ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
5-ئاينىڭ 17-كۈنى ھەمجىنسلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق كۈنى
ۋاقتى : 2018-05-18 12:23:47  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

5-ئاينىڭ 17-كۈنى «ئەر ھەمجىنسلار، ئايال ھەمجىنسلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق كۈنى». 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمجىنسلارنى «كېسەل ۋە ئالاقىدار ساغلاملىق مەسىلىسى خەلقئارا ستاتىستىكىلىق تۈرگە ئايرىش» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئىشخانىسى 2013-يىلى 7-ئايدا «ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» يەر شارى ئاممىۋىي تەربىيە ھەرىكىتى تەشكىللەپ ھەمجىنسلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەرگە زوراۋانلىق قىلىش ۋە كەمسىتىشكە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ ئەر ھەمجىنسلار، ئايال ھەمجىنسلار ۋە جىنس ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە ھۆرمەت قىلىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇلارنى ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. بۇ يىللىق خەلقئارالىق كۈندىكى ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتى جامائەت پاراۋانلىقى قىسقا فىلىمى «ئۇلارنى قوللايلى»نى ئىشلەپ كىشىلەرنى تونۇيدىغان، تونۇمايدىغان ھەممەيلەننى قوللاپ ئۇلار بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ھەقىقىي ئۆزى بولۇشقا چاقىردى.

1e86bbda47be51c4111b1752f07fb15e.jpg