ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
پەخەس بول ! ئەيدىز بىر قارا جاڭگال
ۋاقتى : 2017-07-16 17:32:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

پەخەس بول ! ئەيدىز بىر قارا جاڭگال

ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
سۆز بېشى


نويابىرنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىز ئوقۇغۇچىسى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي ئىنستىتۇتى يىغىن زالىدا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ قەلب تارىنى چەكتى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇلىيە ئىسىملىك بۇ قىز 2004-يىل ئاپرېلدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان ، 2005-يىلى ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنى ئەيدىزدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەن ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى قايتا سادىر قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان چاغدا، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى.ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۇ بۇ شۈم كېسەلنى ئوغۇل دوستىدىن يۇقتۇرىۋالغانىدى.
ئەيدىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق ؟
ئامېرىكىدا 1981 –يىلى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان تۇنجى ئاغرىق بايقالغاندىن كېيىن، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا تېز يامرىدى. 2005-يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 3 مىليون بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلگەن بالىلار 570 مىڭغا يەتكەن.ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ 9-ئايغىچە بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 60 مىڭدىن ئاشقان. كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ سان ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاندۇرماي قالمايدۇ . ئۇنداقتا ئىنسانىيەتكە تەھدىت بولىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى قايسى يوللار بىلەن يۇقىدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق يوللاردىن يۇقىدۇ؟
سەھىيە تارماقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى بىرىنچىدىن، قاندىن يۇقىدۇ. يەنى ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن يۇقىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قاندىن يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى. بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەندىن باشقا يەنە قۇلاق تېشىش، قاش-كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار. ئىككىنچىدىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ. يەنى ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ. يۇقۇملانغان ئانا ھامىلىدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى%13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن. بوۋاق تۇغۇلۇپ18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ھەقىقىي يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى بولىدۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسى يوقىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئانتېتلا ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ.
ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان–بولمىغانلىقنى قانداق بىلىمىز؟
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان–يۇقۇملانمىغانلىققا ھۆكۈم قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئەيدىزگە ئالاقىدار ئۇقۇم ۋە بەزى ساۋاتلارنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللەر مەخسۇس دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ، دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويغۇزۇش لازىم.
خەتەرلىك ھەرىكەت دېگەن نېمە؟HIV (ئەيدىز ۋىرۇسى) ئاساسلىقى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ قان، مەنىي، جىنسىي يول ئاجراتما سۇيۇقلۇقى، ئېمۇلسىيە، جاراھەت ئېغىزى سىرغىما سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئالمىشىشىنى پەيدا قىلالايدىغان بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە HIVنى تارقىتىش ئېھتىماللىقى بار. خەتەرلىك ھەرىكەت ئادەتتە بىخەتەرلىك قېپى ئىشلەتمىگەن جىنسىي مۇناسىۋەت، باشقىلار بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى بىللە ئىشلىتىپ زەھەر ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەتەرلىك ھەرىكىتى بار ئادەملەر خەتەرلىك كىشىلەر توپى، دەپ ئاتىلىدۇ. خەتەرلىك كىشىلەر توپى يوشۇرۇن پاھىشە، پاھىشىۋاز، ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتداشلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ھەقلىق قان تەقدىم قىلغۇچىلار ھەم يۇقىرىدا دېيىلگەن كىشىلەر توپى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆزنەك مەزگىلى دېگەن نېمە؟ HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىتتا ئورگانىزمدىكىHIV ئانتىتېلاسى تەدرىجىي مۇسبەت كۆرۈنىدۇ. HIV بىلەن يۇقۇملىنىپ قاننى تەكشۈرۈپ HIV ئانتىتېلاسىنى ئېنىقلىغىلى بولىدىغان بولغىچە بولغان ۋاقىت ‹‹كۆزنەك مەزگىلى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆزنەك مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇققان HIVنىڭ كۆزنەك مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزاقراق بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولىدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان دورا ياكى ئۇسۇلمۇ يوق، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش چارىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىخەتەر جىنسىي ئالاقە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ زۆرۈرىيىتى بولمىغان قان سالدۇرۇش ۋە ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىش؛ زەھەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ئەيدىز بىمارلىرى يىمەك-ئىچمەكتە پەرز تۇتۇشنى بىلىشى كېرەك
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەيدىز بىمارلىرى تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، تەركىبىدە يۇقىرى ئېنېرگىيە، يۇقىرى ئاقسىل بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئادەتتە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىشتىھاسى ناچار، ماددا ئالماشتۇرۇشى تېز بولغاچقا، ئېنىرگىيەنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئەيدىز بىمارلىرى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى ئېممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بولۇپمۇ تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىنC بولغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ھەركۈنى ئازمىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش لازىم. بىرلا قېتىمدا كۆپ مىقداردا تاماق يېيىش ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا ئەيدىز بىمارلىرى بىر كۈندە 5-6 قېتىمغىچە ئاز مىقداردىن غىزالىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇشى، ھەر قېتىملىق تاماقتا ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.بەشىنچىدىن، چۈچمەل، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئالتىنچىدىن، يېمەكلىك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك لازىم. سەككىزىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بېرىش لازىم.
قايسى خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى چوڭ ؟
سېرىق پۇرچاق: سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول بولغان سېلىن ئېلېمېنتى بولۇپ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەن تەقدىردىمۇ كۆپىيىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
تەرخەمەك: تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. تەرخەمەكنىڭ ئۇچ قىسىمىدا بىرخىل ئاچچىق خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئادەم تېنىگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ .
ئاچچىق كاۋا (كۇگۇا): ئاچچىق كاۋىنىڭ تەركىبىدە ئاچچىق كاۋا ئاقسىلى بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئامېرىكا ئالىملىرى 50 نەپەر ئەيدىز بىمارىنى كۆپ مىقداردا ئاچچىق كاۋا ئىستېمال قىلغۇزۇپ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.
خەيدەي (دېڭىز يۇسۇنى): خەيدەينىڭ تەركىبىدە يود مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئېممۇنىتېت سىستېما ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۆردەك قېنى: ئۆردەك قېنى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېممۇنىتېت ئاقسىلى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت فۇنكىسىيەسىنى كۈچەيتىدۇ، قان تەركىبىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنى كۆپەيتىپ، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ يۈتۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك ئېممۇنىتېت سىستېما شەكىللەندۈرىدۇ.
سامساق: سامساق تەركىبىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان ئېلېمېنت بار بولۇپ، ھەرخىل باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش-تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ . دائىم سامساق يېگەندە كۈچلۈك ئېممۇنىتېت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى سامساق ياپراقچىسىنىڭ ئىچىگە بەش مىنۇت قويۇپ قويغاندا ھەممە ۋىرۇس ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇڭلاشقا ئادەتتە سامساقنى كۆپ يەپ بەرگەندە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولماقتا. ئەيدىزنىڭ بۇ دەرىجىدە يامراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكى، بۇ خىل قىلمىشلارنى چەكلەيدىغان، ئالدىنى ئالىدىغان، داۋالايدىغان قانۇن ۋە كەسپى ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ چوڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىدا. بۇنىڭ ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئەزا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قەدىرلىشى، يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش ۋە يىرگىنىش پوزىتسىيەسىدە بولماي، ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلاردىكى جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئاخىرقى تەۋسىيەم، ھەممەيلەن ئاگاھ بولايلى، ئەيدىز بىزنىڭ يېنىمىزدىلا.

Yarp.jpg