ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىكا ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىكا ۋە زەھەر
زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغاندىن كېيىن،نېمە ئۈچۈن ئاسان تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ؟
ۋاقتى : 2017-10-17 11:53:02  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغاندىن كېيىن،نېمە ئۈچۈن ئاسان تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ؟

[URL]da6933e746071b619a42f0849316142a.jpg

زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولغانلىق دورىغا ئىنتىلىشتىكى بىر خىل روھىي ھالەت ۋە بەدەننىڭ ئېھتىياجىدا پەيدا بولغان كېسەللىك ئالامىتى.ئەگەر خۇمار بوپقالسا تاشلىماق تەس.بۇنىڭ ئۈچ خىل سەۋەبى بار:(1)ئۆزىنى مەست قىلىپ ئەمەلىيەتتىن قاچىدۇ.بۇ خىل ئادەملەردە بىر خىل روھىي توسالغۇلۇق ياكى پسىخىكىلىق توقۇنۇش بولىدۇ.زەھەرلىك چېكىملىك ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى توقۇنۇش،جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىدۇ.زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىنكى ھېسياتىنى ئۇلار دائىم مۇنداق دەيدۇ:بۇ ھەقىقەتەن مەن ئېھتىياجلىق نەرسە،ئۇ مېنى مۇھىتقا ماسلاشتۇرىدۇ.(2)روھىي غىدىقلاشنى ئىزدەيدۇ.زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ روھىي ئۈنۈمى شۇكى،ئادەمگە بىر خىل كۈچلۈق غىدىقلاش ۋە ھاياجانلىنىش تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.بۇ خىل نورمال بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك غىدىقلاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن،ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۈزلۈكسىز چېكىدۇ.ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدۇ.ئاخىرىدا تاشلاش تەس بولىدۇ.(3)دورىنى توختتقاندىن كېيىنكى قىينىلىش ۋە ئاغرىققا چىدالمايدۇ.مەسىلەن،داۋاملىق چەكمىسە،ئورگانىزمدا بىر خىل نورمالسىزلىق ۋە بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ.بۇ ئۈچ سەۋەب ئارىسىدا ئېنىق پەرق يوق.زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى توسالغۇ،روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى،ئۆز ئارا شەرت قىلىشىدىغان،ئۆز ئارا غىدىقلايدىغان يامان ئايلىنىش.نۇرغۇن پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى،قانداق پسىخىك مەقسەتتە بولۇشتىن قەتئىينەزەر،يەنە قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،بىرلا قېتىم چېكىپ قالسا،تاشلىماق تەس كېلىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg