ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئائىلە تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئائىلە تەربىيەسى
زەھەرخۇمار ئانىنىڭ بالىسى ئاچلىقتىن ئۆلدى
ۋاقتى : 2015-10-14 17:28:18  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئانا بالىسىنى ئېلىپ زەھەر چەككىلى باردى، ئىككى ياشلىق قىز ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى


زھەر بولسا ئەپيۇن، خېروئىن، نەشە، مورفېن، كوكايىن شۇنداقلا گوۋۇيەن چەكلىگەن باشقا خۇمار قىلغۇچى روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەر چېكىش بولسا داۋالاش مەقسەت قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوكۇل قىلىش، ئېغىز بىلەن ئىستېمال قىلىش، بۇرۇندىن كىرگۈزۈش ياكى باشقا خىل ئۇسۇللار بىلەن زەھەر ئىستېمال قىلىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەر چېكىش، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەر چېكىشى ھازىرقى جەمىئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن زەھەر چەكلەش تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارغا زەھەرنىڭ خەتەرلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش تولىمۇ زۆرۈر.
 

بالىسىنى ئېلىپ ئۇۋىلاش دۇكىنىدا زەھەر چېكىش

مېيشەن ئوغۇل دوستى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، مەھەللە ئۇنىڭغا 4000 يۈەندىن كۆپرەك ياردەم پۇلى بەرگەن. ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە ئوغۇل دوستىنىڭ مومىسى ئايرىم ھالدا ئۇنىڭغا 1000يۈەن ئەتراپىدا پۇل بەرگەن. ئادەتتە ئۇ ھەمىشە زەھەر چەككىلى بارىدىكەن، زەھەرنىڭ بالىغا يامان تەسىرى بارلىقىنى بىلگەچكە، ئۇ بىر قېتىملا 12 ياشلىق بالىسىنى ئېلىپ ئۇۋىلاش دۇكىنىغا بېرىپ زەھەر چەككەن. باشقا ۋاقىتتا ھەمىشە ئۆزى يالغۇز بارىدىكەن. بىر قېتىم ئۆينىڭ ئوبۇرنىسىدا، مېيشەن ئوغلىنىڭ زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنى ئۇرغان. ئوغلى ئەسلى 12 ياش بولۇپ، ئۇۋىلاش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئۇنى ياندىكى ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ زەھەر چەككۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان.
«كېيىن گەپ-سۆزلەرنىڭ كۆپلەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، مەن ئۆزۈم ئېلىپ باردىم» مېيشەن شۇنداق دېگەن. ئۇ ئوينىغىلى چىقسىلا كىچىك قىزىنى ئۆيگە قويۇپ قويىدىكەن. دەسلەپتە بىر چىقىپ كەتسە ئىككى-ئۈچ كۈن يوقاپ كېتىدىكەن، كېيىن بارغانسىېرى بىر ھەپتىدىمۇ قايتىپ كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. ھەر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغاندا، ئۇ ھەمىشە ئىككى ياشلىق كىچىك قىزىغا بىر نەچچە كۈنلۈك يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ بېرىدىكەن. بۇ نەرسىلەر ئاساسلىق بولكا ۋە تۇخۇم تورتى دېگەندەك نەرسىلەر بولىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن ئوغلۇم ئىككىمىز سىرتتا شۇنداق سىرلىق بىر نەرسە باردەك ھېس قىلىپ، چىقىپ زەھەر چەككۈمىز كېلىدۇ».
خەلق ساقچىسىدىن زەھەر چېكىدىغان پۇل سورىغان
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلغان ۋاقىت 4-ئاينىڭ ئاخىرى، سىرتتىكى دوستى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ زەھەر چەككىلى بېرىشنى دېگەن، ئۇ بىر ھەپتىدىن بېرى بارمىغاچقا ناھايىتى خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن.
بۇ قېتىم ئۇ قىزىغا كىچىك بىر بولكىنى تەييارلاپ بەرگەن. قىزىنىڭ دەرىزىگە يامىشىشىدىن ئەنسىرگەن بولۇپ، ئۇنى بوغقۇچ بىلەن ئېتىۋەتكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە قىزى ئۆينىڭ ئىچىدىن ئىشىك -دەرىزىلەرنى ئاچالمايدىغان ئەھۋالدا تاقىۋەتكەن.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ كارۋىتى ئاستىدىن كىچىك بولكا سۇلياۋلىرىنى تاپقان، بۇ كىچىك قىز ئۆلۈش ئالدىدا قولىدا قۇرۇق سۇ قۇتىسىنى تۇتقان ھالەتتە ئىكەن.
مۇشۇ كەتكەنچە مېيشەن قايتىپ كەلمىگەن، ئارلىقتا، ئۇ ئوغلى بىلەن نۇرغۇن جايلارغا بارغان. تورخانا، ئۇۋىلاش دۇكىنى دېگەندەك. لېكىن ئۆيدىن يىراق ئەمەسكەن. نېمىشقا ئوتتۇرلۇقتا ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ئۆيگە قايتىشقا ئىرادىسى يەتمىگەنلىكىنى دېگەن. ئۇ بىر دۇكاندا دۇكان خوجايىنىنىڭ جىيەن قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىغا ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەن. زەھەرنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئۇ سىرتتىن پەقەتلا قايتىپ كىرگۈسى كەلمىگەن.
سوتتا مېيشەن مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار، مەن ئاستا-ئاستا گۇناھىمنى يۇيۇمەن. مەن ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆزگىرىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتۈن گۇناھلىرىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن چوقۇم يېڭىدىن ياخشى ئادەم بولىمەن».
بالىلارغا زەھەردىن يىراق تۇرۇش تەربىيسىنى قىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى يىراق تۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئۆزلىرى بالىلارنى زەھەردىن تارتالمىسا، چوقۇم دۆلەت بەلگىلىگەن زەھەر تاشلاش ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك. بالا زەھەر تاشلىغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بالىنى يەنە بىر قېتىم زەھەرنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك. شارائىتى بارلار بالىنى ئېلىپ ئەسلىدىكى مۇھىتتىن يىراقلىشىپ، ياخشى بولغان مۇھىتقا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.