ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق ۋە ئەيدىز
ئەخلاق ۋە ئەيدىز
سۇلغان گۈللەرنى ياشارتقان پەرۋىشكار
ۋاقتى : 2016-08-03 17:18:24  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ


سۇلغان گۈللەرنى ياشارتقان پەرۋىشكار


__ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋە تەشۋىقاتىدىكى پىداكار دىلبەر ياسىن توغرىسىدا

قەيسەر ساۋۇت، شادىيە ئامانۇللا

 

 

 

بەخت دېگەنلىك باشقىلار ئۈچۈن ياشاش دېمەكتۇر.__ لېۋ تولىستوي


ئانا دىيارىمىزدا 20 يىلىنى ئۈن – تىنسىز ھالدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارانىڭ ياردىمىدە سۇنغان قەلبلەرنىڭ غەمگۇزارى، سۇلغان گۈللەرنىڭ پەرۋىشكارى بولۇش يولىدا سەھىيە نازارىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، «كۆكلەم ئائىلىسى» ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارغا باشپاناھ بولۇۋاتقان، ئۇلارغا پىداكارلىق بىلەن خالىس ياردەم بېرىۋاتقان بىر ئايال بار، ئۇ بولسىمۇ ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سەھىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن دىلبەر ياسىن خانىمدۇر.
21 – ئىيۇل بىز «كۆكلەم ئائىلىسى» دە دىلبەر ياسىننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ نام چىقىرىش ئارزۇسىدا ئەمەس، بەلكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارغا كۆپرەك ياردەم بېرىش نىيىتىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە قەيت قىلدى. بىز شۇنى ئويلاپ قالدۇق، دىلبەر خانىم كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە زادى نېمىنى بەخت دەپ ئويلايدىغاندۇ؟ زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، بەختكە بولغان قارىشى بىزنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى، ئۇنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدۇق.
ئەيدىز نالىسى ئاچقان يول

20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، دىيارىمىز ئاسمىنىنى «سىرلىق تۇمان» لار قاپلاپ، زەھەر چېكىش ئەۋج ئالدى، زەھەرگە ئەگىشىپ ئەيدىزمۇ ئىبلىس چاڭگىلىنى ياشلىرىمىزغا سۇندى. دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان پەيتتە خەلقئارادىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى باشلاندى.
دىلبەر ياسىن 1987 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە خىزمەتكە چۈشكەنىدى. ئۇ دەسلەپتە تېببىي ئاخبارات ماتېرىيالى خىزمىتىنى، كېيىن تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1995 – يىلى سەھىيە نازارىتىگە ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈر خىزمىتىنى ئىشلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا بىر سان كەلدى. تەلەپتە قاتناشقۇچىنىڭ ئىنگلىز تىلى بىلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. شۇنىڭ بىلەن نازارەت رەھبەرلىكى بۇ پۇرسەتنى دىلبەر ياسىنغا بەردى.
شۇ چاغدا دىلبەر ياسىن بەش كۈنلۈك كۇرسنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ھىندونېزىيەدىكى كۇرستىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۇرسنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا ئۆزى ئۆگەنگەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىملىرىنى ياشلارغا سۆزلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1995 ـ يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا ئۇنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ، كان – كارخانا، ئىدارە – جەمئىيەتلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش بىلەن ئۆتتى.
2000 ـ يىلى سېنتەبىردە ئاۋسترالىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى دىلبەر ياسىننى يۈننەن ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش تۈرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ تاللاشقا دۇچ كەلدى. ھازىرقى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى خىزمىتىنى تاشلاپ، مۈشكۈل، يېڭى يولغا قەدەم قويۇش كېرەكمۇ؟ ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاھ – زارىنى، ئازابلىق نالىسىنى، تەلپۈنۈشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، بۇ خىزمەتنى مەن ئىشلىمىسەم، كىم ئىشلەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە كۆپ قېتىم قويدى، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2000 ـ يىلى سېنتەبىردە سەھىيە نازارىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمدى ئۇ ھاياتىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتىغانىدى. دىلبەر ياسىن 2002 ـ يىلى فېۋرالغىچە كۈنمىڭ شەھىرىدە بۇ تۈر خىزمىتى ئاياغلاشقۇچە ئىشلىدى. 2002 ـ يىلى فېۋرالدا جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە يىللىق تۈر خىزمىتى يولغا قويۇلغاندا دىلبەر ياسىن يەنە تەكلىپ قىلىندى. 2005 ـ يىلى ئىيۇلدىن 2007 ـ يىلى ئىيۇلغىچە ئۇ تولۇق سوممىلىق مۇكاپات بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سەھىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. بۇ خىل مۇكاپات پەقەت ئىنگلىزچە سەۋىيەسى مەلۇم تەلەپكە يەتكەن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇزۇن يىل ئۆز يۇرتىدىكى خەلق ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگىلا بېرىلەتتى. ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئوقۇيدىغان 14 پەننىڭ كۆپرەكىگە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئالدىدىكى ئاجىزلىقلىرى» دېگەن تېمىدا يېزىپ، ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 2009 ـ يىلى مايغىچە تۈر خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى ۋە بۇ جەرياندا تۈر ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يېڭى زېلاندىيەلىك كىم خانىم بىلەن تونۇشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى؛ 2009 ـ يىلى مايدىن 2010 ـ يىلى ئىيۇلغىچە بىر يىل شىزاڭغا بېرىپ شىزاڭنى سەھىيە بىلەن قوللاش تۈرىنىڭ تۈر ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىدى؛ 2010 ـ يىلى ئىيۇلدىن 2013 ـ يىلى مارتقىچە گېرمانىيەنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلدى. بۇ قېتىم دىلبەر ياسىن تۈر ئەمەلدارى، كىم خانىم تۈر خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىدى. قايتا ھەمكارلىق جەريانىدا بۇ ئىككى ئايال بىر ـ بىرىنىڭ ياخشى سۆھبەتدىشىغا، ھىمايىچىسىگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئىرق، دۆلەت، مىللەت ھالقىغان مۇقەددەس دوستلۇقى مۇشۇ چاغدا باشلاندى. دىلبەر ياسىن خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ، گۇاڭشى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئارىسىدا توختىماستىن چېپىپ يۈردى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ ئىشلىنىۋەردى، دىلبەر ياسىنمۇ ئۈن ـ تىنسىز ھالدا بىر «جەڭ» نى تۈگىتىپ يېڭى بىر «جەڭ» گە ئاتلىنىۋەردى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەسئۇلىيەتچان كەسىپ ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالىيجاناب روھ ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلايتتى.
ھاياتلىقتىكى ئەڭ زور بەخت

