ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  جەمئىيەت تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
جەمئىيەت تەربىيەسى
لىنفىندا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەمسىتىشكە تاقابىل تۇرايلى» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى : 2017-03-09 15:34:08  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇبان

   6-مارت كۈنى لىنفىن شەھىرىدە 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەمسىتىشكە تاقابىل تۇرايلى» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.
   بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئامېرىكا ئەيدىز ساغلاملىق فوندى جەمئىيتى (AHF) نىڭ جۇڭگو تۈرى ۋە لىنفىن قىزىل لېنتا مەكتىپى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىش دەۋەت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارغا ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىندى. بۇ ئارقىلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ گەرچە يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ، لېكىن تارقىتىشقا يەنىلا ئالاھىدە شارائىت كېتىدىغانلىقى، نورمال تۇرمۇشتا دىققەت قىلسىلا يۇقۇملىنىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا كۆرسىتىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا 17 مىليون 800 مىڭ نەپەر 15 ياشتىن تۆۋەن قىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، بۇ بارلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %51 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ۋاھالەنكى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار قىزلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى مۇشۇ ياشتىكى بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەيدىكەن، ھەمدە داۋاملىق كەمسىتىشكە ۋە تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقلارغا ئۇچرايدىكەن.
   بۇ قېتىملق پاراۋانلىق پائالىيتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا «مەڭگۈ بىللە بولايلى»، «يالغۇزلۇق»، «جامائەت پاراۋانلىق ئېلانى»، «سېنىڭ يېمىندا بولغىنىڭغا رەھمەت» قاتارلىق ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش تەشۋىقات فىلىملىرى تونۇشتۇرۇلدى.
   ئەيدىز ۋىرۇسى بالىلارغا ئاغرىق ئازابى ئېلىپ كېلىشتىن باشقا ئېغىر دەرىجىدە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتتىكى كەمسىتىش، چۈشەنمەسلىك، بىللە ئوينايدىغان ھەمراھى يوق بولۇش، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش بالىلار بىلەن بىرگە كىتاب ئوقۇيالماسلىق ئۇلار يولۇققان قىيىنچىلىق بولۇپ قالدى.
   ئامېرىكا ئەيدىز كېسىلى ساغلاملىق فوندى ئاسىيا رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىشخانا مۇدىرى باۋ يۈگاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەيدىز كېسىلى ساغلاملىق فوندى (AHF) پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدە ۋەدىسىدە تۇرۇش پائالىيتىنى ئويۇشتۇرۇپ، خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مەزگىلىدە «ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەمدە چىڭ تۇرىمەن» دېگەن تېمىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات پائالىيتىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا داۋاملىق لىنفىن قىزىل لېنتا مەكتىپى قوللاشقا ئېرىشىپ، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلىدىكەن.
                                                                                ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى