ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا كىم سەۋەپچى؟
ۋاقتى : 2017-05-16 23:07:16  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  

  ئەيدىز كىسلىنىڭ بۇنداق تېز تارقىلىپ كېتىشىگە زادى كىم سەۋەپچى؟

مەن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمىدىم، مەن بىر دۆلەت مەمۇرى  ،مىنىڭ يولدىشىم ۋە ئىككى بالام بار. كىچىك بالام 
 ئەمدى 4ياشقا كىردى. بالامنى بىريېرىم ياشقىچە ئويدىكلەر بېقىپ بەردى. ئويدىكلەرنىڭ تەن سالامەتلىگى ياخشى بولمىغاچقا ئىككى بالامنى ئاپرىپ ئەكىلىش قۇلاي بولسۇن دەپ چوڭ بالامنىڭ مەكتىۋىگە يېقىن ئەتراپتىكى بىرشەخسى يەسلىگە ئاپىرىپ بەردۇق . بۇشەخسى يەسلىدە ئىككى ئايال ئشلەيدىغان بۇلۇپ ئۇلار بۇئۆينى ئىجارىگە ئالغان ئىكەن . ئاياللار خېلى تۇزۇك ،ياخشى بولسمۇ، لېكىن ئەرلىرى قىمارۋاز بۇلۇپ كۇپۇنچە كېچىلىرى ئويگە كەلمەيدىكەن. بىز خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا ئەتىگەنلىرى ئىشقا ئالدىرايمىز، شۇڭائامال يوق شۇ يەسلىگەبالىمىزنى بەردۇق. مەن دائىم بالامنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويغاندا بالامغا چايناپ ئاش نان بەرمەڭلار ئۆزى يەلەيدۇ دەپ تاپىلاپ قۇياتتم. ئۇلارمۇ بىز چايناپ بەرمەيمىز، قۇشۇقتا يىگۈزۈپ قويدۇق، خاتىرجەم بۇلۇڭ دەيتتى .
   بالام 3ياشقا كىردى، ئەمدى ئۇنى ھۆكۈمەت ئاچقان يەسلىگە ئاپىرىپ بىرىش ۋاختىمۇ كەلدى . مەن بىركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ بالامنى ئالغىلى يەسلىگە بارسام، ھېلىقى ئايالنىڭ قۇلى قان تەپچۇپ تۇرغان ھالەتتە لەغمەن ئاشنى قۇلى بىلەن ئاغىزىغا سېلىپ يۈگۈزگىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالامنىڭ ئاغىزىنىڭ يان تەرىپى كېسلىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. دوختۇرغا ئاپارسام ۋىتامىن كەملەپ كېتىپتۇ ئوڭشىلىپ قالىدۇ دېگەن . مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىغىم كەلگەن بولسمۇ، يەنىلا ئۇئايالدىن قولىڭىزغا نېمە بولدى دېسەم، پىچاق كېسىۋەتتى دېدى. نېمىشقا بالامغا قان قولىڭىز بىلەن ئاش بەردىڭىز دىسەم گەپ قىلمىدى. مەن ھېلىقى نىجىس كېسەل بالامغا يۇقۇپ قالارمۇ دېگەن ئەندىشىدە ئىدىم . مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بالامنى ئۇ يەسلىگە ئاپارمىدىم . كېيىن بالامنى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەسلىگە بەردىم. بىر ئايدىن ئاشقاندا بالامغا يەسلىدىن مۇداپىئە دورىسى (تاڭۋەر ) يىگۈزۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالام كەچلىگى قىزىپ ئىستمىسى 39.5گىرادوستىن چۈشمىدى ،ئەتىسى دوختۇرغا ئېلىپ بارسام 3كۈنگىچە دورا- ئوكۇل ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەردى. لېكىن بالامنىڭ قىزىتمىسى 7كۈن داۋاملاشتى، مېنىڭ ئەندىشەم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . شۇنىڭ بىلەن مەن يولدىشمغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدىم، ئۇ يەسلىگە بەرمەيلى دىسەم ئۇنىمىدىڭىز، ئۇ ئاياللار ياخشى بولغىنى بىلەن ئەرلىرى ئۆيدە ياتمىسا يۇقۇملۇق كېسەل بار- يوق دېگىلى بولمايدۇ- دە. يولدىشىم مېنىڭ خىزمەتداشلىرىمنىڭ بالىلىرىمۇ كۆپۈنچىسى مۇداپىئە دورىسى يىگەندىن كېيىن قىزىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا ياتقانلىرىمۇ كۆپ ئىكەن ئەنسرىمە دېدى.  مەن شۇنداق غەم- ئەندىشە ئىچىدە يەتتە ئاينى قانداق ئۆتكۈزگۈنۈمنى بىلمەيمەن. مەن يولدىشىمغا بالىنى تەكشۈرتىپ باقايلى، غەم ئەندىشە ئىچىدە ياشىغۇم يوق دېدىم .
