ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىكا ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىكا ۋە زەھەر
بۇ قىلمىشتىن زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ
ۋاقتى : 2017-06-14 16:22:41  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

دېلو ئەھۋالى: كامىل بىلەن سادىق زەھەر چېكىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغانلار بولۇپ، كامىل سادىققا ئۆزىگە ياردەملىشىپ مۇزسىمان زەھەر سېتىۋېلىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. سادىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەن ھەمدە پىكاپى بىلەن كامىلنى سودا بولىدىغان جايغا ئاپارغان. كۆزلىگەن جايغا بارغاندىن كېيىن، سادىق زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئون گىرام مۇزسىمان زەھەرنى ئېلىپ پىكاپتىكى كامىلغا بەرگەن ھەم ھەر بىر گىرامنىڭ 400 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كامىل 4000 يۈەننى سادىققا بەرگەن. ج خ ئورگىنى كېيىن كامىلنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن قولغا چۈشۈرگەن. سوراقتا كامىل سادىقتىن ئون گىرام مۇزسىمان زەھەر سېتىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. سادىق تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن كامىلغا ياردەم قىلىپ مۇزسىمان زەھەر سېتىۋالغانلىقى، ئۆزىنىڭ باھا قوشمىغانلىقى، كامىلنىڭ بۇنى ئۆزى چېكىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دېلونى بېجىرىش جەريانىدا سادىقنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە، بىرىنچى خىل پىكىردىكىلەر سادىق باشقىلاردىن زەھەر سېتىۋېلىپ كامىلغا سېتىپ بەرگەن، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن زەھەر سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ؛ ئىككىنچى خىل پىكىردىكىلەر سادىق كامىلغا ياردەملىشىپ ۋەكالىتەن زەھەر سېتىۋالغان، ئوبيېكتىپ جەھەتتە زەھەر ئېلىپ يۈرگەن، زەھەرنىڭ مىقدارى قانۇندا بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا سادىقنىڭ قىلمىشىدىن زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دەپ قارىغان.
تەھلىل: بىز ئىككىنچى خىل پىكىرگە قوشۇلىمىز، چۈنكى بىرىنچىدىن، ئەگەر سادىقنىڭ قىلمىشىدىن زەھەر سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېيىلسە، ئۇ ھالدا سادىقتا زەھەر سېتىش مۇددىئاسى ھەم زەھەر ساتقان قىلمىشى بولۇشى كېرەك، بىراق بۇ دېلودا سادىقنىڭ كامىلغا ياردەملىشىپ زەھەر سېتىش جەريانىدا ئارىلىقتا پايدا ئالغانلىقى ياكى سادىقنىڭ ۋەكالىتەن سېتىۋالغان زەھەرنى كامىلنىڭ ساتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات يوق، شۇڭا سادىقنىڭ قىلمىشىنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، 2008-يىلىدىكى «مەملىكەت بويىچە قىسمەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى خاتىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، ئەگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە بولماي، باشقىلارنىڭ چېكىشى ئۈچۈن ۋەكالىتەن زەھەر سېتىۋالسا، سېتىۋالغان زەھەرنىڭ مىقدارى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 348-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن مىقدارنىڭ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتسە، ۋەكالىتەن سېتىۋالغۇچىغا زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىش كېرەك. يۇقىرىقى نۇقتىلارغا ئاساسلانغاندا، سادىقنىڭ قىلمىشىدىن زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە ساقلاش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراش مۇۋاپىق.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg