ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئائىلە تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئائىلە تەربىيەسى
بەزىدە بالىلارنىڭ قىزىپ قېلىشىمۇ ياخشى ئىش
ۋاقتى : 2017-05-26 17:09:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

بالىلار قىزىپ قالسا ئاتا-ئانىلار بەك ئەنسىرەيدۇ. بەزىلەر يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، قىزىتمىسى قانچە گىرادۇس بولۇشىتىن قەتئىينەزەر دەرھال دورا بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىزىپ قېلىشمۇ ياخشى ئىش ئىكەن. چۈنكى قىزىش ئورگانىزمنىڭ بىر خىل مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىنكاسى ئىكەن. قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك باكتېرىيەسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئورگانىزملار قىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قارشلىق كۆرسىتىدىكەن. ئورگانىزم قىزىغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ تۈرلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
   قىزىش پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، بالا قىزىغاندا ئالدى بىلەن زادى نېمە كېسەل، ياكى نېمە سەۋەبتىن قىزىغانلىقىنى ئايرىش، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن ئىچۈرۈش كېرەك.