ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
% 50 دىن ئارتۇق ئەيدىز بىمارى، يۇقۇملانغۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل ئىمتىھان مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللىدى
ۋاقتى : 2017-06-08 12:59:39  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  «سەنشى گېزىتى» دە خەۋەر قىلىنىشىچە، لىنفىن شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بويىچە، لىنفىن قىزىل لېنتا مەكتىپىدىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان 16 نەپەر ئىستۇدېنتقا مۇشۇ مەكتەپتە مۇستەقىل ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىپ بەرگەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جۇڭگودا تۇنجى رەت ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىپ بېرىش ھېسابلىنىدىكەن.
   لىنفىن قىزىل لېنتا مەكتىپى 2006-يىلى 1-سېنتەبىر قۇرۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىردىنبىر مەخسۇس ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلارنى ئوقۇتىدىغان مەكتەپ.
   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گەرچە پۈتۈن جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي كەمسىتىش يوق دېگىلى بولمايدىكەن. ئەگەر لىنفىن قىزىل لېنتا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە ئىمتىھان بەرگەندە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىشى مۇمكىنكەن. شۇڭا مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان.
   1-ئىيۇن «ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىشقا قانداق قارايسىز؟» دېگەن راي سىناش سۇئالىغا 1608 نەپەر تورداش قاتناشقان بولۇپ، %39.42 تورداشنىڭ قارىشىچە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلالايدىكەن. %45.32 تورداش يەنىلا بۇ ئارلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بېرىشنى قوبۇل قىلالمايدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇستەقىل مەيدان تەسىس قىلىنغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى