ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
ھاۋادىكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرى
ۋاقتى : 2017-04-19 11:59:12  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  ھاۋا تەركىبىدىكى %21 ئوكسىگېن ئىنسانىيەت مەۋجۇتلۇقىدىكى ئاساسلىق ئامىل بولۇش بىلەن بىللە، يېمەكلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. ئوكسىگېن باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق چىرىتكۈچى مىكرو جانلىقلارنى كۆپەيتىدۇ، ياغنى ئوكسىدلاپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، تەبىئىي پىگمېنتلارنى ئوكسىدلاپ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئوكسىدلاپ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقىتىۋېتىدۇ.
   كىشىلەر ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇشتا يېمەكلىك ساھەسىدە يېمەكلىكلەرنى ئوكسىگېندىن ئايرىۋېتىش يەنى ۋاكۇئۇملاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى، ھازىر ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان يالتىراق خالتىلارغا قاچىلانغان پىششىق يېمەكلىك، گۈرۈچ ۋە چايلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بىراق ھەممىلا يېمەكلىك ۋاكۇئۇملاشقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بولكا، تورت قاتارلىق يۇمشاق يېمەكلىكلەر ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلسا مىجىلىپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ۋاكۇئۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەكسى يەل ئۇرۇش بولۇپ بۇنىڭغا ئازوت، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، ئوكسىگېن قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتىكى ئارىلاشمىسى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئازوت گازىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ تەخمىنەن %90نى ئىگىلەيدۇ.
   يېمەكلىك سانائىتىدە ئازوت گازى يېمەكلىك خۇرۇچى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئازوت گازى ھاۋانى ھەيدەپ ئوكسىگېنسىز شارائىتتا، باكتېرىيە ۋە زەھەرلىك زەمبۇرۇغلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلىدىكى رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ۋە سۈپىتىنى ساقلايدۇ. ئازوت گازى رەڭسىز، پۇراقسىز، خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى پاسسىپ بولغاچقا، باشقا ماددىلار بىلەن ئاسانلىقچە رېئاكسىيەلەشمەيدۇ، شۇڭا، بىر قەدەر بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ.
   ئوكسىدلىنىش پىۋىنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولغاچقا، پىۋا ئوكسىگېندىن قورقىدۇ. پاسىلداق قۇتىلىق پىۋا ئىشلەپچىقارغاندا ئازوت گازى قاچىلىنىپ ھاۋانى ھەيدەپ، پىۋىنىڭ ئەسلىدىكى تەمى ۋە كۆپۈكلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتات ئورالمىلىرىغا ئازوت گازى كىرگۈزۈلۈپ ساقلانسا مېۋە – چىۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە كۆركەملىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. كاۋاپ، تورت ۋە ئۇن ياسالمىلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەردە بەلگىلىك مىقداردا سۇ تەركىبى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورالمىسىغا ئازوت گازى كىرگۈزۈلۈپ ساقلانغاندا سۈپەت مۇددىتىنى تۆت ھەسسە ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بەزى ئىچىملىكلەرگىمۇ ئازوت گازى ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىنىش بولماستىن، بەلكى بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
   نۆۋەتتە ئازوت گازىدىن باشقا ئازوت سۇيۇقلۇقىمۇ كۆپ ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، ئازوت سۇيۇقلۇقىدىن پايدىلىنىپ سامساق ۋە دارچىن قاتارلىق پۇراقلىق ماتېرىياللارنى توڭلىتىپ ئەزگەندە خۇش پۇراقلارنىڭ سۈركىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقتا يوقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا تەمى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى زور دەرىجىدە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئازوت سۇيۇقلۇقى توڭلىتىپ يۆتكەشتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە بىيولوگىيە تەتقىقاتى ۋە يېمەكلىك تەكشۈرۈشى قاتارلىقلاردىمۇ ئازوت سۇيۇقلۇقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.