ھەر بىر ئىنسان ئۆز ھاياتىدا مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ نېمە ئىشلارنى قىلىمەن؟ بەخت دېگەن نېمە؟ مەن بەختلىكمۇ؟ دېگەندەك قارىماققا ئاددىي، ئەمما پەلسەپىۋىلىككە ئىگە سوئاللارغا ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاب بېرەلىگەندە، ئاندىن ھاياتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. دىلبەر ياسىنمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى يېڭى تاللىشىدا يىراق قىرلاردىلا ئىز قالدۇرۇپ قالماي، ئانا دىيارىمىزدىكى ئاچا – سىڭىللار قەلبىدىمۇ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت، دەپ قارىدى.
دىلبەر ياسىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى بىلەن ئېلىمىزدە خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدىن بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇ دائىم دېگۈدەك دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقئارالىق تۈرلەرگە قىسقا مۇددەتلىك تۈر مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ قاتنىشىپ تۇردى.
دىلبەر ياسىن كۆپ يىل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈر خىزمەتلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسىلىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، قىسقىسى باشقىلارغا دېيەلمەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەر – خوتۇنچىلىق تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارغا چۈشىدىغان تۈرلۈك بېسىملارنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئاياللارنىڭ ياردەمگە تېخىمۇ موھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن دىلبەر ياسىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئۈچۈن، 2012 – يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچىدە «كۆكلەم ئائىلىسى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئىگىلىشىمىزچە، «كۆكلەم ئائىلىسى» دە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەن، كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە ياردەمگە ئېرىشىپ، ئۆز ئېھتىياجى ئاساسىدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، پىسخىكا جەھەتتە داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدىكەن. ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كەسپىي دوختۇرلار كېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئون ئايالغا مەسلىھەت بېرىدىكەن، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىپ، دەرس تەكرار قىلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ يەرگە كەلگەن ئاياللارغا بىر ۋاق چۈشلۈك تاماق ھەقسىز بېرىلىدىكەن.
سۇلغان گۈللەر

«كۆكلەم ئائىلىسى» گە كېلىپ، تەقدىرداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىگە سىرداش، دىلداش تېپىپ، كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىۋاتقان بۇ ئاياللارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ھېكايىسى ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلاردىكى بىر ئوخشاشلىق شۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھېسابلىناتتى.
باھارگۈل (ياسالما ئىسىم) توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھامىلىدار بولغاندا بەكمۇ خۇشال بولغانىدى، ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلىنى تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئازابلانغانىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېرى نەچچە يىلدىن بېرى زەھەر چېكىپ كېلىۋاتقاچقا، شۇ جەرياندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنى خوتۇنىدىن يوشۇرۇپ كەلگەنىدى. ئېرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەختسىزلىكتىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن باھارگۈل ئېرى بىلەن ئاجراشتى. ئامالسىزلىقتىن ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈۋەتتى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان باھارگۈل يېرىم يىلغىچە باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆيدىن چىقماي يۈردى، ھەتتا ئۆلۈپلا بۇ دەردلەردىن بىراقلا قۇتۇلۇشنىمۇ ئويلىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوختۇر ئۇنىڭ قولىغا «‹كۆكلەم ئائىلىسى› گە مېھمان بولۇپ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر بېسىلغان بىر كارتىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇنىڭ «كۆكلەم ئائىلىسى» نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولۇپ قالدى.
«كۆكلەم دېگەن كۆكەرتتى دىل خانەمنى،
مېھرىباندىن مېھرى ئالغان ئالەمنى.
بالاڭ بولسا كۆيمەس ئىدىڭ مۇنداقمۇ،
ھەر يۈرەككە كۆڭۈل بەرگەن پارەڭنى.

كۆكلەم دېگەن كۆكەرتتى دىل خانەمنى،
كۆتۈرۈۋەتتىڭ يۈرەكتىن دىل يارامنى.
مېھرىبانلىق بولسا ئەگەر قېشىڭدا،
كۆكلەم تاپار مۈشكۈل ئىشقا چارەڭنى».
...
«كۆكلەم» ناملىق بۇ شېئىرنى يازغان باھارگۈل مۇنداق دېدى: «‹كۆكلەم› بىزدەك دىلى سۇنۇق ئاياللارنىڭ تەسەللى تاپىدىغان ئائىلىسى، يېڭى تۇرمۇشىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى».
قازاق قىزى ئالتۇن (ياسالما ئىسىم) نىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا توققۇز يىل بولغانىدى. ئالتۇن ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، بىر ئۇيغۇر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى. نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئېرىنىڭ ئىشقىۋازلىقىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇققان چېغىدا تولىمۇ كېچىككەن بولۇپ، ئۆزىمۇ ئاللىقاچان بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىرى تەقدىرگە تەن بەردى. ئۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزچىل دورا ئىچىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئىككىلا بالىسى بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانماي تۇغۇلدى. ئالتۇننىڭ دېيىشىچە، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كىچىك قىزى تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغاندا، ئېرى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ، چۈنكى ئېرى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئىچىشكە ئۇنىمىغانىكەن.
تۇرمۇشتا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى بولمىغان ئالتۇن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ «كۆكلەم ئائىلىسى» گە كەلگەندە، ئۇنىڭ قىزى ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئېغىر قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى «كۆكلەم ئائىلىسى» ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن دىلىغا مەلھەم ياقتى، مۇزلىغان قەلبىنى ئېرىتتى، تەنھا، غېرىب تۇرمۇشىغا ھەمدەم بولغۇچى دوستلار بىلەن ئۇچراشتۇردى، ئۇنىڭ تاتلىق ـ تۇرۇم پىشۇرۇش كەسپىنى ئۆگىنىپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى. مانا بۈگۈن كۆز ئالدىمىزدا ئۇنىڭ ئېتەكلىرىگە يۆگىشىپ يۈگۈرۈپ ئويناپ يۈرگەن بەش ياشلىق ئوغلى ۋە بۈدۈر چاچلىق ئىككى ياشلىق قىزى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا راھىلە (ياسالما ئىسىم) مۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ بىرسى ئىدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بولغىنى بالىسىنىڭ يۇقۇملانمىغىنى بولدى، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، راھىلە قايتىدىن ياتلىق بولدى، توينىڭ ئالدىدا ئۇ توي قىلماقچى بولغان ئەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېيتتى، ئەرمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلدى، مانا ئون يىلدىن بېرى ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. ئاقسۇلۇق سانىيە (ياسالما ئىسىم) نىڭ «كۆكلەم ئائىلىسى» گە كەلگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغان بولۇپ، ئۇمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغانىدى، ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئاندىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقانىدى. سانىيەنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزىنى سەل چەتكە قېقىلغاندەك ھېس قىلغاچقا، ھازىر ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋېتىپتۇ.
دىلبەر ياسىننىڭ دېيىشىچە، «كۆكلەم ئائىلىسى» ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 300 دىن ئارتۇق ئايال تۈرلۈك ياردەمگە ئېرىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ خالىس خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى فوندلاردىن ھەل قىلىنغان مەبلەغلەر بۇ ئاياللارنىڭ كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشىگە، تەكلىپلىك دوختۇر، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، بۇ ئاياللارنىڭ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشى ئۈچۈن قەرز سۈپىتىدە بېرىلىپتۇ. ھازىرغىچە جەمئىي 35 ئايال مۇشۇ خىل قەرز پۇلغا ئېرىشىپتۇ. ھازىر «كۆكلەم ئائىلىسى» سۇلغۇن قەلبلەر ئۆز ئارا سىردىشىدىغان، بەزىدە يىغلاشسا، يەنە بەزىدە ناخشا بىلەن بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ھاياتلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدىغان ئىللىق ماكانغا ئايلىنىپتۇ. ئىگىلىشىمىزچە، دىلبەر ياسىن بىلەن بۇ سەپتە ھەمنەپەس بولۇۋاتقان كىم خانىمنىڭ مۇشۇ خىزمەت ئۈچۈن شىنجاڭدا قېلىپ قالغانلىقى، دىلبەر ياسىن ئۈچۈن چوڭ ئىلھام بوپتۇ. بەش يىلدىن بۇيان باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى پىداكار ئايال «كۆكلەم ئائىلىسى» دىكى ئەڭ خۇشبۇي بىر جۈپ گۈلگە ئايلىنىپتۇ. كىم خانىممۇ ھازىر ھەممەيلەننىڭ ئۇنى «كىمگۈل خانىم» دەپ چاقىرىشىغا كۆنۈپ قاپتۇ.
دىلبەر ياسىننىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ياردەمگە موھتاج ئاياللارنىڭ 2311353 (0991) نومۇرى ئارقىلىق، «كۆكلەم ئائىلىسى» بىلەن ئالاقىلىشىشى، ھاياتىنى قايتىدىن باشلىشى ئىكەن. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈركى، «كۆكلەم ئائىلىسى» نىڭ كونكرېت ئورنى، ياردەم تەلەپ قىلغان ئاياللارنىڭ ئىسمى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەر قانداق ئادەمدىن قەتئىي مەخپىي تۇتۇلىدىكەن.
ـــ 20 يىلدىن بۇيان بۇ يولدا ئۈن – تىنسىز تەر تۆكۈپسىز، بۇنى دەپ ھەتتا سەھىيە نازارىتىدىكى شۇنداق ياخشى خىزمىتىڭىزدىنمۇ ئىستېپا بېرىپسىز، ئىنسان ھاياتىدا جاپانى ئەمەس، بەختنى قوغلىشىدۇ، سىز بەخت مەنزىللىرىگە يېتەلىدىم دەپ قارامسىز؟،ـــ دەپ سورىدۇق زىيارەت ئاخىرىدا بىز دىلبەر ياسىندىن.
__ ئەگەر مەن سەھىيە نازارىتىدە داۋاملىق خىزمەت قىلغان بولسام، ئاشۇ خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چوقۇم ياخشى چىقالايتتىم. ئەمما مەن باشقىلارمۇ ماڭالايدىغان تۈز يولنى ئەمەس، بەلكى سۇلغان گۈللەرگە تامچە بولۇپ ئۇنى ياشارتىدىغان، مۇشەققەتلىك بەخت يولىنى تاللىدىم. مېھرىبان قەلبىم ئارقىلىق باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت بېغىشلىيالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېسابلايمەن، __ دېدى دىلبەر ياسىن. بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپتىخارلىنىش ۋە بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.