ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تەربىيە  »  ئائىلە تەربىيەسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئائىلە تەربىيەسى
بالىڭىزغا مۇنداق كۈيۈڭ
ۋاقتى : 2015-02-17 09:31:10  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ      

بىلىمخۇمار  

         ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى

بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئىككى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىرى جىسمانىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش، يەنە بىرى بولسا روھىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش.

بالىنى جىسمانىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش ئاسان. بىز ئۇلارغا پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا تاماق بېرىمىز، ھەمدە ئۇلارنى جىسمانىي زىيان-زەخمەتتىن قوغدايمىز. شۇنداق قىلساقلا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما بالىنى روھىي جەھەتتىن بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئوزۇقلۇق بەرمىسەك بولمايدۇ. بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى زەھەرلەپ قويمايدىغان ئوزۇقلۇقلارنى بەرمىسەك بولمايدۇ. بالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە كېسەل تېگىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. ئەگەر سىز بۇ ئىشقا سەل قاراپ، بالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ھەقىقەتەنمۇ كېسەل تېگىپ قالىدىكەن، سىز جىددىي ھالدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بالىڭىزنى دەرھال داۋالاپ، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مۇشۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ.

بىز بالىنىڭ كۆڭلىدىن خەۋەر ئېلىشنى قاچان باشلىساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، بىز ئىرسىيەت (heredity) ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتەيلى. بۇددا دىنىدا «كارما پىرىنسىپى» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، بۇ يەردىكى «كارما» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق: بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى مەۋجۇدىيىتىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسى بار بولۇپ، ئۇ جۇغلانما مەزكۇر ئادەمنىڭ كېيىنكى مەۋجۇدىيىتىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. كارما پىرىنسىپىنىڭ قارىشىچە، بىز ياخشى ئەمەل قىلساق، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز. يامان ئەمەللەرنى قىلساق، يامان نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز. بىز كارمانىڭ تەسىرلىرىدىن مەڭگۈ قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلغۇچىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كارما قان ئارقىلىق بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە ئۆتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىشنى تەكرار-تەكرار قىلىدىكەن، ئۇ ئىش ئاشۇ ئادەمنىڭ بىر ئادىتىگە ئايلىنىدۇ. بىر ئىش ئۇ ئادەمدە بىر ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئادەم ئاشۇ ئادەتنى كۆپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تېنى ۋە قېنى ئاشۇ ئوينىڭ ياكى تەپەككۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىشلار ئاشۇ ئوينى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىپ، باشقىلاردىن ئۆزىگە ئۆتكەن ئىشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال خۇددى بىر يېمىش دەرىخىگە ئوخشايدۇ. بىر دەرەخنىڭ يېمىشىنىڭ تاتلىق ياكى ئاچچىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ دەرەخ ئاشۇ تەمنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردىكى ئەھۋال مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر سىز رېئال ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئاشۇنداق بىر ھەقىقەت كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قانچىدىن بالىلىرى بار بولىدۇ. ئۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ياخشى ئادەم بولۇپ، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ناچار ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىز، ئانا ئاشۇ ناچار ئادەم بولۇپ قالغان بالىغا قورساق كۆتۈرگەندە، بالىنىڭ ئاپىسى، ياكى دادىسى، ياكى ھەر ئىككىلىسى بىر قىسىم نورمالسىز ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بايقايسىز. كۆڭلى ساغلام ئەمەس ئادەملەردىن تۇغۇلغان بالىنىڭ ئۆزىمۇ بىر ساغلام ئەمەس ئادەم بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.

مەن 10 بالىلىق بىر ئائىلىنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ھەممە بالىسى ياخشى بولۇپ، ناھايىتى ئەدەپ-ئەخلاقلىق چوڭ بولۇپتۇ. ئۇلار مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپتۇ، ھەمدە ھازىر ياخشى خىزمەتلىرى بار بولۇپ، ناھايىتى ساغلام ھايات كەچۈرۈۋېتىپتۇ. بۇ بالىلار ئائىلىسىگە ۋە ئاتا-ئانىسىغا پەقەت ئىللىقلىق ۋە مېھرىبانلىقلا ئاتا قىلىپتۇ. ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن بالىدىن بىرەرسىمۇ يوق ئىكەن. مەن بۇ ئائىلە بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق قىلىپ بالىلىرىنى مۇشۇنداق چوڭ قىلالىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسى دىنىي ئېتىقادى بار كىشىلەر بولۇپ، ئىبادەتنى تاشلىمايدىكەن. ئاتا-ئانا ئىككىيلەن بىر-بىرىگە ناھايىتىمۇ كۆيىدىكەن. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىرەر قېتىممۇ ئۇرۇشۇش يۈز بېرىپ باقماپتۇ. بۇ ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتكەنلىكى، ھەمدە يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن ئېتىقادىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بالىلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى چوڭ بولۇپتۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

مەن يەنە بىر ئائىلىنىمۇ ئۇچراتتىم. ئۇلار قېرىغاندا ئۆز-ئارا ياخشى ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ياش ۋاقتىدا دادا بولغان كىشى ھاراق ئىچىپ، زىنا قىلىپ، نۇرغۇن يامان ئەمەللەرنى قىلىپ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا بولغان بىر ئوغلىمۇ چوڭ بولغاندا دادىسىنىڭ ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ياشايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھېلىقى دادا كېيىنچە دىنغا كىرىپ، نورمال ياشايدىغان بولۇپتۇ. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلىرىمۇ يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن ياشايدىغان ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ چوڭ بولۇپتۇ.

بۇنداق ھېكايىلەر ھەقىقەتەنمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار. گەرچە بۇنداق ئىشلار ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار تېپىلىدىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ھېلىقىدەك ئىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلار ئاز چىقىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئاشۇنداق ئاتا-ئانىلار بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالىلىرى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم بولۇپ چوڭ بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللاردىن، سىز بىر پەرزەنت كۆرۈپ، ئاتا-ئانا بولغاندا، ئۇنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئادەم قىلىپ چوڭ قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈۋالالايسىز. مەيلى سىزنىڭ ئوي-خىياللىرىڭىز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، ئۇلار سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ كۆڭلى ۋە ھاياتىنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقىنى سىزنىڭ ھازىرقى ئىش-ھەرىكىتىڭىز بەلگىلەيدۇ. بۇ ھازىر بىر بالىغا ئاتا ياكى ئانا بولۇش ئالدىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم. ھەرگىز بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بولۇش، بالىلىق بولۇش، ھەمدە بالىڭىزنى ئۆز ئالدىغا خىزمەت ئىشلەيدىغان بولغۇچە بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن توي قىلدۇق، دەپ ئويلىماڭ. سىز شۇنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەككى، بالىڭىز كەلگۈسىدە سىزنىڭ نام-شۆھرىتىڭىزگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئائىلىڭىزنىڭ گۈللىنىش-گۈللەنمەسلىكى بالىلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىگىمۇ باغلىق بولىدۇ. بالىلىرىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخشى ئادەم ياكى ناچار ئادەم بولۇپ چىقىشى سىزگە باغلىق بولىدۇ. چۈنكى سىز بالىلىرىڭىز ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تۇپراق، ھەمدە بالىلىرىڭىزنىڭ ئۈلگىسى.

ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشايدىغان ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدىغان ياخشى يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساسقا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئاتا-ئانا ھەر ئىككىيلەن ياخشى قەلبكە ئىگە بولغاندا، ئانا ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىغا يەنە بىر ياخشى قەلبنى جەلپ قىلىپ ئەكىرىدۇ. سىز ياخشى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ياخشى بالىلارغا ئېرىشىسىز. شۇڭلاشقا سىز توي قىلغان كۈندىن باشلاپلا ياخشى بولۇپ، ئۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ.

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ۋە ھامىلىدارلىق جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئالدىنقى بۆلۈمدە ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى ئۈستىدە توختالدۇق. يەنى، ئاتا-ئانىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بالىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. بىر بالىنىڭ بەدىنى بىلەن كۆڭلىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە دادا بىلەن ئاپىنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر سىز كەلگۈسىدە ئائىلىڭىزنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئىدارە قىلىپ، توغرا ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىزدىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.

ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە، ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلغان بىر جۈپ ئادەمنىڭ ئۆزلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىستىشى بىر تەبىئىي ئەھۋال، ھەمدە بىر تەبىئىي تاللاش. ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە بىر سىمۋول بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بالىسىنىڭ دادا بىلەن ئاپا ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ زەنجىرى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلاردىن باشقا، ھەر ئىككى تەرەپتىكى چوڭ-ئاپا، چوڭ-دادىلارمۇ نەۋرىلىك بولۇشنى ئىستەيدۇ. بۇ ئادەتتە ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئارزۇسى.

پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان ئائىلىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇنداق ئائىلىنىڭ كىشىلىرى ئىنتايىن تۆۋەن ئەخلاقىي قىممەت قارىشىغا ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئادەتتىكى ھايۋانلار بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ئۇنداق كىشىلەر ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن تۇغۇلىدىغان بالىغا ئائىت مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان ئاتا-ئانىلاردىن تۆرەلگەن بالىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىشچان بولۇشقا مايىل كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب ئۇنداق بالىنىڭ مېڭىسى پۈتۈنلەي نورمال بولۇپ كەتمەيدۇ. بالىنى بۇنداق تېپىش گۇناھ بولىدۇ. ياشلار بۇنىڭدىن چوقۇم خەۋەردار بولۇشى كېرەك. يەنى، ئەگەر سىز بالىنى مۇشۇنداق تاپىدىكەنسىز، كەلگۈسىدە ئۆزىڭىزنىمۇ ۋە باشقىلارنىمۇ بەختسىز قىلىسىز.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قىز-يىگىتلەر يېڭىدىن توي قىلىپ، ئاخشىمى بىر كارىۋاتقا چىقىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم رەسمىيەتلەرنى ئۆتەيتتى. بۇ رەسمىيەتلەر بىر ياشنىڭ شۇ بىر پەيتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئالدىراپ ئىش قىلىپ قويماسلىقىنى، ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىشنى ئۆگىتەتتى. چۈنكى تەلۋىلەرچە ئىش قىلىش بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھايۋانلارنىڭ ياكى مەدەنىيەتلەشمىگەن ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئىشىدۇر.

ئۆز ئائىلىسىنىڭ نام-شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلالايدىغان ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ئاتا-ئانا يۇقىرىدىكى تەۋسىيەلەرنى ئەستە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بالا ئېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىر جۈپ ياش ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆز كۆڭۈللىرىنى ساغلام ۋەقەلەر بىلەن روھلاندۇرالايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ياش بۇ ئىشنى ئۆز ئائىلىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتكە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. سىز ئاشۇنداق بىر يىگىت بولسىڭىز، ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىدا قالىدىغان بالىنىڭ روھى ساغلام بىر بالا بولۇشىنى ياراتقۇچىمىزدىن تىلەڭ. ئايالىڭىزمۇ شۇنداق قىلسۇن. سىز بۇ ئىشنى ھازىر ئۆز كۆڭلىڭىزدە بىر ياخشى روھىي ھالەت بەرپا قىلىش، ئاندىن كېيىنچە ئۇنى بالىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن قىلىسىز.

ھەر قېتىم كۆڭلىڭىز پەرىشان بولغاندا ياكى ھېسسىياتىڭىز بىر خىل شەھۋەتپەرەسلىك، خاپىچىلىق، خام-خىيال ياكى چىرىكلىك بىلەن تولغاندا، جۈپىڭىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭ. خاتا كۆڭۈل چوقۇم خاتا نەتىجە پەيدا قىلىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا كىشىلەردە ئەرنىڭ ياكى ئايالنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە، ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنلەردە، ئايال ئادەت كۆرگەن ياكى باشقا بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كۈنلەردە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق قائىدىلىرى مەۋجۇت ئىدى. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنداق كۈنلەردە ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتكە پۈتۈن زېھنىنى يىغالماسلىقىدۇر. بۇرۇنقى زامانلاردا چوڭلار بۇ قائىدىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئاشۇنداق قىلىش جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىزنى پارلاق ئىستىقبالغىمۇ ئىگە قىلىدۇ.

ئايالنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن بىر ناھايىتىمۇ قىممەتلىك ئىش يۈز بېرىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم قائىدە-تۈزۈم بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. ئانىنىڭ بىر ياخشى ۋە ساغلام بەدىنىنىڭ بولۇشى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش بىر تېببىي دوختۇرنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئانىنىڭ بەدىنى ياخشى ۋە ساغلام بولغاندا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىمۇ ساغلام بولالايدۇ. ئانا بولغان كىشى ئۆزى يەيدىغان يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى قورساق كۆتۈرۈۋاتقان ئايال ئىككى جاننىڭ ھاياتىنى كەچۈرۈۋاتقان بولىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدىكەن، ھەر ئىككى جاننىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەگەر ئانا ئاجىزلايدىكەن، ھەر ئىككى جان ئاجىزلايدۇ.

مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدىكى ئىشلار ناھايىتىمۇ مۇھىم. بۇرۇنقى زامانلاردا، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالدىن مۇنداق 5 ئەمرىمەرۇپ (precept) قا قاتتىق ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان:

(1) بىرەر ھايۋاننى ئۆلتۈرۈش، ھايۋانلارغا رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ياكى باشقىلارنىڭ ھايۋانلارنى قىينىشىنى كۆرۈشتىن قەتئىي ساقلىنىش. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاقكۆڭۈل بولۇش، ھەمدە بارلىق ھايۋانلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش. شۇنداق قىلىش ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

(2) ئۆزىدە بار بولغان نەرسىلەرگە رازى بولۇش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەمدە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە خۇددى دېڭىز بويلىرىدىكى ھېچ بىر قىممىتى يوق تاشلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش. ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئاچكۆزلۈك تۇيغۇسىنىڭ كىرىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق.

(3) ئۆز كۆڭلىنى چوقۇم ساپ تۇتۇپ، ئۆزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكىنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق. بالا تۇغۇلۇپ بولمىغۇچە قەتئىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك. جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكىنى قوزغايدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلماسلىق. ئەڭ ياخشىسى بىر تەنھا ئايالدەك ياشاش.

(4) پەقەت ھەق گەپلەر، دوستانە گەپلەر، پايدىلىق گەپلەر ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان گەپلەرنىلا قىلىش. نامۇۋاپىق تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىشتىن قاتتىق ساقلىنىش. چوقۇم سۆزلىمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، سۆزنى چوقۇم مۇۋاپىق قىلىپ، ھەرگىزمۇ گەپنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك. بەك كۆپ سۆزلەپ كەتمەسلىك، چۈنكى كۆپ سۆزلەش ئانىنىڭ كۆڭلىدە قايمۇقۇش پەيدا قىلىدۇ.

(5) ھاراققا ئوخشاش ئىچىملىكلەردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش. ئۇنداق ئىچىملىكلەر ھېچ قانداق بىر پايدىلىق مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلالمايدۇ. ھامىلىدار ئاياللار قىمارخانا، ھايۋانلارنى سوقۇشتۇرۇش، ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى، مۇشتلىشىش سورۇنلىرى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنى قورقۇتىدىغان ياكى ئادەمنى ناھايىتىمۇ بەك ھاياجانلاندۇرۇۋېتىدىغان سورۇنلارغا قەتئىي بارماسلىقى كېرەك.

مەن بىر قېتىم بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئىشلەيدىكەن. بىر قېتىم بۇ ئەمەلدار بىر مۇسۇلمان بالىسىنىڭ خەتنە قىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئۇ ئەمەلدارنىڭ ئايالى ئۇ چاغدا ھامىلىدار بولۇپ، گەرچە بۇنداق سورۇن ئۇنداق ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ، ئۇ ئايال بۇ ئىشقا ناھايىتى قىزىقىپ، ئېرى بىلەن بىللە بېرىپتۇ. كېيىن بۇ ئايال بىر ئوغۇل تۇغۇپتىكەن، ئۇ بالا چوڭ بولغاندا ئۇنىڭ ئەرلىك جايى خۇددى بىر خەتنە قىلىنغان ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاپ قاپتۇ.

مەن قارتا ئويناشقا ناھايىتى ئامراق يەنە بىر ئەرنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭدىن سورىسام، ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆزىگە ھامىلىدار ۋاقتىدا قارتا ئويناشقا ئىنتايىن ئامراق بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك قارتا ئويناشقا بېرىپتۇ. شۇڭا بۇ ئەرمۇ قارتا ئويناشقا ئامراق بولۇپ قاپتۇ. يەنى، ئاپىسىنىڭ ئادىتى ئۇنىڭغا كۆچۈپتۇ. بىز بۇ مىسالدىن ئانىنىڭ ئادىتى بىلەن كىشىلىك خاراكتېرى بالىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. يەنى، ھامىلىدار ئانىلار قورسىقىدىكى ئۆزى قاتتىق كۆيىدىغان بالىسىغا ياخشى تەسىر بېرىش ئۈچۈن چوقۇم ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك. قورساقتىكى بالىغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىش ئىشىنى ئانا ئۆزى يالغۇز قىلىپ بولالمايدۇ. بۇ ئىشتا دادا بولغان كىشىمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك.

ئايالى قورساق كۆتۈرۈۋاتقان مەزگىلدە، ئېرى ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ بىرى بولسىڭىز، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مۇسابىقە كۆرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئاخشىمى سىرتتا بەك كەچ قالماڭ. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇدۇللا ئۆيگە يېنىپ كېلىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆيىڭىزدە سىزنى بىرەيلەن ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويۇشىغا تەشنا بولۇۋاتىدۇ. ئۇ سىزنىڭ ھېسداشلىقىڭىزغىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. بىرەر ئىشتا ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويماڭ. ئانىنىڭ خاپىلىقى قورسىقىدىكى بالىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىز ئايالىڭىزغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز، ئۆز مۇھەببىتىڭىزنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك نامايان قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغا پات-پات سوۋغاتلىق نەرسە ئېلىپ بېرىڭ. ئۇنىڭ بىلەن كۆپلەپ پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇڭ. ئۆزىڭىز بۇرۇن قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىنى ئايالىڭىز ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي توختىتىڭ. ئۆيدە كۆپرەك تۇرۇڭ. سىزنىڭ كەچلەردە ئۆيگە ۋاقتىدا كەلمەسلىكىڭىز ياكى سىزنىڭ سىرتتا باشقا بىر ئايال بىلەن بىللە بولۇشىڭىز ئايالىڭىزنى ئەڭ قاتتىق ئازابلايدۇ. بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئايالىڭىزغا ئېلىپ كېلىدىغان كۈلپىتى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭلاشقا ناھايىتى دىققەت قىلىڭ.

ناھايىتى نازۇك بولۇش ئاياللارنىڭ بىر تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. بولۇپمۇ ھامىلىدار مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بۇنداق ھېسسىياتى تېخىمۇ بەك كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر سىزنىڭ ئايالىڭىز ھامىلىدار بولىدىكەن، ئۆيدە مەسىلە ياكى يۈرەك ئازابى پەيدا قىلماڭ. بەزى ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ناھايىتى كۈنلەمچى بولۇپ كېتىدۇ. ناھايىتى نازۇكلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كىچىككىنە سۈركىلىش توختاتقىلى بولمايدىغان چوڭ مەسىلىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا سىز چوقۇم ناھايىتى سەۋرچان بولۇڭ. ئايالىڭىزدەك نازۇك بولۇپ كەتمەڭ. ئەگەر ئايالىڭىز ئوت بولسا، سىز سۇ بولۇڭ. ئاچچىقىم كەلدى، دەپ، ئۆيىڭىزگە ئوت قويۇۋەتمەڭ. بالىنى تۇغۇش ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، يەڭگىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى ئايالىڭىز ناھايىتى ئەنسىرەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئايالىڭىزنى پات-پات دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرۇڭ. ئايالىڭىزنىڭ يەڭگىش ۋاقتى يېقىنلاشقاندا يىراققا سەپەرگە چىقماي، تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىڭىز ئۈچۈن لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەييارلاپ بېرىڭ. ئايالىڭىزغا ياخشى ئىشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بولىدىغان خەۋەرلەرنى دەپ بېرىڭ. ئايالىڭىزنىڭ پەقەت ياخشى ئىشلار بىلەنلا ئۇچرىشىشى، پەقەت ياخشى ئىشلارنىلا كۆرۈشى، ۋە پەقەت ياخشى ۋە ساغلام گەپلەرنىلا ئاڭلىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، خۇددى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك، ئايالىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ بىر مۇكەممەل روھىي ھالەت ئىچىدە تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز.

شۇڭلاشقا مەن ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارنى بۇرۇنقى زامانلاردىكى كىشىلەر ئەمەل قىلغان دىن ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، بالىلىرىڭلار ياخشى ئادەم بولۇپ، ۋەتەن ئۈچۈنمۇ ياراملىق ئادەملەردىن بولىدۇ. يېڭىدىن دادا ۋە ئانا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلساڭلار، خۇددى ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغاندەك بىر بەختلىك ۋە گۈللەپ ياشنىغان ھاياتقا ئىگە بولالايسىلەر.

قوشۇمچە (1): بالىنى گەپكە كىرگۈزۈشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تورلارغا چىقارغان «بىزنى نېمە بەختلىك قىلىدۇ؟» دېگەن تېمىسىدا ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسى مايكۇل جوسېفسوننى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم. 2015-يىلى 7-يانۋار كۈنى مايكۇل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە «بالىنى گەپكە كىرگۈزۈش» (Getting through to kids) دېگەن تېمىدا بىر قىسقا يازما ئېلان قىلدى. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ تولۇق مەزمۇنى. گەرچە بۇ مەزمۇن «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن تېمىنىڭ 3-قىسمىدىكى مەزمۇن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. شۇنداقلا بالىنى گەپكە كىرگۈزۈش بالا تەربىيەسىدىكى بىر ھالقىلىق ئىش. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇننىمۇ قەدىرلەپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىز ئۆزىمىز «ئۇلۇغ ھېكمەت» دەپ تونۇغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئىنتايىن قاتتىق قىينىلىمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتىدىن، بالىنى گەپكە كىرگۈزۈشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتىم:

(1) بالىسىنىڭ پوزىتسىيىلىرى ۋە ئىش-ھەرىكىتىگە ئىجابىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى. ئەمما «سەن مۇنداق قىلىشىڭ كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش بالىغا تەلىم بېرىدىغان ئۇچۇر ياكى تەلەپپۇزلار ئادەتتە ھېچ قانداق ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۇ ئادەتتە «تەلىم بەرگۈچىگە قارىتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلار كۆڭلىدە «سەن ئۆز ھاياتىڭنى مۇكەممەل ھالدا ياشىيالمايۋاتساڭ، مېنىڭ ئۆز ھاياتىمنى قانداق ياشىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بېرىدىغانلىقىڭغا سېنىڭ قانداقمۇ شەرتىڭ توشسۇن؟» دەپ ئويلايدۇ.

