ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەيدىز بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان گۈزەللىك گىمناستىكىسى تېرىنېرى
ۋاقتى : 2017-11-04 21:33:38  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

 

تېڭشۈن تورى 1-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ك پىرادىپ كۇمار سىنگ (K pradip kumar singh) ھىندىستان مانىپۇر ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئىمپالغا (Imphal) يېقىن بىر كەنتتە تۇغۇلدى، 2000-يىلى ئەيدىز دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا زەھەر چېكىش جەريانىدا ئىشپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتكەنلىكتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى بىر نەچچە يىلنى ئۇ تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزدى... 2002-2000-يىللىرى ئەڭ ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى.

ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ سىرتقا چىقىشنى خالىمىدى.

«بەدىنىم بەكلا ئاجىلاپ كەتتى، روھىي جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىدىم. ئەڭ چاتاق بولغىنى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن يىراقلاشتى...»

«باشقىلار مېنى دائىم مەسخىرە قىلاتتى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپمۇ مېنى كۆرسىتىپ <ئۇ ئەيدىز> دەيتتى.»

جەمئىيەتتىكىلەرلا ئەمەس، ھەتتا دوختۇرلارمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارىدى.

بىراق، سىڭلىسى ئۇنىڭغا ئىزچىل ھەمراھ بولدى، قوللىدى.

شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ گۈزەللىك گىمناستىكىسى مەشىق قىلىشقا باشلىدى.

كىتابتىن گۈزەللىك گىمناستىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەندى.

گۈزەللىك گىمناستىكىسىنى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاستە قىلىپ، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. گەرچە دەسلەپتە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەرداشلىق بەردى.

2007-يىلى «مانىپۇر ئەپەندىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

2012-يىلى «جەنۇبىي ئاسىيا ئەپەندىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

2012-يىلى «باڭكوك دۇنيا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى»دە مىس مېدال ئالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ سىنگ قاتناشقان ئاخىرقى چوڭ مۇسابىقە بولۇپ قالدى.

ئۇ «كەمسىتىش»لەرگە كېلىشتۈرۈپ بىر تەستەك سالدى، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەيدىز بىمارىنىڭمۇ ھاياتىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ھازىر ئۇ 46 ياشقا كىردى، بىر ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلاندى.

ئۇ مانىپۇردىكى بىر تەنتەربىيە ۋە ياشلار بۆلۈمىدە تېرىنېرلىق قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ بىر گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئىنىستىتۇتى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

ئۇ: «ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم ئۆلتۈرەلمەيدۇ. مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىمەن» دېدى.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg