ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
سىزمۇ ‹مەجۈن› يەمسىز؟
ۋاقتى : 2017-04-06 00:22:48  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

سىزمۇ ‹مەجۈن› يەمسىز؟
بۇ تېمىنى يېزىشتىن بۇرۇن يېزىش سەۋەبىمنى ئېيتىپ ئۈتەي.
تۈنگۈن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قەشقەرگە كىرىپ ئايلىنىپ كىتىپ باراتتىم. مەلۇم بىر ئۇيغۇر تىبابەت دورا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىزىقىپ كىرىپ باققۇم كەلدى(كەسىپم بولغاندىن كىيىن). ئۇ تىۋىپ غۇجام يېنىمغا كىلىپ ‹تۇمۇر تۇتۇپ باقىلما؟› دەپتى، ئۈزەمچە تۇتقۇزۇپ باقاي دەپ ماقۇل بۇلۇشۇم، چىرايلىق ياسانغان سۈرئەتتەك سۈزۈك 20-22 ياشلاردىكى 2 قىز كىرىپ كەلدى. 
ئادەتتە بىزدەك تىۋىپلارنىڭ قېشىغا بۇنداق مودا قىزلار كىرىشى ناتايىن ئىدى، كىرسىمۇ ‹ سۈرگۈ دورىسى بامۇ؟› دەپ بىزنى ئۈزى قىلغان نىجسلىقنىڭ ئايىغىنى يىغىشتۇرۇشۇپ گۇناھىغا شىرىك قىلغىلى كىلەتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قولاق سېلىشقا باشلىدىم.
قىزلا: ھېلىقى دورىڭىزدىن بەرسىڭىز بوپتىكەن.
تىۋىپ: قايسى دورىنى دەيلا ‹ مىنى ئاڭلىسۇن دىگەندەك چىڭ ئاۋازدا ›،  يېنىمغا كىلىپ- كىتىپ تۇرىدىغانلا جىق تۇرسا قايسىنى ئىسىمدە ساقلايمەن؟
قىزلار ماڭا بىر قارۋىتىپ بوش ئاۋازدا: مەجۈندىن
تىۋىپ: ھە ماندا دىسىلە . نەچچىسى لازمتىكى؟
قىزلار: ھازىرچە بىرسى بولسۇن ….

قىزلار چىكەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭدىم. تىۋىپ: تۇمۇنى ئەتە تۇتامتۇق؟ دىدى تەنە ئارلاش.
مەن ئۈزۈمنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن تىۋىپقا،  ئاغىنە ھەقىقى تىۋىپ 3 ئىشنى قىلمايدۇ. 1- يالغان سۆزلىمەيدۇ. 2- مەس قىلغۇچى دورا ياسىمايدۇ. 3- ئادەم قەسلىمەيدۇ‹ قۇساقتىكى ھامىلىمۇ ئىچىدە› دىدىم-دە،  دۇكاندىن چىكەتتىم. تورداشلارنىڭ ئىچىدە ياكى يېقىنلىرىڭلادىن مەجۈنگە كۈنۈپ قالغانلا بولسا ھۇشنى تېپىۋالسا ھەجەپ ئەمەس دەپ بۇ تىمىنى يازدىم.
مەجۈن دىسەم نۇرغۇن دوسلىرىمىز چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ياشلار ئارىسىدا مەجۈن دەپ نام ئالغان بۇ ئوقەتنىڭ ئەسلى ئىسمى مەجۈنى دىلكۈشەد بۇلۇپ، بۇنىڭ ئۇكۇللىرىدىن بولغان مەجۈنى بەرشىشا، مەجۈنى مۇبەھىمۇكەيىپ قاتارلىقلارمۇ ياشلار ئارىسىدا مەجۈن دەپ ئاتىلدىغان بۇلۇپ قالدى.
مەجۈن ئەسلى دورا ياسالما تۈرى بۇلۇپ غەرىپ تىبابىتىدىكى تابلىت، كاپسۇل، ئۇكۇل ………. دىگەندەك.
مەن بىلىدىغان مەجۈن تۈرىدىكى دورلارمۇ 150 دىن ئاشىدۇ. لىكىن مەس قىلىدىغنى يۇقارقى 3 نى بىلمەن.
بولدى ئەمدى نەخ گەپكە كىلىلى:
مەجۈنى دىلكۇشات بولسا ئۇيغۇر تىبابىتىدە يۈرەك كىسىلىگە قارىتا بىرىلىدىغان دورا ئىدى.‹ئىلگىرى› مەجۈنى مەسىھامۇكەيىپ بولسا بەدەننى قۇۋەتلاش، ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، باھنى قۇۋەتلەش تەسىرى يۇقۇرى دورىلار ئىدى.
لىكىن يېقىندىن بۇيان بۇلارنىڭ خۇرۇچلىرى كەم، باھاسى قىممەت بولۇپ كەتكەنلىكتىن پۇلغا تويماس، ئەقلى ئىشلىمەس تىۋىپلىرىمىز ‹ مەجۈن› نىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىلان قىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىشە يېغى، ئەپىيۇن، بەزىرۇلبەنجى… قاتارلىق دورىلارنىڭ ئورنىغا چۇمادو‹تەرجىمە قىلالمدىم›، باش چايقاش كۇمۇلىچى قاتارلىق دورلانى بۇلشىغا قېتىپ تەسىرى بۇرۇنقىدىنمۇ ‹ياخشى› بولغان مەجۈننى تەييارلاپ چىقتى. بۇنداق مەجۈننى كۆپ يىگەن كىشى 1- خۇمادايدۇ، 2- نىرىپلا كۈيىدۇ. 3- ئاشقازان بۇزىلىدۇ. بۇ 3 ئەكىس تەسىر سىز يىگەن مەجۈن تەركىبىدىكى چۇمادودىنلا كىلىدۇ. قالغىنى ئۇلۇغ ئاللاغا ئامانەت.
ھەقىقى ياسالغان مەجۈننى تىۋىپلار تۇمۇر تۇتۇپ كىسەل كۆرگەندىن كىيىن كىسەلنىڭ راسلا ئىھتىياجى بولسا ئاندىن بىرىدۇ.
بۇرۇن ئۇستازىم ياسايتى، كىيىن ياسىماس بولدى. سەۋەبنى سۇرىسام ‹ بۇرۇن ھالال دەپ كەلگەن لىكىن بىرنەچچە ئالىملاردىن مەسلەت سورسام مەس قىلسا ھارام بۇلىدۇ دىدى، شۇڭا ياسىمايلى› دىگەن ئىدى. قالغنىنى تورداشلا كاللاڭلاردا ئويلاپ بېقىڭلا. ئۇنى يىگەن ئادەم بىر كۈن نىمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيدۇ، ئوغوللاردىن ئۈتۈپ ئەمدى قىزلىرىمز يىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇ مىنىڭچە ئۇيغۇرلارغا زور بالايى ئاپەت بولغۇدەك.
مۇنبەرداشلا تىمىغا بولغان تەكلىپ پىكىر بولسا بىرىپ تۇرساڭلا. بۇندىن كىيىنكى تىما يوللۇشۇمغا زور تۈرۈتكە بۇلاتتى.
مەجۈن بىرخىل مىللىي تىبابەتتە ئىشىلتىدىغان دورا بۇنى ھازىر كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز يەپ دۇنيانىڭ غىمىي بىلەن كارى يوق  يۈرۈيدۇ .  مەجۈن ساتقان ، ئىستىمال قىلغان تونۇش بىلىشلىرىمىز بولسا نەسەھەت قىلىپ قويۇڭلار .