ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
ئەرلەر ئۇزاق مەزگىل نەشە چەككەندە
ۋاقتى : 2017-07-16 17:35:19  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

naxa.jpg

  «Record Japan» تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مىچىگان ئىشىتاتى مەلۇم ھۆسن تۈزەش دوختۇرى ئانتونى ئەرلەر نەشىنى كۆپ چەككەندە ئۇرۇقدان كېتونى ئازلاپ، كۆكرىكىنىڭ يوغىناپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە « ئاياللىشىش خاراكتېرىدىكى كۆكرەك كېسىلى»گە گىرىپتاربولغان ئەرلەردە 25 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتى %30 تىن %40 كىچە، ئون ياش مەزگىلىدىكىلەرنىڭ %60 كە، 50 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ %60 كە يەتكەن.
دوختۇر ئانتونى ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق نەشە تەركىبىدىكى«THC»دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ بىرى بولغان ئۇرۇقدان كېتونىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نەشە ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ئاياللار نەشە چەكسە، يۈزىنى تۈك قاپلاپ كېتىدىكەن.

Yarp.jpg