ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  زەھەر ۋە ئەيدىز
زەھەر ۋە ئەيدىز
ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى يېڭى لاھىيەسى
ۋاقتى : 2017-06-13 18:31:16  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئىنسانلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى لاھىيەسىنىڭ تايلاندتا ئېلىپ بېرىلغان 3-باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەجرىبىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇك يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى مايمۇن تېنى ئارقىلىق تەجرىبە قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىلارنىڭ ياخشىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلىغان.
دوكتۇر بارتون (Barton F. Haynes): «تايلاندتىكى تەجرىبىدە سىناق قىلىنغان RV144 دەپ ئاتىلىدىغان ۋاكسىنا لاھىيەسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى %31كە يېتىدۇ» دېدى. بۇ تەتقىقات تۈرى Nature Communications ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «مايمۇن ئوبيېكت قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا بىز ۋاكسىنىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىشلىتىپلا داۋالاش سەۋىيەسىنى %55كە كۆتۈردۇق» دېيىلدى.
بارتون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى RV144 ۋاكسىنىسى ئىشلىتىلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردىن باشلاپ ئەيدىز ۋىرۇسى يېپىق رايونىدا پەيدا بولىدىغان ئانتېتلالارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاساسىي نىشان بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بارتون يەنە ئۇ ئانتېتلالارنى قوزغىتىشنىڭ ئاسانلىقىنى ئېيتتى.
باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوكتۇر تود بىرەدلېي (Todd Bradley) دۇك ئىنسانلارغا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ: «پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارغا ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشىدىن ۋاكسىنا ئارقىلىق ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى لاھىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.
نۇر تورىدىن ئېلىندى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg