ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
يەر شارى قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ؟
ۋاقتى : 2017-06-15 16:23:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    بىر خەلقئارالىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئىنسانلار بايلىقنى ھازىرقى سۈرئەتتە خوراتسا، 2050 – يىلىغا بارغاندا ئىنسانلار يەر شارىدىكى بارلىق تەبىئىي بايلىقنى خورىتىپ بولىدىكەن، ئۇنداقتا يەر شارى زادى قانچىلىك ئادەمنى باقالايدۇ؟
    يەر شارىغا قانچىلىك ئادەم سىغىدۇ؟  
     يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى. ئۇنىڭغا زادى قانچىلىك ئادەم سىغىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە تالاش – تارتىش كۆپ. 1798 – يىلى ئەنگلىيەلىك مالساس ‹‹نوپۇس قائىدىسى››نى ئېلان قىلىپ، نوپۇسنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىشى يەر شارىنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك تەمىناتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا قەھەتچىلىك ۋە خاراب بولۇش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال نوپۇسنى تىزگىنلەش كېرەك، دەپ قارىغان. ئامېرىكىنىڭ نوپۇس، ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسى پائۇل ئېرىچ 1958 – يىلى ‹‹نوپۇسنىڭ پارتلىشى›› ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەر شارى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتتى، 1970 – يىلىدىن 1985 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا زور ئاچارچىلىق ۋە ئاپەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ يازغان. ئەمما 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، نوپۇس ۋەھىمىسى نەزەرىيەسىنى تەرغىب قىلغۇچىلارنىڭ قىياسىدەك ئەھۋال كۆرۈلمىدى. يېقىندا ئالىملار ئەڭ ئىلغار ئىسسىقلىق ئىلمى مودېلى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، يەنى بىر ئادەم چىقارغان ئېنېرگىيەنى 120 ۋات دەپ ھېسابلاپ، يەر شارىدىكى ئومۇمىي ئادەم چىقارغان ئىسسىقلىق يەر يۈزى چىقارغان ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، يەر شارى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى نوپۇس چەكلىمىسى 1 كىۋادرىللىيون 300 تىرىليون دەپ ھېسابلىغان، ئەمما ئالىملار بۇ پەقەت نەزەرىيەۋى سان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئوزۇق – تۈلۈك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
    يەر شارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئادەم چەكلىمىسى قانچىلىك؟
    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئالىملىرىنىڭ قارىشى بىر قەدەر ئاقىلانە بولۇپ، ئۇلار ھاياتلىق چەمبىرىكى تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇق مىقدارىغا ئاساسەن يەر شارىدا قانچىلىك ئادەم ياشاشقا بولىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ھېسابلاپ چىقىش كېرەك، دەپ قارىغان. ئادەم گەرچە ئۆسۈملۈك بىلەن گۆش تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلسىمۇ، ئەمما ھايۋانلار ئۆسۈملۈككە تايىنىپ ياشايدۇ، شۇڭا ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۆسۈملۈكنى ئوزۇق قىلىدۇ. ئەمما بەزى ئۆسۈملۈكلەرنى ئوزۇقلۇق ئورنىدا يېگىلى بولمىغاچقا، يەر شارىدىكى بارلىق ئۆسۈملۈكنى ئوزۇق – تۈلۈككە ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، ئادەملەرنىڭ ئوزۇقىغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاران %1ىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، يەر شارىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 مىليارد ئادەمنى باققىلى بولىدۇ. ئەمما دۇنيا نوپۇسى ھازىرقى سۈرئەت بىلەن كۆپىيىدىغان بولسا، ھەرقانداق ئىلغار پەن – تېخنىكىمۇ ئىنسانلارنى ئاچارچىلىق خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئەگەر يەر شارىدىكى ئېنېرگىيە 10 مىليارد ئادەمنى 100 يىل ياكى 8 مىليارد ئادەمنى 300 يىل قامداشقا يېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، يەر شارىدا يېڭىدىن شەكىللىنىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئارتىش سۈرئىتىنى ئادىمىزاتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچ دېسەك، ئۇنداقتا يەر شارى ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە ئادەمنى باقالايدۇ؟ بۇنى مۇنداق ھېسابلاش كېرەك: ئېنېرگىيە قايتىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ۋە قايتىلانمايدىغان ئېنېرگىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، قايتىلانمايدىغان ئېنېرگىيە، مەسىلەن: كۆمۈر، نېفىتنىڭ مىقدارى بەلگىلىك بولىدۇ، قايتىلىنىدىغان ئېنېرگىيە، مەسىلەن: سۇ، شامال ئېنېرگىيەسىمۇ ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ نۇرىدىن شەكىللىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەر يىلى ئارتىدىغان ئومۇمىي مىقدارىمۇ چەكلىك بولىدۇ. ئەگەر يەر شارىدىكى ئادەملەر خوراتقان ئېنېرگىيە شۇ يىلى يېڭىدىن ئاشقان ئېنېرگىيە بىلەن تەڭ بولۇپ، قايتىلانمايدىغان ئېنېرگىيە مىقدارى مەڭگۈ ئازايمىسا، ئۇنداقتا ئېنېرگىيە ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ ئىشلىتىشىگە يېتىپ، تەخمىنەن 7 مىليارد ئادەمنى قامدىيالايدۇ. دېمەك، ھازىرقى پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدا نوپۇسنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 7 مىلياردتىن 8 مىلياردقىچە بولىدۇ.
    7 مىليارد ئادەمنى بېقىشقا قانچىلىك بايلىق كېتىدۇ؟
    سۇ: بىر ئادەم بىر قۇتا مىنېرال سۇ ئىچسە، 7 مىليارد مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى قاتار تىزغاندا ئۇزۇنلۇقى 420 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
    يېمەكلىك: بىر ئادەم تۆت سەر گۈرۈچ يېسە، 1 مىليون 400 مىڭ توننا گۈرۈچ كېتىدۇ.
    كىيىم: بىر ئادەم بىر پوپايكا كىيسە، قوشقان ئىش ھەققىنى چىقىرىۋېتىپ، پاختا تەركىبىنى %85 بويىچە ھېسابلىغاندا ئاز دېگەندىمۇ 1 مىليون 650 مىڭ توننا پاختا كېتىدۇ.
    تۇرالغۇ: ئەگەر بىر ئادەم تەخمىنەن 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە ئولتۇرىدۇ دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، تۇرالغۇ ئومۇمىي كۆلىمى 210 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ، شۇنداقلا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يەر كۆلىمىگە باراۋەر كېلىدۇ.