ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز ۋە ئازاپ
ئەيدىز بوۋاق تۇغۇپ ساتىدىغان ئاياللار
ۋاقتى : 2017-01-12 14:00:59  مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىز  يوللىغۇچى : يارپ


ئەيدىز بوۋاق تۇغۇپ ساتىدىغان ئاياللار

توقسۇنلۇق بىر ئايال تونۇشى ئارقىلىق قارامايدىن بىر بوۋاق سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئەكىلىپ بېقىپ، بالىنىڭ يۈزى ۋە تېرىلىرىگە چىقىپ كەتكەن نەرسىلەر ئون ئايلىق بولغاندىمۇ يوقالمىغاچقا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندە بۇ بالىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھاللا بوۋاقنى سېتىپ بەرگۈچىنى ئىزدەپ قارامايغا بارغاندا، بوۋاق ساتقۇچىنىڭ ئەسلى مارالبېشىلىق بولغاچقا يۇرتىغا كەتكەنلىكىنى بىلىپ، بوۋاقنى مارالبېشىدىكى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياندۇرۇپ بەرگەن. ئەسلىدە بۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى نىكاھسىز ھالەتتە بىللە تۇرىۋاتقۇچىلار بولۇپ، بالىسىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆز يۇرتىدا تەكشۈرتكەندە ھەر ئىككىلىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ چىققان.
توقسۇن ناھىيىسىدە مۇشۇنىڭ بىلەن بېقىۋېلىنغان بالىلاردىن ئۈچى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان چىققان بولۇپ، قالغان ئىككىسى بايقالغاندا بىر نەچچە يىل بولۇپ قالغاچقا بېقىۋالغۇچىلار داۋاملىق بېقىۋەرگەن.
بىر ناھىيىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئاڭلىغىنىمىز مۇشۇنچىلىك بولغان يەردە، بىز ئاڭلىمىغان باشقا ناھىيە-شەھەرلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بوۋاقلارنى بېقىۋېلىپ قالىدىغان ئەھۋالنى يوق دىيەلەمدۇق؟! بالا بېقىۋالغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەلنىڭ مەنبەسى بولغان يۇقۇملۇق ئەيدىز ۋىرۇسى جىسمىدا بار بالىلارنى بېقىۋېلىش بولمىسا يە! ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىۋاتقان دورىنى يىمەي، ئاقىۋەت تۇغما ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنى تۇغۇپ سېتىپ خەجلەش غەرىزىدە بولۇش نېمە دېگەن رەزىللىك، نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ئەھۋال-ھە!
مانا بۇنىڭدىن بالا بېقىۋالغۇچىلارنىڭ بالا بېقىۋېلىشتىن بۇرۇن بالىنىڭ سالامەتلىكىنى دوختۇرخانىدا تەپسىلى تەكشۈرتۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بىرىشنىڭ بەكمۇ زۆرۈرلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىن ئادەم بالىسى سېتىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۆز بالىسىنى سېتىشمۇ ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس، باشقىلارنىڭ بالىسىنى سېتىۋېلىشمۇ باھا تالىشىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغانغا ئوخشىمايدۇ. كىشىلەر قوي-كالا سېتىۋالسىمۇ ساق-كېسەللىكىگە قاراپ تاللاپ سېتىۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ سېتىلىدىغان بوۋاقنى تاپماقنىڭ دەماللىققا ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇچرىغانلا بوۋاقنى ئالدى-كەينىگە قارىماي سېتىۋېلىش بىلەن مۇشۇنداق تۇغما ئەيدىز بوۋاقنى بېقىلىپ قېلىش، بالىلىق بولالمىغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بالا كەلسە قوشلاپ كەپتۇ دېگەندەك ئىش ئەمەسمۇ!
مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك دىققەتنى بۇرايدىغان ئالاھىدە مەسىلە، بىر قىسىم چوڭ-كىچىك دوختۇرخانىلاردا ھەر خىل بوۋاقلارنى ساتىدىغان ۋاستىچىلەر بار بولۇپ، بالا تۇققۇچى بالىسىنىڭ كىمگە سېتىلغانلىقىنى بىلمەيدىغان، بالا بېقىۋالغۇچىمۇ بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بالا سودىسى تورى شەكىللەنگەن ئىكەن. بالىسىنى نىكاھسىز تۇغقاچقا ياكى ئۆزى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولغاچقا مۇشۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان بالىنى باشقىلارغا بىرىۋېتىش ياكى سېتىۋېتىش نىيىتى بارلار دوختۇرلارغا دىسە، دوختۇرلار شۇنداق بالا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاستىچىلەرنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ بىرىدىكەن، ۋاستىچىمۇ سېتىلىدىغان بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قولىدىن ئەمەس بوۋاقلار ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ مەخسۇس ئورۇندا بالا سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە تەييارلاپ قۇيۇدىغان، بالا تۇققۇچى پەقەتلا بالىسىنى ساتقان پۇلنى كۆرۈدىغان، بالا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىدىغان ۋاستىچىنىمۇ، بالىسىنى سېتىۋالغۇچىنىمۇ كۆرمەيدىغان ئالاھىدە ئەھۋال شەكىللەنگەن بولۇپ، بالا تۇققۇچى، بالا ساتقۇچى، بالا سېتىۋالغۇچى كۆرۈنمەس يىپلارغا باغلانغان ھالدا بالا سودىسىنى پۈتتۈرىدىكەن.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئادەم بالىسى ساتىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۆز بالىسىنى ساتقۇچىمۇ ھەقىقى ئانا ئەمەس. ئادەم بالىسىنى سېتىش ئەخلاققا ھەم قانۇنغا خىلاپ. بولۇپمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ، يەنى يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ سېتىۋېتىش ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. ئۆز بالىلىرىنى تاشلىۋەتمەي ھەم باشقىلارغا بېرىۋەتمەي باقىدىغان ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىغان بۇنداق ئادەملەر ئەسلىدە بالا تۇغماسلىقى كېرەك ئىدى.
نىكاھسىز بالا تۇغۇپ قويغانلار، ھەتتا ئۆزلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان تۇرۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا يىمەي تۇغما ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بوۋاقنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن تۇغۇپ ئاندىن خۇددى مال ساتقاندەك سېتىۋېتىدىغان ئاياللارنى بالا تۇغۇش ماشىنىسى دىيىش كېرەكمۇ! تۇغما ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئەيدىز تۇغۇلغان بالىلارنى بىلمەي تۇرۇپ سېتىۋالغۇچىلار ئۇ بالىلارغا ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ۋاقتىدا يىگۈزمىگەچكە، ھەم بېقىۋېلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئاندىن بېقىۋالغان بالىسىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ، بۇنداق ئەيدىز كېسەل بالىسىنىڭ چوڭ بولۇشىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ھەم ئوبدان بېقىشتىن رايى يېنىپ، يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىنمۇ ۋىرۇسقا قارشى دورا يىگۈزمىسە، بۇنداق بالىلار قانچىلىك ياشىيالار-ھە!
دېمەك، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغان بالىلارنى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ تۇغۇلغاچقىلا كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپلا سېتىۋېتىش قىلمىشى ئېغىر ئىجتىمائىي ئەخلاق مەسلىسى بولۇپ، سېتىۋېتىلگەن بوۋاقلاردىكى ئەيدىزدەك خەتەرلىك كېسەللىك ئەھۋالىنى يۇشۇرۇش شۇ بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تېز ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش بىلەن بىللە، شۇ بالىنى بېقىۋالغۇچىلارغىمۇ بەزى خەۋىپلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يەنى، ئۆزلىرى بىلمەي ئەيدىز بوۋاقنى بېقىۋالغۇچىلار بەلكىم بوۋاققا ئېغىزى بىلەن يىمەكلىك چايناپ بىرىشى بىلەن ھەم بوۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە جىم ئولتۇرۇپ بەرمەيدىغان بالىنىڭ تېرىسى ئويلىمىغان يەردىن كېسىلىپ كېتىپ، قاننى سۈرتۈش جەريانىدا قوللىرىدا يارا-جاراھەت بارلار بولسا، بالىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇنداقلا بالىنىڭ تېرنىقىنى ئېلىش جەريانىدا بارمىقى كېسىلىپ كېتىش، قۇلىقىنى تېشىش جەريانىدا قان چىقىش-يىرىڭداپ قېلىش سەۋەپلىكمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنىڭ قېنى بىلەن باشقىلارنىڭ قانلىرى ھەر خىل ئەھۋاللار بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىشقىلىپ يېنىدىكى كىچىك بالىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەسلىك، (ئەلۋەتتە كىچىك بالىمۇ ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيلا قالماستىن بىلسىمۇ باشقىلارغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنىمۇ بىلمەيدۇ)، شۇ سەۋەپتىن قانداق ئېھتىيات قىلىشنى ئويلىماسلىق بىلەن ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىنى ئۇنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەسلىك بىلەن ھېچقانداق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارماسلىق ئاقىۋىتىدە بۇ بالىنىڭ ھاياتىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەپلىك تېزلا خەۋىپكە ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن.