ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئەخلاق تەربىيەسى
ئېلان چاپلاپ خېرىدار ئىزدىگەن پاھىشىلەر
ۋاقتى : 2017-08-07 16:54:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

1101010.jpg

 بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆچەت كولاش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ئورمان باشقۇرۇش پونكىتى ئۇدۇلىغا ئىككى خىزمەتدىشىم بىلەن كەلدىم،قارىسام يېنىمدىكى توك سىم تۈۋرۈكىدە包小姐 دېگەن خېتى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئالقاندەك چوڭلۇقتىكى تەشۋىقات ۋارىقى چاپلاقلىق تۇرىدۇ،ھەر قانچە بولسا خانقىزلار تەشۋىقات ۋارىقى چاپلاپ ئېلان بېرىدىغان دەرىجىگە يەتمىگەندۇ دەپ ئوبدانراق قارىسام خاتا ئەمەس،يەنە كېلىپ تېخى "ھاياتلىقنى قەدىرلەپ،زەھەردىن يىراق تۇرايلى"دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويۇپتۇ بۇتۈكۈرۈك قاچىلىرى...خىزمەتداشلىرىمغا كۆرسىتىپ ما خەت باشقىچىمۇ مەنە بېرەمدۇ يا؟دېسەم ئۇلارمۇ بىلمىدى،ئاڭغىچە بىزنىڭ سەل نېرىغا،يەنى "دىلچى چايخانىسى"غا كېلىشىمىز توغرىلىق تېلېفون كېلىپ قالدى،مەن ماشىنىنى توختىتىپ كەلگۈچە بايىقى ئىككى خىزمەتدىشىم كېلىپ باشقا ئىشداشلار بىلەن ئولتۇرۇپتۇ،قارىسام قولىدا بايىقى تەشۋىقات قەغىزى...بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىمىز تېلېفۇندا بىر نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ،ئەتراپتىكىلەر پاراقلىشىپ كۈلۈشىۋاتىدۇ...ئاڭلىسام ئەسلىدە قەغەزدىكى "قىزىق لىنيىلىك مۇلازىمەت"كە تېلېفۇن بېرىۋاتقان ئىكەن،ئاڭغىچە چوڭراق بىر ئىشدىشىمىز تېلېفۇننى قولىغا ئېلىپ راۋرۇس لاۋزا گەپتىن ئىككىنى قىلىۋېدى،قارشى تەرەپ قويۇۋەتتى،ئاڭغىچەخەنزۇ ئىشدىشىمىز :"بىر قېتىملىقى 120يۇەن،بىر ئاخشاملىقى 300يۇەن دەيدۇ،ئورنى تۇلپار مېھمانخانىسى ئەتراپىدا ئىكەن"دېدى،ئاڭغىچە بىرەيلەن قاراڭلار، ماۋۇتۈۋرۈكلەردىمۇ باركەن دەپ قالدى،قارىساق ھەممىلا تۈۋرۈككە تۆت-بەشتىن چاپلاقلىق ئىكەن،كېيىن تەكشۈرسەم،شەھەرلىك 1-ئوتتۇرىنىڭ ئالدىغىچىلا ئالا قويماي چاپلاپتۇ،باشقا يەرگە بارمىدىم،دېمەك بۇ ئېلانلار تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ئۆتىدىغان يوللارغا چاپلانغانىدى،نېرۋامغىلا چىقتى،ئەسلى دەسلىۋىدىلا 110غا تېلېفون قىلىپ
"بۇ رەسۋالارنى باشقۇرۇشمامسەن؟..."دەپ بىر قايناپ باقماقچى بولدۇم،يالتايدىم،چۈنكى "ئېلان چاپلىغانلارنى تۇتۇش بىزنىڭ ئىش ئەمەس،شەھەر باشقۇرۇشقا دەڭ،ئۇلارپەقەت ئېلان چاپلاپتۇ،باشقا ھىچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلماپتۇ"دەيدىغانلىقى 200% ئېنىق ئىدى،شەھەر باشقۇرۇشقا دېسەممۇ ناھايىتى شۇ قەغەزلەرنى سويۇۋېتەر...
  شۇڭا ھەممەيلەننىڭ كۈچ چىقىرىپ بۇ مەرەزلەرنى سۈپۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن تورغا چىقىرىشنى لايىق كۆردۈم،قېنى،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلار، ھەرىكەتكە كېلىڭلار،شەھەر-ۋىلايەت رەھبەرلىرىنى تونۇيدىغانلار ئىنكاس قىلىڭلار،ئاتالمىش"ساتىرشخانا"لار ئالدىدا يېرىم يالىڭاچ ئولتۇرۇپ خېرىدار چاقىرىۋاتقان "لەي-لەي"چىلەرگە سۈكۈت'قىلىۋېرىپ،ئىش مۇشۇ يەرگە يەتتى،يەنە سۈكۈت قىلساق تېلېۋىزورغىمۇ ئېلان بېرىشتىن يانمايدىغاندەك قىلىدۇ،ھېلىمىغۇ رادىئو،تېلېۋىزۇر،گېزىت-ژۇرناللاردىكى دورائېلانلىرىغا كەم بولۇپ تۇرغىنى پەقەت شۇلا بولۇپ قالغان ئىدى،ئەمدى ئىككىلىسى رەسىمىي بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپتۇ،يەنە كېلىپ مەكتەپ ئالدىدا...
  توۋا دەيمەن،كىشى ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ ئۈركۈيدىغان بولۇپ قالغان مۇشۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ ماۋۇ داشقاللارنىڭ تەپتارتماي تەشۋىقات قەغىزى چاپلاپ يۈرگىنىگە ...بىزگە ئىناق جەمئىيەت كېرەك،ناۋادا بىرەرى شۇنداق يەردە يۈرۈپ قالسا ئائىلىسى تازا ئىناق بولماي قالىدىغۇ دەيمەن،شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە كىشىلىەرنى بۇ ئىشقاجىددىي قاراپ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىشىنى،ھەددىدىن ئاشقان داشقاللارغىمۇ بىكارلىق مومىنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز... 

Yarp.jpg