ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  پىسخىكا  »  پىسخىكا ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
پىسخىكا ۋە زەھەر
زەھەر دېلولىرىدا جىنايەت نامى ۋە مىقدارىنى بېكىتىش توغرىسىدا
ۋاقتى : 2017-06-02 18:50:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 347-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ياساش جىنايىتى تاللىما جىنايەت نامى بولۇپ، ئوخشاش بىر زەھەر دېلوسىدا ئىككى خىلدىن ئارتۇق جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلسا ھەمدە مۇناسىپ دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق بولسا، سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، جىنايەت نامى بىرلەشتۈرۈلۈپ بېكىتىلىدۇ، زەھەر مىقدارى قايتا ھېسابلانمايدۇ، بىر قانچە جىنايەت قوشۇپ جازالانمايدۇ. ئوخشاش بىر دېلودا ئىككى خىلدىن ئارتۇق جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان بولسىمۇ، مۇناسىپ دالىل-ئىسپاتتىن بىر خىل ياكى نەچچە خىل قىلمىشلا بېكىتىلىپ، باشقا قىلمىشنى بېكىتىشتە دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمسا، بېېكىتكىلى بولىدىغان قىلمىشنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىلىدۇ، مەسىلەن، زەھەرنى ئېلىپ-سېتىش ئۈچۈن توشۇسا، ئېلىپ-سېتىشنى بېكىتىدىغان دەلىل-ئىسپات تولۇق بولمىسا، زەھەر توشۇش جىنايىتىلا بېكىتىلىدۇ. ئوخشىمايدىغان زەھەر دېلولىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان جىنايى قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاشمىغان قىلمىش ئۈچۈن جىنايەت نامىنى بېكىتىپ، زەھەر مىقدارىنى قوشۇپ ھېسابلاش، بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالىماسلىق كېرەك. بىر جاۋابكار زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ-سېتىش، توشۇش، ياساش قىلمىشىدىن ئىككىدىن ئارتۇقىنى سادىر قىلغان بولسا، بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالىماي، جازا ئۆلچىگەندا زەھەرنىڭ تۈرى، مىقدارى ھەمدە خەۋپىنى نەزەرگە ئېلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
جىنايەت نامى زەھەر قىلمىشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى، زەھەر مىقدارى ياكى خەۋپىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلماستىن، بىردەك جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر زەھەر دېلوسىدا زەھەر ياسىغاندىن كېيىن، يەنە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلسا، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، زەھەر ياساش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈمدە جىنايەت نامىنى توغرا بېكىتەلمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تاللاش خاراكتېرلىك جىنايەت نامى ئىچىدىن بىر قىسىم جىنايەت نامىنى ئازايتسا ياكى جىنايەت نامىنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ، ئەسلىدىكى جىنايى جازانى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمىگەن ئەھۋالدا، جىنايەت نامىنى ئۆزگەرتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن جىنايەت نامىنى قوشسا بولمايدۇ.
زەھەر چەككۈچىلەر زەھەر جىنايىتى سادىر قىلسا، جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايەت نامىنى بېكىتىشتە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. زەھەر چەككۈچى زەھەر سېتىۋېلىش، توشۇش، ساقلاش جەريانىدا قولغا چۈشۈپ، ئۇنىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق زەھەرگە چېتىشلىق جىنايى قىلمىشىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا دەلىل-ئىسپات بولمىسا، زەھەر مىقدارى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 348-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن مىقدار ئۆلچىمىدىن ئېشىىپ كەتمىسە، ئادەتتە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىشكە بولمايدۇ؛ قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرنىڭ مىقدارى كۆپرەك دېگەن ئۆلچەمدىن ئېشىىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئەمەلىي زەھەر جىنايىتى قىلمىشىغا جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىش كېرەك.
زەھەر سېتىپ چېكىشنى قامدايدىغان جاۋابكارلارنى تۇتقاندا، قولغا چۈشكەن زەھەر مىقدارىنى ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىكى زەھەر مىقدارى، دەپ بېكىتىش، لېكىن جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ جاۋابكار زەھەر سېتىۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسمىنى ئۆزى چەككەن بولسا، ئېلىپ-ساتقان زەھەر مىقدارى ھەمدە تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر مىقدارىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئېلىپ-سېتىش مىقدارى بېكىتىلىدۇ، چەككەن قىسمى بۇنىڭ ئىچىگە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ. قىلمىشچىنىڭ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى، باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپ زەھەر چېكىشكىلا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بولغان، زەھەر مىقدارى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 348-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن مىقدار ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سېتىۋېلىشنى ھاۋالە قىلغۇچى ۋە ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىغا زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىدۇ. ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشكەن، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، باھا قوشۇپ ئېلىپ-ساتقان بولسا، ۋاكالىتەن سېتىۋالغۇچىغا زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. باشقىلارنىڭ زەھەر جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىدا ۋاسىتىچىلىك قىلغان، ۋاكالىتەن ئېلىپ-ساتقان بولسا، نەپكە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر زەھەر جىنايىتىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
زەھەرنى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغان، بۇلىغانلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوغرىلىق جىنايىتى، تارتىۋېلىش جىنايىتى ياكى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىش، لېكىن زەھەر مىقدارىنى ھېسابلىماي، قىلمىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش كېرەك. زەھەرنى ئوغرىلىغان، بۇلىۋالغان، تارتىۋالغاندىن كېيىن، يەنە باشقا زەھەر جىنايىتى سادىر قىلغان بولسا، ئوغرىلىق جىنايىتى تارتىۋېلىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ۋە سادىر قىلغان كونكرېت زەھەر جىنايىتىگە ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم جىنايەت بېكىتىپ، قانۇن بويىچە بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش لاازىم.
زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىپ، يەنە باشقا نەرسە ئەتكەسچىلىكى قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى ۋە سادىر قىلغان باشقا ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە ئايرىم-ئايرىم جىنايەت بېكىتىپ، قانۇن بويىچە بىر قانچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش كېرەك.
مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg