ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىك مەسلىھەت
پىسخىك مەسلىھەت
ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟
ۋاقتى : 2016-03-23 11:23:49  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : يارپ

ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟

 

 

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئەسكى بولمايدىغانلىقىنى،ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىم-بېرىمىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال-خورام بولۇۋاتقانلىقىنى، قىيىنچلىقتا قالغاندا، بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز.
ئەكسىچە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ غۇۋالىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، ھەتتا خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. ھەمىشە ئۇلارنىڭ بىر خىل رەزىل مۇددىئاسى باردەك ھېسسىياتتا بولىسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.
ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ. ئېھتىمال ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز. چۈشكۈن روھىي كەيپىيات سىزنى يىراقنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كۆز ئالدىڭىزدىكى بارلىق ئەھۋال سىزنى تەمتىرىتىپ قويىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى چاغدا بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچە گۈزەل بىلىنگەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىسىز.
دەرۋەقە تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگونوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە-كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز.
 

ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن. سىزگە سۆزلەپ بېرەي، ئازدۇر-كۆپتۇر ئىلھامى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
گۈل ساتىدىغان بىر موماي بار ئىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى خېلىلا كونا، تېنىمۇ بەك ئاجىز، لېكىن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن:«بەك خۇشال كۆرىنىسىزغۇ»دەپ سورىغانىكەن. ئۇ:«ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل تۇرسا، نېمىشقىمۇ خۇشال بولماي» دەپتۇ، خېرىدار يەنە ئۇنىڭغا:«قاتتىقچىلىققا خويمۇ چىداشلىك ئىكەنسىز» دەپتىكەن، ئۇ:«ئاينىڭ 15ى يورۇق، 15ى قاراڭغۇ بولغاندەك، بەختسىز كۈنلەرنىڭ كەيندىن بەختنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئانچىكى قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە»دەيدۇ.
دېمەك،«بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.
مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى