ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
[ئىبرەت] بوۋاي زەھەر چېكىدىغان، ئەيدىز بولۇپ قالغان ئوغلىنى ئۆلتۈرۋەتتى
ۋاقتى : 2017-10-18 23:46:27  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 70 ياشلىق بوۋاي زەھەر چېكىدىغان، ئەيدىز بولۇپ قالغان ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋەتتى

[URL]03478573c05110eb12de98d0f0213dc7.jpg

12-ئاينىڭ 29-كۈنى، گۇاڭجۇ، چېن فامىلىلىك بوۋاينىڭ ئوغلى زەھەر چېكىۋاتقانغا 10 نەچچە يىل بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇنى ئاز دەپ يەنە ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالدى. ئۇزۇندىن بۇيان، بالىسى چېن بوۋاينى كۈندە دېگۈدەك قىستاپ پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلدى، پۇل بەرمىسە ھەتتا يامان تىل بىلەن ھاقارەتلەپ، قول كۆتۈرۈپ ئۇردى. چېن بوۋاي نەچچە يىلدىن بۇيان ئازاب-ئوقۇبەتنى ۋە ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئەمدى پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى بۇ ناكەس، ۋاپاسىز ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋەتتى، كەنتتىكىلەر چېن بوۋاي ئۈچۈن «تىلەپ قېلىش خېتى» يېزىپ، خەت ئۈستىگە بارماقلىرىنى بېسىشتى. «تىلەش خېتى» دە مۇنداق يېزىلغان ئىدى، چېن بوۋاي ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋەتتى، ئامما ئۇنى قوللايدۇ، بىز ئۇنىڭ «ھەقىقەت ئۈچۈن قېرىندىشىنىمۇ يوقۇتۇش، خەلق ئۈچۈن زىيانداشنى تازىلاش» روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چېن بوۋايغا ئاتىدارچىلىك ۋە كەڭچىلىك قىلىشىنى سورايمىز.
چېن بوۋاينىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوغلى تەرىپىدىن ئۇرۇپ-چېقىلغان، كېيىن ئۇ ھەتتا بالىسىدىن ئەنسىرەپ ئىككى قەۋەتتىكى بالكونغىمۇ ئوغرىدىن ساقلىنىش ئىشىكى ئورنىتىپ قويدى. 2015-يىلى دېھقانلار كالىندرى چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، گۇاڭجۇ شەھىرى نەنشا نىيۇزەي يېزىسىدىكى 74 ياشلىق چېن بوۋاينىڭ ئۆيىدە، 42 ياشلىق ئوغلى ئۇنىڭدىن 50 يۈەن ئېلىپ زەھەر سېتىۋالغان، ھەتتا ئۆيگە كىرىپ مېھمانخانىدا ئىشپىرىس بىلەن ئۆزىگە زەھەر ئۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق غەزەبلەنگەن چېن بوۋاي «ئادالەت ئۈچۈن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش» نىيىتىدە ئوغلىغا چاي دەملىگەندە ئۇخلىتىش دورىسى سېلىۋەتكەن، ئوغلى ئۇخلاپ قالغاندا دەسلەپتە ئۇرۇپ، كېيىن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.

چېن بوۋاي زەھەر چېكىدىغان ئوغلىنىڭ ئۆيگە كېلىپ يەنە بىر نەرسىلەرنى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆيى بار كوچىغا تۆمۈر ئىشىك ئورنىتىپ قويدى. ئۇنىڭ ئوغلى زەھەر چېكىپ ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغاندىن كېيىن، چېن بوۋاي كۆپ قېتىم ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ئۇنى كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئاپىرىپ بېرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنى ھېچ قانداق ئورۇن قوبۇل قىلمىغان. شۇڭلاشقا «شۇ بىر يولدىن باشقا ھېچ قانداق ئامال قالمىغان.» بىراق كېيىن چېن بوۋاي قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە نەنشا قاماقخانىسىغا قامالغان. ئۇ ياشىنىپ قالغانلىقتىن كېسىلى قوزغىلىپ، ئىككى قېتىم سوت ئاچقاندىن كېيىن، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايرىم ياتاقتا ئىككى ئاي داۋالاتقان. ئىككى قېتىملىق سوتتا ئۇ ئوخشاشلا بەتنىيەت ئوغلىنى ئۆزىمۇ خالىمىغان ھالدا، مەجبۇرىي كۆزدىن يوقىتىش ئارقىلىق، بۇ يامانلىقنى توختاتماقچى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چېن بوۋاي قاماقخانىدىن چىقتى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى چېن چىياڭ ئىككى قولىنى چوڭ ئېچىپ دادىسىنى كۈتىۋالدى. گۇاڭجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، چېن بوۋاي قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، بىراق دېلو ئەھۋالى ئالاھىدە دەپ قاراپ، چېن بوۋاينى مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا تۆت يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان ۋە شۇ كۈنىلا قويۇپ بەرگەن.
قاماقخانىدىن قايتىپ كەلگەن چېن بوۋاي ئۆيى ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتى. گۇاڭجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، ئۆلگۈچى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرغان، كۆپ يىل زەھەر چەككەن، خىزمەت قىلمىغان ياكى باشقا كىرىمىمۇ يوق، بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان، بىراق كېيىن يەنىلا زەھەر چېكىۋالغان، زەھەر چېكىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن توختىماي پۇل تەلەپ قىلغان، بەرمىسە تەھدىت سالغان، ھاقارەت قىلغان، ھەتتا ئۇرغان، بۇنىڭدىن چېن بوۋاي ئائىلىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. چېن بوۋاينىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ، بىراق جىنايى قىلمىشتىن كېيىن ئاكتىپلىق بىلەن دېلونى پاش قىلىشقا ماسلاشقان ۋە جىنايىتىنى تاپشۇرغان، بۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا كىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىش ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ.
چېن بوۋاي ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن ئوتقا دەسسىدى. ئەتراپتىكى قوشنىلارنىڭ دېيىشىچە، چېن فامىلىلىك ئەر-ئايال ئىككىسى ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئادەملەر بولۇپ، قوشنىلارغىمۇ ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بىراق راستىنى دېگەندە، ئۇنىڭ زەھەر چېكىدىغان ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن بۇ قورو خېلى بەك جىمىپ قالغان.

Yarp.jpg