(2) كۆپ ساندىكى ياشلار نەسىھەتلەرنى «نىقابلانغان تەنقىد» دەپ چۈشەنگەن ھامان دەرھال ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۆتىدۇ، ھەمدە ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن نەسىھەتلەرنى بىر ئىجابىي يوسۇندا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ.

(3) ھەممە ئىشلارنى قىلىشقا قارىغاندا دېيىش كۆپ ئاسان. شۇنداق بولسىمۇ بالىغا تەربىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلى، دېمەكچى بولغان گەپلەرنى بىر خىل ئۆز-ئارا پاراڭلىشىش ياكى ئۆز-ئارا مۇزاكىرە-مۇنازىرە قىلىش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىش. سىز بىر خەۋەر، بىر كىنو، ياكى بىر مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەر ھەققىدە بالا نېمىنى ئويلايدىغانلىقى، نېمىنى بىلىدىغانلىقى، ۋە نېمىنى ھېس قىلغانلىقى ھەققىدە بالىڭىزدىن تېخى ئاخىرلاشمىغان بىر سوئالنى سوراڭ. سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ يەنە بىر «نىقابلانغان تەنقىد» بولۇپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىڭ.

(4) بالىڭىز بىلەن بىر قېتىم سۆزلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭغا ھېكمەتلەر قامۇسىدىكى ھەممە مەزمۇنلارنى بىراقلا تۆكۈپ بېرىشكە ئۇرۇنماڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ «تەربىيە قىلىش پىلانى» نى كۆپلىگەن كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، بالىڭىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاڭ.

(5) ئەگەر سىز بالىڭىزغا گەپ ئۆتكۈزۈشتە ھەقىقىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى يېتەرسىزلىكلىرىڭىز، دۇچ كەلگەن قىيىن ئۆتكەللىرىڭىزنى بالىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ. سىزنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى كەمتەرلىكىڭىز بالىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

مايكۇلنىڭ يازمىسىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مەزكۇر يازمىغا قارىتا «كرىس سىممونز» (Chris Simmons) ئىسىملىك بىر كىشى تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يېزىپتۇ:

مەن ئون نەچچە ياشلىق ئىككى قىزنىڭ دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزنىڭ بۇ چۈشەنچىڭىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان 4-نۇقتا ماڭا مېنىڭ چوڭ دادام 7 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگەتكەن، مېنىڭ ئېسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان بىر ھېكمەتنى ئەسلەتتى. مەن 10 ياشلارغا كىرگەندە، چوڭ دادام بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ماڭا «مەن بىلەن بىر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قىلىشنى خالامسەن؟» دەپ، ماڭا بىر جەڭ ئېلان قىلدى. مەن «ئەلۋەتتە خالايمەن» دېدىم. ئەمما ئۇ «بۈگۈن ئەمەس»، دېدى. كېيىنكى 7 يىل ئىچىدە مۇشۇ ئىش ھەر يىلى 2-3 قېتىم تەكرارلاندى. ئەڭ ئاخىرىدا مەن 18 ياشقا كىرەي دەپ قالغان يىلىدىكى بىر كۈنى ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، «بىز بۈگۈن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزسەك بولىدۇ»، دېدى. مەن ئەسلىدە بۇنداق بىر كۈن مەڭگۈ كەلمەيدىغان بولدى، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ مېنى ئۆينىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئۆينىڭ ئالدى ھويلىسىدىكى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇردى. مېنى ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە (يەنى دەرەختىن تېخىمۇ يىراق تەرەپتە) تۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن دەرھاللا «بىز دەرەخنى ئايلىنىپ بىر قېتىم يۈگۈرەيمىز. قېنى باشلايلى!» دەپ ۋارقىرىدى. گەرچە چوڭ دادام 75 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇ دەرەخكە يېقىن تەرەپتە تۇرۇۋالغان بولغاچقا، مەن شۇنچە يىللار ساقلىغان بۇ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۇ ئۇتۇپ چىقتى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، «ھەرگىز باشقا ئادەمنىڭ دامىغا چۈشمە!» دېدى. ھەمدە ئۇ ئۆيگە كىرىپ، چاپىنىنى كىيىپ، ماڭا باشقا بىرەر ئېغىز گەپ قىلماي كېتىپ قالدى. مەن بۇ ھېكمەتنى ۋە ئۇ ماڭا بۇ ھېكمەتنى قانداق ئۆگەتكەنلىكىنى تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە ئۇنتۇلۇپ قالمىدىم. ئەگەر چوڭ دادام ماڭا بىر لېكسىيە سۆزلىگەن بولسا، ياكى ماڭا بىر پارچە خەت يازغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك بولمايتتى. ئۇ ماڭا ئاشۇ ھېكمەت بىلەن ياشاشنى ئۆگەتتى. مېنىڭ بۇ ھېكايەمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىمغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! ھەر كۈنى بىلىملىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

قوشۇمچە (2): ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى

تۆۋەندىكى مەزمۇن ئۆزۈمنىڭ «غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ماقالىنىڭ 3-كىچىك تېمىسى ئاستىدىكى مەزمۇندىن ئىبارەت.

ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ خىيالى ياكى تەپەككۇرىنى ئۆزى كونترول قىلىش تۇغما تالانتىغا ئىگە. ئەگەر سىز كۆڭلىڭىزدە بىر مۇھىم خىيال ياكى بىر مۇھىم ئارزۇنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى كۆڭلىڭىزدە داۋاملىق ساقلاپ تۇرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىز ئاشۇ خىيال بىلەن «ماگنىتلىشىدۇ». باشقىچىرەك قىلىپ ئېيتساق، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بىر ماگنىتقا ئوخشايدۇ. سىز ئۇنى بىر ئېنىق مەقسەت بىلەن قوزغىغان ۋە تەلتۆكۈس تويۇندۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ماگنىت ئاشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ ئەكېلىشكە ئىنتىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە سىزنىڭ ماگنىتلاشقان كۆڭلىڭىز سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ۋە شارائىت قاتارلىقلارنى تارتىپ ئەكېلىپ بېرىدۇ. قىسقارتىپ ئېيتساق، سىز ئۆز زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرگەن ۋە كۆڭلىڭىزدە ساقلىغان بىر ئىدىيە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش ماھىيەتتىكى ئوي ۋە ئىدىيەلەرنى تارتىپ كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىز بىر ئالاھىدە نەرسە بولسا، ئۇمۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئويلىغان نەرسىڭىز سىزگە ھەقىقىي دۇنيادىكى رېئال نەرسە بولۇپ كېلىدۇ. يۇقىرىقىلار «ئۆزىگە تارتىش قانۇنىيىتى» نىڭ ئەڭ ئاساسىي مەزمۇنىدۇر.

ئىنگلىزچىدا «Like attracts like» دېگەن بىر ئىبارە بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «ھەر بىر نەرسە ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىدۇ» دىن ئىبارەت. دۇنيادا بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، ئەگەر سىز بىر يەرگە بىر تال بۇغداي ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۇنىڭدىن 30 سانتىمېتىر يىراقلىققا بىر تال قوناق ئۇرۇقىنى تېرىسىڭىز، گەرچە ئۇلار ئوخشاش بىر يەردىن ئوزۇقلانغان بولسىمۇ، بۇغداي ئۇرۇقىدىن بىر تال بۇغداي، قوناق ئۇرۇقىدىن بىر تال قوناق ئۆسۈپ چىقىدۇ. يەنى، ئوخشاش بىر يەردە تۇرسىمۇ، بۇغداي ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى تارتىپ كېلىپ، بۇغداي بولۇپ ئۆسىدۇ. قوناقمۇ ھەم شۇنداق قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر تال بۇغداي ساپىقىنىڭ بىر شېخىدا بۇغداي، يەنە بىر شېخىدا بولسا ئارپا ئۆسۈپ قالمايدۇ. يەنى بۇ ئۆسۈملۈكلەر ھەرگىزمۇ خاتالىشىپ قالمايدۇ.

ئىلاۋە: ئەگەر سىز ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئادەملەرنى ئوبدان كۆزىتىپ باقسىڭىز، مۇنداق بىر ئىشنى بايقايسىز: ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەرنىڭ ئەتراپىغا يەنە شۇ ئەخمەق، سەمىمىيەتسىز، ئىچى قوتۇر، ئىپلاس ۋە رەزىل ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپىنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزى بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئادەملەر بولغان. ئادىل، مەرد، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنىڭ ئەتراپىغا بولسا ئوخشاشلا ئادىل، مەرد، ياخشى خىسلەتلىك، بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەر توپلانغان، ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى كۆپىنچە ھالدا يەنە شۇ ئۆزلىرى بىلەن بىر خىلدىكى ئادەملەر بولغان.

بۇ يەردە ھەر بىر ئادەم قەتئىي ئەستە تۇتمىسا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، بۇ دۇنيادا ھېچنېمە بەرمەي تۇرۇپ، بىر نەرسىگە ئېرىشىدىغان ئىش يوق. بىر قىسىم نادان ياكى گۆدەك كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەي، «مەن بىر نەرسىنى ناھايىتى قاتتىق ئارزۇ قىلىۋەرسەم، ياكى خۇدادىن تىلەۋەرسەم، مەن ئۇنىڭغا بىر كۈنى چوقۇم ئېرىشەلەيمەن»، دەپ ئويلايدۇ. مەلۇم بىر نەرسىگە ئۆلگۈدەك ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، مەڭگۈ يۈز بەرمەيدىغان ئىشقا ئۈمىد باغلاپ تۇرۇپ قالىدۇ.

