچقۇچى ھاراق، تاماكا، خىروئىن ۋە باشقا زەھەرلىك بۇيۇملاردىن نېرى تۇرۇپە, پەقەت مېتادون بىلەنلا داۋالىنىشتۇر.
بوۋاقنى ساق- سالامەت يەڭگىۋالغاندىن كېيىن، ئانىدا ئەيدىز، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن باقسا تامامەن بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىرەر كېسەللىك بولسا، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بوۋاقنى ئوزۇقلاندۇرسا بولىدۇ.