ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
جۇڭگو بىلەن كامبودژا بىرلىشىپ 1.1 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈردى
ۋاقتى : 2017-06-27 15:43:30  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

شاڭخەي تاموژنىسى 22-ئىيۇن ئېلىمىز ۋە كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، توڭلىتىش ساندۇقىدىكى بېلىق ئارىسىغا يوشۇرۇلغان 1.1 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىل 11-نويابىر، شاڭخەي ياڭشەن تاموژنىسى بىر گۇمانلىق تالوننىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم «تىنچ ئوكيان ماكرىل توڭلىتىلغان بۇيۇملىرى» نامىدا مەلۇم قىلىنىپ كونتېينېرغا قاچىلانغان ماللارنى تەكشۈرگەن. بۇ بىر تۈركۈم توڭلىتىغان بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 20 توننا بولۇپ، بۇ ماللار جەنۇبىي ئامېرىكا ئېكۋاتوردا پاراخوتقا قاچىلىنىپ يولغا چىقىپ، شاڭخەي ياڭشەن پورتىدا پاراخوت ئالمىشىپ، ئاخىرىدا كامبودژادىكى پورتقا يەتكۈزۈلىدىغان ئىكەن.
  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماكرىل بېلىقىنى نىقاب قىلغان 1102 گۇمانلىق بۇيۇم بايقالغان. بۇ بۇيۇملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر كىلوگىرام بولۇپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ جىسىملاردىن كوكائىن مۇسبەت رېئاكسىيەسى ئېنىقلانغان. شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 1.1 توننا كېلىدىغان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ھەممىسىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى كوكائىن ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈلگەن. 
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى