ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئەيدىز سەۋەبىدىن ئىشتىن بوشىتىشقا بولمايدۇ
ۋاقتى : 2017-06-07 17:23:40  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

مۇبادا سىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىز، شۇ سەۋەبلىك خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەمسىز؟
ئەنسىرىمەڭ، يېقىندىلا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن ئۆلكىسى يولغا قويغان < ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامنامىسى > چارىسى» گە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىڭىز بىھاجەت. يېڭى بەلگىلىمىدىن ئېگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 1- ماي بۇ چارە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن ئېتىبارەن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن جىنسىي ئالاقىسى بولغانلارغا ياكى باشقا ئۆزىدىن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى بارلارغا ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. «چارە» دە ئەيدىزنى تەكشۈرۈشتە ھەقىقىي ئىسىم ئىشلىتىش ھەققىدە ھېچقانداق بىر ماددا يوق.
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىغىچە خۇنەن ئۆلكىسىدە مەلۇم قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار ۋە بىمارلارنىڭ سانى 14 مىڭغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار 60% نى ئىگىلەيدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 200 دىن ئارتۇق ئورگان ئەيدىزنى ھەقسىز تەكشۈرىدۇ.