ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
قىچىشقاق
ۋاقتى : 2017-05-31 16:06:44  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

بۇ _ يېقىن ئۇچرىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىللە يېتىپ قوپىدىغانلار ئارىسىدا ئاسان يۇقۇملانغاچقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.
سەۋەبى: قىچىشقاق جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى: قىچىشقاق جاراسىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش، بىللە يېتىپ-قوپۇش ۋە بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپ ئىككى قول بارماق ئارىلىقلىرى، قول بىلەيزۈك قىسمى، قورساق تۆۋەنكى قىسمىدا كۆرۈلۈپ، تەدرېجىي بەدەن تېرىسىنىڭ ئېگىلىدىغان نېپىز ئورۇنلىرىدا يەنە تېقىم ئويمىنى، بەل، قورساق قىسمى، يوتا تۈۋى ۋە ئىچكى، سىرتقى جىنسىي ئەزا قاتارلىق ئورۇنلارغا يامرايدۇ. دەسلەپ تېرىق چوڭلۇقىدا قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە چىقىپ، بارا-بارا سولۇق ياكى يىرىڭلىق قاپارتقۇغا ئۆزگىرىدۇ، بەك قىچىشىدۇ. بولۇپمۇ كېچىدە كۈچىيىدۇ، زەكەر، ئۇرۇقدان خالتىسى، مەقئەت ئەتراپى يۇقۇملىنىپ، تۈك خالتا ياللۇغى، چېيقان قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.