ئەر- ئايال ئىككى بالىمىزنى ئېلىپ يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا قان تەكشۈرتىشكە باردۇق. دوختۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمىز بىلەن دوختۇرخانىدىكى دوختۇر-سېستىرالار ئەزەلدىن ئادەم كۆرۈپ باقمىغاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تاشقى پىلانت ئادىمىنى كۆرگەندەك ،ئالدىغا غەلىتە مەخلۇق پەيدا بولغىنىدەك قاراپ قالغاندىن كېيىن ئۆزئارا نىمىلەرنىدۇ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى ،مەن ئىشنىڭ جەريانىنى دوختۇرغا بىر قاتار چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولساممۇ، ئۇ ئايال دوختۇر سىلەر ئاق چىكەمسىلەر،ئەر-ئايال قالايمىقان يولدا مېڭىپ قالغان بولساڭلار بالاڭلارنى تەكشۈرگىلى ئەكەلدىڭلارمۇ؟ كىم بىلەن ئاق چىكىسلەر ،قايسىڭلارقاچان ئاشنا ئوينىغان  دەپ نۇرغۇن ھاقارەت گەپ- سۆزلەرنى قىلدى (مەن ۋە يولدىشم بىر -بىرىمىزگە ئىنتايىن سادىق سىرتتا ئاداش- ئاغىنىلىرىمىزمۇ يوق، ھەر ئىككىلىمز ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە كىلىمىز.  يولدىشىم ئەزەلدىن ھاراق،تاماكىغا يېقىن بېرىپ باققان ئەمەس، ئائىلىدە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ياشايمىز) مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە يولدىشىم ھە مەندە ئەيدىز كىسلى بار، ئۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ،جاھاندا يۇقۇملۇق كىسەللەر كۆپقۇ، بالامغا تەكشۈرۈش قەغىزى يېزىپ بىرەمسىز قانداق دېدى . مەن بىزدە ئۇنداق كىسەل بولمىسا نىمىشا ئۇنداق دەيسىز دەپ ئاچچىقلاندىم ،يولدىشىم سەن ئۆزەڭ بالىدىن گۇمانلىنىپ تەكشۇرۈتكىلى كەلگەندىكىن قانداق قىلىمىز، ئەسلى گەپكە ئىشەنمەي تەكشۈرۈش قەغىزى يىزىپ بەرمىسە يا  دەپ ماڭا ئاچچىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىز پۇل تۆلەپ قان تەكشۈرۈش ئۆيىگە باردۇق، قان تەكشۇردىغان ئايالنى دىمەيلا قۇيۇڭ، قان تەكشۇرگىلى بارغان شۇنچە كۆپ ئادەم ئارىسىدا سىلەرمۇ ئەيدىز كېسىلىمۇ دەپ سورىغان ئىدى. پۈتۈن ئەزايىم تىترەپ كەتتى، ئاغىزىمغا گەپمۇ كەلمىدى، ياق- دەپلا جاۋاپ بەردىم .ئۇ قان ئالىدىغان دوختۇرنى شۇنداق بىر تىللاي دەپ ئاغىزىمنىڭ ئۇچىغا ئەكىلىپ توختاپ قالدىم. چۈنكى قان ئالىدىغان يېڭنە ئۇنىڭ قۇلىدا بولغاچقا يۇقۇملاندۇرۇپ قۇيۇشتىن قورقۇپ جىم بولدۇم.   باشقىلار نېمە دەپ قالار ،  بىز دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتۇق . ئەتىسى بالامنىڭ تەكشۇرۇش نەتىجىسنى ئالغىلى بېرىپ ھېلىقى قان ئالغان ئايالنى كۆرمىدىم ، ئۇ بولغان بولسا راسا تىللاپ ، ماڭ ئەمدى سەن پۇل تۆلەپ مىنى تەكشۈر دىمەكچى ئىدىم .