بىر نەرسىگە ئارزۇ قىلىش ياكى كېچە-كۈندۈز ئويلاش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ ئاندرۇ كارنىگى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇنداق نادانمۇ؟ ناپولىيون خىل ئاشۇنداق بىر ئەخمىقانە ئىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ 30 يىل ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانمۇ؟

ئارزۇ قىلغان نەرسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەن بىر ئوينىڭ بىر رېئاللىقنىڭ نامايەندىسىگە ئايلىنىشى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور پەرق بار. بىر ئوي ياكى ئارزۇ يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋاقىت بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشقان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقىدا يۈز بەرمىسە بولمايدىغان بىر تالاي ئىشلار بار (مۇشۇ يەردە مېنىڭ «نىشان» ۋە «غايە» توغرىسىدىكى ئىككى پارچە ماقالەمنى ئەسلەپ بېقىڭ). بەزى ئادەملەر بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە كۈنى قايسى دەرىجىدە ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىماي ئۇخلىماي چۈش كۆرىدۇ، ياكى قۇرۇق خىيال قىلىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر بولسا بىر نەرسىنى ئىنتايىن قاتتىق ئارزۇ قىلىپ، قانداق قىلغاندا ئاشۇ نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا توختاۋسىز ئويلىنىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ. بۇ 2 خىل ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار.

ھەممە ئادەملەر ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن پۇل، بىر ياخشى خىزمەت ئورنى، نام-شۆھرەت ۋە يۇقىرى ئىناۋەت قاتارلىق ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، كۆپىنچە كىشىلەر ئارزۇ قىلىش باسقۇچىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدۇ. ئۆز ھاياتىدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىغان، ھەمدە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئارزۇلىرىنى بىر كۆيۈپ تۇرغان ئىستەك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇ ئىستەكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا بىر مۇكەممەل پىلان تۈزۈپ، شۇ پىلان بويىچە توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئېرىشكەن بايلىق ۋە ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دەسلىپىدە ئۆزى ئىستەيدىغان نەرسە توغرىسىدىكى بىر ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئىخچام كۆڭۈل مەنزىرىسى شەكلىدە باشلىنىدۇ. بۇ كۆڭۈل مەنزىرىسى چوڭايغاندا، ياكى ئۇ مەجبۇرى ھالدا ئادەمنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىۋالغان بىر خىيال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ كونتروللۇقى ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مانا شۇ نۇقتىدىن باشلاپ، ئادەم ئاشۇ كۆڭۈل مەنزىرىسىگە ماددىي جەھەتتىن ئېكۋىۋالېنت (تەڭداش) بولغان نەرسىگە تارتىلىدۇ، جەلپ قىلىنىدۇ، ياكى يېتەكلىنىدۇ.

سىز ئىستەيدىغان نەرسە پۇل ياكى بىر ماشىنا بولسا، سىزنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز بىلەنلا ھەرگىزمۇ ئۇ پۇل يانچۇقىڭىزدا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ياكى ئۇ ماشىنا ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالمايدۇ. سىز نۇرغۇن پۇل، بىر ماشىنا، ياكى باشقا بىر ماددىي نەرسىگە ئېرىشكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەندە، سىزنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلغان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ ئىشنى قىلىش قابىلىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەقىدىگە ئۆزىڭىزنى ئىشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىستىكى توغرىسىدىكى بىر جانلىق تەسەۋۋۇرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندە، بۇ تەسەۋۋۇر سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزغا قاتتىق ئورناپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇ سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن باغلىنىدۇ، ۋە ئۇلار ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئاپتوماتىك ھالدا يىغىپ ماشىنا ئالىدىغان پۇلنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ياخشىراق ئىدىيەلەرنى ئويلاپ چىقالايسىز. دېمەك، ئىستەكنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ كونكرېت نەرسىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ پەقەت يېڭى ئىدىيە ۋە زۆرۈر پوزىتسىيەلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. سىز شۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيەسى بىلەن ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتكەندە، ئۆزىڭىزنىڭ خىيالى ئىچىدە ياشاش باسقۇچىدىن ئەمەلىي ئىش قىلىش باسقۇچىغا ئۆتىسىز. ئاندىن سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ئەمەس، سىز ئۆزىڭىز ھەرىكەت قوللىنىپ، كونكرېت ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.

ئىلاۋە: مەن «ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى» دېگەن ماقالەمدە تونۇشتۇرغان ئىككىنچى ئادەت «ئۆز كۆڭلىدە ئىشنى ئۇنىڭ ئاخىرسىدىن باشلاش» بولۇپ، بۇ ئادەت يۇقىرىدا سۆزلەنگەن، ئالدى بىلەن ئۆز ئىستىكىنىڭ كۆڭۈل مەنزىرىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش.