ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەل
ۋاقتى : 2017-11-24 22:54:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىزنىڭ مۇھىم يوقۇش يوللىرىنىڭ بىرى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە جىنسىي كېسەللەرنىڭمۇ يوقۇش يولىدۇر. شۇڭا بۇ ئىككىىسى ‹قوش كېزەك› كېسەللەر بولۇپ، جىنسىي كېسەللەر بىلەن ئاغرىغانلىقى ئېنىقلانغان بولسا، چوقۇم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىشى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان بولسا، چوقۇم جىنسىي كېسەللەر بىلەن يوقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكى تەكشۈرۈلىشى كېرەك.

1018 12.jpg


يوقۇش يولىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن باشقا، بۇ ئىككى خىل كېسەل بىر-بىرىنىڭ يوقۇمچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ ئىممونت كۈچى تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانمىغانلارغا قارىغاندا ئاسانراق جىنسىي كېسەللەرنى يوقتۇرىۋىلىشى مۇمكىن؛ جىنسىي كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا ياكى سۈيدۈك يولىدا كۆرگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان زەخمە بولغاچقا، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن تېخىمۇ ئاسان يوقۇملىنىپ قالىدۇ ۋە باشقىلارغا تېخىمۇ ئاسان يۇقتۇرىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر كىلىنكىلىق تەجرىبە نەتىجىسى بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ھەم جىنسىي كېسىلى بولغان ئاياللار بىلەن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان لېكىن جىنسىي كېسىلى بولمىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يول سۇيۇقلىقىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ھەم جىنسىي كېسىلى بولغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يول سۇيۇقلىقىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ سانى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان لېكىن جىنسىي كېسىلى بولمىغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يول سۇيۇقلىقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپ بولغان. بۇنىڭدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانغان ھەم جىنسىي كېسىلى بولغانلار ئۆزىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى تېخىمۇ ئاسان باشقىلارغا يۇقتۇرىدۇ. جىنسىي كېسەل بىلەن يوقۇملانغۇچىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا (تېرە ياكى شىللىق پەردىلىرىدە) يارا شەكىللىنىدۇ-دە، ئەسلىدىكى ساق تېرە ۋە شىللىق پەردىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى تۇسۇش ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىروسى تېخىمۇ ئاسان بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ-دە، يوقۇملىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەيدىز ۋىروسى ئادەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن ئىممونت ھۈجەيرىسىگە، بولۇپمۇ CD4 ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، جىنسىي ئەزادىكى يارا ئەتراپىغا كۆپلىگەن ئىممونت ھۈجەيرىسى ۋە CD4 ھۈجەيرىسى توپلاشقان بولىدۇ (ھەرقانداق يارا بولسا ئەتراپىغا ئىممونت ھۈجەيرىسى توپلىشىدۇ). بۇلار دەل ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغاچقا، جىنسىي كېسەل بىلەن ئاغرىغان لېكىن تېخى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانمىغان كىشىلەر جىنسىي كېسىلى يوق كىشىلەرگە سىلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاسان يوقۇملىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا ئەيدىز بىلەن يوقۇملىنىپ قالغانلار باشقىلارغا يوقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقتى-ۋاقتىدا جىنسىي كېسەل بارمۇ-يوق تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، ئەگەر جىنسىي كېسەل بايقالسا ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. جىنسىي كېسەل بىلەن ئەيدىز كىسىلىنىڭ يوقۇش يولى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، جىنسىي كېسەل بىلەن ئاغرىغانلارمۇ دەرھال ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر تېخى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يوقۇملانمىغان بولسا، يوقتۇرىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ جىنسىي كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

yyyyyyyyy.jpg