بالام ساق ئىكەن ، خۇداغا شۈكرى . مەن دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ قان تەكشۈرتىمەن. سىز تۆنۈگۈن بىىزگە قاتتق ھاقارەت قىلدىڭىز سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە يۇقۇملىنىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاق چىكىپ ياكى بۇزۇقچىلىق قىلغانلىغى ئۇچۇنلا يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟ ساتراچخانا ،ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىدىن ،چىش داۋالاش ئورۇنلىرىدىن  يۇقۇپ قالماسمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق پۇزۇتسىيەدە بولساڭلار ئەيدىز كىسلى بۇلۇپ قالغانلار باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويمامدۇ ؟ ئۇلارمۇ ئادەم، ئادەتتە ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ تۇرغىنى ياخشى ئەمەسمۇ ؟ دىدىم تەكشۈرتىش قەغىزىنى ئېلىپ قان تەكشۈرۈتتىم، مەن ساق چىقتىم. تەكشۈرۈش قەغىزىنى ئېلىپ ھېلىقى دوختۇرغا بەردىم. ئوبدان قېنىپ كۆرۈۋېلىڭ ، قېنىم مۇشۇ يەردە قالدى ، ئاق چەكسەم قانداق چىقار ياخشى تەكشۈرۋېلىڭ، لېكىن ،بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا ھاقارەت قىلماڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئەيدىز كېسلى ئازلايدۇ بولمىسا ئەكسىچە بۇلىدۇ. بۇنىڭغا سلەردەك دوختۇرلار سىەۋەپچى ناۋادا مەندە ئەيدىز كىسلى بولسا تۈنۈگۈنكى ھاقارەتلىرىڭىز ئاستىدا بىلىپ -بىلمەي باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قوياتتىمكەن .

     نىمىشقا دۇنيادا يۇقۇملۇق كىسەللەر شۇنداق كۆپ ....مەسلەن يۇقۇملۇق جىگەركىسلى، ئۆپكە توبىركۇليۇز، شۇنىڭدەك باشقا يۇقۇملۇق كىسەللەرمۇ ئەيدىز كىسلىگە ئوخشاش قاندىن ،جىنسى مۇناسىۋەتتىن ،ئانىدىن بالىغا ياكى سۈت ئارقىلىق يۇقۇدىغان كىسەللەر  ئەيدىز كىسلىگە ئوخشاش تىز تارقالمايدۇ. ئەمما ئەيدىز كىسلى شۇنچە تىز تارقىلىپ كىتىدۇ، بۇنىڭغا زادى  كىم سەۋەپچى؟    بۇنى ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك. دوختۇرلار ئەيدىز كىسلىنىمۇ باشقا كىسەللەرگە ئوخشاش كۈرۈپ ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلسا، ئۇلارغا ھاقارەت قىلمىسا بۇ كىسەلنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن كەلگۈسمىزدىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچالايمىز. مۇشۇنداق يۇقۇملىنىۋەرسە ئاشۇ دوختۇرلارمۇ ،بالىلىرى ياكى كېيىنكى ئەۋلاتلىرى يۇقۇملانماي قالارمۇ ؟ ›› 

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg