ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئەخلاق تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئەخلاق تەربىيەسى
ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز
ۋاقتى : 2016-06-16 13:52:25  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

    

    ئەيدىزدىن ئىبارەت خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئالدىدا، پەردىشەپتىن چىقالماي گەپنى يۇشۇرۇپ يۈرىشىمىزنىڭ ئورنى قالمىدى. ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى ئەيدىز مەسلىسىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا خەلقى-ئالەمگە ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ ئاتالمىش "جىنسىي" قىلمىشى بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلارنى ئەر پاھىشە ۋە ئەرلەر ئارا پاھىشىۋاز دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قىلمىشى بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزئارا قىلمىشىنىڭ قانداق پەرىققە ئىگە بولىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرماي تۇرالمايمىز.
ئالدى بىلەن شۇنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىزكى، ئايال پاھىشەلەرنى ئەرلەر ئىزدەپ نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، شۇ پاھىشە ئايالغا تەن سېتىش ھەققى دەپ پاھىشىۋاز ئەرلەر پۇل بىرىپ رازى قىلىدۇ. ئەمما، ئەر پاھىشەلەر ئايال پاھىشەلەرنىڭ دەل ئەكسىچە، نەپسىنى قاندۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن ئەرلەرنى ئىزدەيدۇ، ئۆزىنى ئەر بولسىمۇ خوتۇن قىلغان ئەرلەرگە پۇل بىرىپ رازى قىلىدۇ. يەنى، ئەر پاھىشەلەر ئايال پاھىشەلەردەك پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خۇمارغا ئايلانغان نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پۇل خەجلەيدۇ. جەمئىيەتتە ئايال پاھىشەلەر ئاشكارە تىجارەت قىلسىمۇ، ئەمما ئەر پاھىشەلەر تېخى ئاشكارا تىجارەت قىلىش دەۋرىگە كەلمىگەچكە، خېرىدار-ئەر بەچچىۋازلارغا پۇل بېرىش ئارقىلىق خېرىدار تاپىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. مانا بۇ ئايال پاھىشەلەر بىلەن ئەر پاھىشەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم پەرقى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ گاندۇم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. يەنى، ئايال پاھىشەلەر پاھىشىۋاز ئەرلەردىن ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ قارشى تەرەپتىن گاندۇم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەم ئەر پاھىشىۋازلارمۇ پاھىشەلەردىن ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن گاندۇم ئىشلىتىدۇ. ئەمما، ھەمجىنىسقا ئايلىنىپ قالغان ئەر پاھىشەلەر خېرىدار ئىزدەش ئىستىگىدە بولغاچقا، قارشى تەرەپنى گۇمانلاندۇرۇپ قۇيۇپ نەپسىنى قاندۇرۇشتىن قۇرۇق قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، گاندۇم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلالماسلىقى مۇمكىن.
دېمەك، ئايال پاھىشەلەر جاپا تارتماي پۇل تېپىشنى نىشان قىلسا، ئەر پاھىشەلەر تاپقان پۇلىنى خەجلەپ نابۇت قىلىنغان جىسمىنىڭ ئىستىگىنى قاندۇرىشى مۇمكىن. نېمىشقا دېگەندە، ھەمجىنىسقا ئايلانغان ئەر پاھىشەلەر ئەرلەر ئارقىلىق نەپسىنى قاندۇرۇشقا خۇددى زەھەر، تاماكا، ھاراققا ئۆگىنىپ خۇمار بولغاندەك ئادەتلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ھەمجىنىس ئەرلەر 20 يېشىدىن 80 يېشىغىچە ئوخشاشلا نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ ئىستىگىدە ياشايدۇ. ئەمما، پاھىشە ئاياللار قېرىپ كەتسە بازارلىق بولالمايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، پاھىشە بولسىمۇ ئاياللار جىنسى مۇناسىۋەتتە ۋايىغا يەتسە، چارچايدىغان، ماغدۇرسىزلىنىدىغان ئەھۋالغا دۇچار بولىدىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئەر پاھىشەلەردە ئاتالمىش "جىنسىي" مۇناسىۋەتتە ۋايىغا يېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىغان ھەم ئادەت كۆرۈش، ھامىلدار بولۇش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت بولمايدىغان بولغاچقا، جىنسى مۇناسىۋەت كۆپ بولسىمۇ ھەمجىنىس ئەر پاھىشەلەردە ھېرىش-چارچاش كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا قەرەللىك دەم ئېلىش، بەدەننىڭ فىزىلوگىيەلىك تەڭشىگىگە بويسۇنۇش دېگەندەك ئەھۋاللار بولمىغاچقا، ھېچقانداق چەكلىمىگە قارىماي ھەمجىنىسلىققا بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ھەم يۇقۇملاندۇرۇش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەر ھەمجىنىسلاردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىرى بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ خۇددى خۇماردەك كاللىسىغا ئورنىشىپ قالغان ئەرلەرگە خوتۇن بولۇش نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى بىلەن كارى بولماسلىقى مۇمكىن. تېخى ئۆزى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيسە، بۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۆزىگە داۋاملىق خېرىدارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ بولسىمۇ، باشقىلارغا ئەيدىز يۇقۇتۇرۇشتا قەستەنلىكتىن خالى بولالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار تەغدىرگە تەن بەرگەن، ئوخشاش دەرتمەنگە ئايلانغانلار بولغاچقا، بىر-بىرسىنى چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ ئەمەسمۇ!
ھەمجىنىسلاردىن پاھىشىگە ئايلانغان ئەرلەردە ئايال پاھىشەلەردىن ئەنە شۇنداق پەرىقلىنىدىغان تەرەپلەرنىڭ بولۇشى بىلەن ھەم ھەمجىنىسلارنىڭ مەخسۇس تىجارەت سورۇنىدا ئاتالمىش "جىنسىي" مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى تېخى ئايال پاھىشەلەردەك ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتكە يەتمىگەچكە، ئۇلارغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات-تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى گەۋدىلىك بولىۋاتقان ئەھۋالدا، ئەڭ مۇھىمى ئوغۇل بالا-يىگىتلەرنىڭ زورلۇق ياكى ئالدىنىش بىلەن ھەمجىنىسلارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
قىسقىسى، ئايال پاھىشەلەرگە قارىغاندا، ئەر پاھىشەلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ھەم يۇشۇرۇنلىقى ھەم گاندۇم ئىشلىتىش جەھەتتە چەكلىمىلىكى بولغاچقا، ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تىزلىشىۋاتىدۇ. تېخى، ئەر ھەمجىنىسلاردىن جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئايال كىشىلەرگە يۇقۇش ئەھۋالىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.