ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
ئامېرىكىلىق ئالىملار يىراقنى كۆرۈلمەسلىكنىڭ گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى
ۋاقتى : 2017-05-26 15:30:04  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  بەزى بالىلار ئەتىگەندىن كەچكىچە كىتاب كۆرسىمۇ كۆزى ھېچنىمە بولمايدۇ، بەزى بالىلار بىر كۈندە بىر-ئىككى سائەت كىتاب كۆرسىمۇ كۆزى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلەر بۇنىڭ گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
     APLP2 گېن تۈرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بالىلار كۈندە بىر سائەت، ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىتاب كۆرسە بۇ خىلدىكى گېن تۈرىنى ئېلىپ يۈرمەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش نىسبىتى 5 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر كىتاب كۆرۈش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئاز بولسا، APLP2 گېن تۈرىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش خەۋپى ئانچە يۇقىرى بولمايدىكەن.
     بۇ قېتىملىق تەتقىقات ئارقىلىق گېن ۋە مۇھىتنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىككە ئورتاق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئەۋجىگە چىقىدىغان مەزگىلى بولۇپ، بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھەر كۈنى سىرتتا ئىككى سائەتتىن يۇقىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىكەن.