ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەيدىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئانا بولغانلارنىڭ بايانى
ۋاقتى : 2017-11-04 21:31:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

aidis.jpg

 تېڭشۈن تورى 31-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بىر ئەيدىز ئانا ئەسلەپ: «تۇغۇتخانىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغىلى قىل قالدىم. بىراق، مېنىڭ ئۇ ئۆيگە تېزرەك كىرىپ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. تۇغۇتخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا يىغلاشقا باشلىدىم، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىق ئىشىكى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى.
3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ھامىلىدار بولغان ۋاقتىمدا ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ئاساستا ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان «بېلىجاننىڭ ئانىسى» ئىسىملىك تورداشنىڭ كۈندىلىك يوللىغان مەزمۇنىنىڭ بىرنىمۇ قويماي ئاڭلىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇش جەريانىدا ھامىلىدارلىق بىلەن ئەيدىزگە قارشى دورىلار قوشۇلۇپ قاتتىق ئازابلىغانلىقى، ھامىلىسى مىدىرلىغاندا قاتتىق خۇشال بولغانلىقى، دوختۇرخانا تېپىش جەريانىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلار، يەڭگىگەن ۋاقتىدىكى ئازابلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ چاچلىرى قاپقارا قىزدىن بىرنى تۇغقانىدى. كېيىن دەككە-دۈككە ئىچىدە ساقلاپ بوۋىقىنى 3 ئايلىق قىلغان، بىر ياش، بىر يېرىم ياشقا كىرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتتا تەكشۈرتكىلى ئېلىپ بارغاندا بوۋىقىنىڭ ئەيدىز ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھاياتى خۇشاللىققا تولغان. بۇ ھېكايە مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇ مېنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغان ئايالنىڭ بالىلىق بولغىنىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى.
ئىنسانلار دۇنياسىدا ئەيدىز كېسىلى بايقالغان دەسلەپكى يىللاردا بىر جۈپ ئەيدىز ئەر-ئايال بالىلىق بولۇش خىيالىغا كەلگەندە دوختۇر ئۇلارغا بېقىۋالسا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۆزلىرى بالىلىق بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
90-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ پەقەت ئەر تەرەپلا ئەيدىز بولسا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ياكى پىروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى. بۇ تېخنىكىدا ئەرنىڭ ئىسپېرمىسىنى «يۇيۇۋېتىپ» ئەيدىز ۋىرۇسى يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن ئانىنىڭ بەدىنىگە سېلىنغان.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى خېلى تۆۋەن چەككە چۈشۈردى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئاتا-ئانىلارغا ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئاساستا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ھامىلىدار بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى، ئانىنىڭ بەدىنىدە ۋىرۇسنى توسۇش ئارقىلىق ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇشنى توسۇش ئالدىنقى شەرتى بىلەن ئەيدىز ئانىنىڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ كەتتى. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ۋىرۇس يۇقۇشىنى توسىدىغان دورا ئىشلىتىش نەتىجىسىدە ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش نىسبىتى %2تىن تۆۋەن ھالەتكە كەلدى. جۇڭگودىمۇ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسىدىغان دورىلار تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.
2015-يىلى CDC يوللىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى 2 ياشتىن تۆۋەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 200 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىراق، 2016-يىلىدىكى بىر قېتىملىق توردا تەكشۈرۈشتە ئەيدىز بولۇپ قالغان ئانىنىڭ ساغلام بوۋاق يەڭگىيەلەيدىغان، يەڭگىيەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا %34 تورداش ئىنكار جاۋابى بەردى.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە ئاياللارنىڭ سانى ئەسلىدىلا ئاز ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بالىلىق بولۇشىنى خالايدىغانلار تېخىمۇ ئاز بولدى.
ب د ت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش مەھكىمىسىنىڭ بىر ھۆججىتىدە: «ئەيدىز بولۇپ قالغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەيدىز بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ ئۇچرايدىغان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر. بۇ بېسىملارنىڭ ئەڭ ئېغىرى پەرزەنتلىك بولۇش دەۋرىدە كېلىدۇ» دېيىلدى.
بۇ كىتابچىدە كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان 39 ياشلىق بىر ئانا ئەسلەپ قورسىقىدىكى بالىسى ئۈچۈن 9 قېرىندىشى بىلەن ئائىلە يىغىنى ئاچقانلىقى، چوڭ ئاچىسى قارشى تۇرۇپ: «بالا ساغلام تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن قانچىلىك ۋاقىت خەۋەر ئالالايسىز» دېگەنلىكى، ئانىسى بالىنى ساقلاپ قېلىشنى قوللاپ: «ئاياللار بىر مۇكەممەل ھاياتقا ئېرىشسە كۈنلىرى ھامان بىر كۈنى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر ئەيدىز ئانا ئۆزىنىڭ يەڭگىش جەريانىنى ئەسلەپ: «تۇغۇتخانىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغىلى قىل قالدىم. بىراق، مېنىڭ ئۇ ئۆيگە تېزرەك كىرىپ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. تۇغۇتخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا يىغلاشقا باشلىدىم، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىق ئىشىكى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم» دېدى.
BBC نىڭ ئەيدىز ئانىلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمى «ئەيدىز ۋە ھامىلىدارلىق»تا قەيسەر ئەيدىز ئانا بېتىينىڭ: «ئەنسىرەش تۇيغۇسى ئادەتتىكى ئانىلارغا ئوخشاش بولىدۇ. بىراق، ئەيدىز سەۋەبلىك ئەنسىرىشىم نەچچە 10 ھەسسە ئارتۇق بولدى» دېدى. ئۇ ئانا يەنە: «ئۇ مەسئۇلىيەتنىڭ سالمىقى بەكلا ئېغىر. تېخى دۇنياغا كەلمىگەن بالامدىن چاتاق چىقمسا ھەممە مەسئۇلىيەت مېنىڭدە بولىدۇ. بۇ بەك ئازابلىق ئىش، ئۇنداق بولۇشىنى ھەرگىز خالىمايمەن» دېدى.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن ھېلىقى «بېلىجاننىڭ ئانىسى» بىلەن ئالاقىلىشىپ: «يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن سىز بىلەن كۆرۈشكىلى، ھېكايىڭىزنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىغىلى بارىمەن» دېدىم. ئۇ بىر نەچچە كۈن ئويلانغاندىن كېيىن يۈز تۇرانە زىيارەت قىلىشىمنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.
بىر دوختۇر ماڭا: «ئەيدىز بولۇپ قالغان ئانىلار باشقا ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىغاندا شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تېخىمۇ يوشۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن بالىلىق بولۇشنى تاللايدۇ. ئەمما بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقىدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاممىۋىي سورۇنلاردا تەكشۈرتكىلى، قايتا تەكشۈرتكىلى بارغانلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋالىدۇ. ناۋادا ئۇلار سالام قىلىشنى خالىمىسا بىزمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىمىز» دېدى.
بىرەيلەن ماڭا ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىدى. ئىككىمىزنى تېلېفون سىمى ئايرىپ تۇرسىمۇ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر قورقۇنچتىن، ئۆزىنى ئىنكار قىلىشتىن قۇتۇلۇپ بىر خىل تىنچ ھالەتكە كەلگەن، كۈنلىرىنى نورمال ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.
بىر ئانا ماڭا: «بالىلىق بولۇشنى قەتئىي قارار قىلغان ئانىنىڭ پىسخىكىسى بىرقەدەر پىشقان ھەم ساغلام بولىدۇ. كۆكسى-قارنى قانچە كەڭ بولسا قوبۇل قىلالايدىغان ئىشلىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، سەزگۈر بولۇپ كېتىدىغان ئىشلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەيدىزدىن زىيادە قورقۇپ، سەزگۈر بولۇپ كەتكەنلەر بالىلىق بولۇشنى خالىمايدۇ» دېدى. بۇ ئانا شىمالدىكى بىر شەھەردە ياشايدىغان بولۇپ، ئۆيى، ئاپتوموبىلى بار، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يولدىشى بىلەن بىرلىكتە بىر شىركەت ئاچقان، ھازىر ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
فېي ئانا ماڭا: «ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە دورا يېيىشتىن باشقا جەھەتلەردە پەرقىم يوق» دېدى. ئۇ ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرتكىلى بارغاندا ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك چۆچۈپ كەتكەنىدى.
ئۇ خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللانمىغان، يولدىشىنىڭمۇ ئەيدىز كېسىلى يوق. ئۇنىڭ ئەيدىز بولۇپ قېلىش سەۋەبى ھازىرغىچە بىر سىر. بىراق، مۇھىم بۇ ئەمەس. ئۇ دىياگنوز قەغىزىنى ئېلىپ يولدىشىدىن قاچان ئاجرىشىدىغانلىقىنى سورىغاندا يولدىشى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن: «ھېچقىسى يوق. بۇ دېگەن بايلار كېسىلى. كېيىن بەك جاپا تارتىپ قالمىسىڭىزلا بولىدۇ» دېگەن. ئۇ بوۋىقى تۇغۇلۇپ 3 ئايدىن كېيىن تەكشۈرتۈشكە بارغاندا ئۇنىڭ ھېچقانداق يۇقۇملانمىغانلىقىنى بايقاپ يەلكىسىدىن بىر ئېغىر تاشنى ئېلىۋەتكەندەك بولۇپ قالغانلىقى، ھاياتنىڭ يەنىلا گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان ئانىلار ئىچىدىكى بالىلىق بولۇشنى قارار قىلغان ئەيدىز ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر يىل ئىلگىرى باشقا ئەيدىز بىمارلىرى ۋە دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئالغان، يېرىم يىل ئىلگىرى دورىسىنى تەڭشىگەن. بىر تىببىي مۇتەخەسسىس ماڭا: «نۇرغۇن ۋىرۇسلار بالا ھەمرىيىدىن ئۆتەلمەيدۇ. بالا قورساقتىكى ۋاقىتتا ئاساسىي جەھەتتىن ساغلام بولىدۇ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش كۆپىنچە يەڭگىگەندە ياكى ئېمىتىش جەريانىدا يۈز بېرىدۇ. نورمال دورا يېمىگەن تەقدىردە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى %38.4 بولىدۇ. ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش مەغلۇب بولۇشىدىكى سەۋەب دورا ئىشلىتىش ۋاقتى بەك كېيىن بولۇشتىن ئىبارەت» دېدى.
بىر ئەيدىز ئانىنىڭ قېيىنئانىسى كېلىنىنىڭ ئەيدىزگە قارشى دورا يەۋاتقانلىقىنى بايقاپ قېلىپ تېخى قىرقى توشمىغان كېلىنىنى بالىسى بىلەن قوشۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان، بالىنىڭ دادىسى ئايالى ۋە بالىسى بىلەن تۇرۇشتا چىڭ تۇرغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر يىلغا يېقىن قېيدىشىپ يۈرۈپ بالىسى يېشىغا تەگكەندە بىر يەرگە كەلگەن.
بالىلار ئەيدىز ئانىلارنى ھەم قەيسەر ھەم ئاجىز قىلىۋېتىدۇ. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىنى ئۆزى باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر دوختۇر ماڭا بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بالىسى تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىنلا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمىغانلىقى، كېسىلىنى بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىن ئەنسىرىگەنلىكى، بۇ ئەھۋالنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن دورا ئېلىۋاتقان بىر ئانا ھەر قېتىم دورىنى ئېلىپ ئۆيىدىكى كىچىك قۇتىسىغا سېلىۋالىدىغانلىقى، ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىنى ھەتتا يولدىشىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئېتتى.
بۇ ئانىلاردىن ئەيدىز سەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەسلىكتىن، بالىسىغا ئۇزۇن ھەمراھ بولالماسلىقتىن قورقىدىغان، قورقمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
بىر ئانا: «بىلىشىمچە، نورمال دورا يېگەندە 60-50 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. يەنى ئۇ ۋاقىتقىچە بالا قورامىغا يېتىدۇ. شۇڭا بىز بالىمىزنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ قويۇپ ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشىشىمىز كېرەك» دېدى.
يەنە بىر ئانا: «تىبابەت ئۆگەنگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك يۇقۇملانغانلىقمنى بىلگەندىن كېيىن ئۆلۈشتىن ئانچە قورقۇپ كەتمىدىم. ھەتتا مەن يولدىشىمغىمۇ ئادەم تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياشايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا بىر جەريان ئىكەنلىكى، ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدىم. بالامغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ ئارزۇيۇممۇ يوق. ئۇنىڭ بەك جاپادا قالماسلىقى، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشى، توي قىلىپ بالىلىق بولۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
1. مەن ئۆزۈمگە ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويغان ئەر بىلەن توي قىلدىم، ھازىر قىزىم 6 ئايلىق بولدى، ئەيدىز بولغىنىمغا 9 يىل بولدى:
ئىلگىرى مەن ئادەم تۇغۇلغانىكەن خۇشاللىقمۇ، خاپىلىقمۇ بولىدۇ، كېسەل بولىدۇ، ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. بىراق، بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. مېنىڭچە ھامان بىر كۈنى مەنمۇ كېتىمەن، بالام توي قىلىدىغاندا بوۋا-مومىسىمۇ ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولۇشى، ئۇ يالغۇز قېلىشى مۇمكىن. بالىلىق بولغاندا يېنىدا بىرمۇ تۇغقىنى بولمىسا قانداق قىلار. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مەن مۇشۇ مەسىلىنلا ئويلاپ كەلدىم. ئۇنىڭ تويىنى كۆرۈشنى، تۇغۇتخانىغا بىللە كىرگىچە ئۆمۈر كۆرەلىشىمنى تىلىدىم.
2008-يىلى 21 ياش ۋاقىتلىرىمدا ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيتتۇم. يازلىق تەتىلدا بىر ئاشخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا مەندىن 10 نەچچە ياش چوڭ بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ سودىسىدا مەغلۇب بولغان، دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، پۇللىرىنى قىز دوستى ئالداپ كەتكەن، دوستلىرى تېپىپ بەرگەن ئاشپەزلىك خىزمىتىگە تايىنىپ جېنىنى بېقىۋاتقانىكەن. ئۇ ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايتتى، يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى، كارىدوردا مېڭىپ يۈرۈپ ۋارقىراپ ناخشا ئېيتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ ئادەمدە چوقۇم بىر گەپ بار دەپ ئويلاپ قىزىقىپ قالدىم، پاراڭلاشتىم. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز يۈرۈپ قالدۇق، كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ تەكشۈرتكەندە ئۇنىڭدىن ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغانلىقىمنى بايقىدىم.
دەسلەپتە قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم، ھەتتا ئۇنى كېچىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىمۇ بولدۇم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلىدىم. بىرەيلەن ماڭا بىر ئەر ھەمجىنسنى تونۇشتۇرۇپ قويدى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى شارائىتى ياخشى ساۋاقدىشىممۇ مېنى قوغلاشتى. بىراق، مەن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانغاندىن كېيىن مۇشۇنداق ئادەم بىلەن يۈرۈپ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتۈشۈم تەقدىر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم.
تۇيۇقسىز ھامىلىدار بولۇپ قالدىم. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەنىدىم. بىراق، يەنىلا ھامىلىدار بولۇپ قاپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھودۇقۇپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. دوختۇردىن تۇنجى بولۇپ بالىنىڭ يۇقۇملىنىدىغان، يۇقۇملانمايدىغانلىقى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان، قىلمايدىغانلىقىنى سورىدىم.
يەڭگىيدىغان دوختۇرخانا تېپىش قىيىنغا چۈشتى. ھازىر تۇرىدىغان يېرىم بىرقەدەر چەت بولغاچقا دوختۇرخانىدىكىلەر بۇنداق ئەھۋالنى كۆپ ئۇچراتمىغانىكەن. ئۇلار يەنە بۇنىڭدىن قورقۇپمۇ قالدى، بەزىلىرى قانداق قىلىشنى بىلمەي رەت قىلدى. كېيىن بىرەيلەن ئارقىلىق بىر دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلەشتىم.
تۇغۇتخانىغا كىرگەندە بىر دوختۇر ماڭا توختىماي تەسەللىي بېرىپ جىددىيلەشمەسلىكنى ئېيتتى.
2. بالا ئادەمگە بىر خىل خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا پەرۋىشكارلىق ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىدا ئىشلىگۈم بار ئىدى. بىراق، ئەيدىز بولۇپ قالغاندىن كېيىن ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئايلىنىپ يۈردۈم. ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالدى، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ىالاپ قالدىم. ھازىر بىز دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەردىن ئۆي سېتىۋالدۇق، ئاتا-ئانام كېلىپ بالىغا قارىشىپ بېرىۋاتىدۇ. گەرچە تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما بەختلىك ياشاۋاتىمىز.
دادام مەندىن دائىم نېمىشقا دورا يەيدىغانلىقىمنى سورايدۇ. ئۇنىڭغا سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەسلىكى، ئىممۇنىتېت كۈچۈم تۆۋەنلىكىنى ئېيتتىم. بەزىدە بەك سوراپ تۇرۇۋالسا بۇ دورىنى يېمىسەم ئۆلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا: «ئۇنچە ئېغىر ئەمەستۇ، ئەمىسە يەۋېرىڭ» دېدى. ھازىر دورا يەيدىغان ۋاقىت كەلسە ئۇ مېنى ئەسكەرتىدىغان بولدى.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام مېنى بەك چىڭ باشقۇراتتى، ماختاپ قويماتتى. كۆڭلۈمدە دادامنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ بىرمۇ ئارتۇقچىلىقىم يوقكەن دەپ ئويلاپ بىخەتەرلىك تۇيغۇم يوق، ئۆزۈمنى كەمسىتىدىغان چوڭ بولغانىدىم. بالام بولغاندىن كېيىن دادام گەرچە ئاغزىدا دېمىسىمۇ ھەرىكىتىدە ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلدى، بالامنى قولىدىن چۈشۈرمەي باقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكلىرىم قاياقلارغىدۇر يوقاپ كەتتى.
3. يولدىشىم ماڭا: «بۇ دېگەن بايلار كېسىلى، ئۆزىڭىز قىينىلىپ قالمىسىڭىزلا بولدى» دېگەن، ھازىر ئوغلۇم 3 ياشقا كىردى، ئەيدىز بولغىنىمغا 4 يىل بولدى:
مېنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىمنى ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرتۈش جەريانىدا بايقالغان. توي قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى تەكشۈرتكەندە ھەممىسى نورمال چىققان، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ قىلمىغان، يولدىشىمدىمۇ ئەيدىز يوق. مېنىڭ ئەيدىز بولۇپ قېلىشىم ھازىرغىچە بىر سىر.
دوختۇرخانىدىن چىقىپ يولدىشىمغا: «سىزگە بىر ئىشنى ئېيتىمەن، ئاندىن ماڭا قاچان ئاجرىشىدىغىنىمىزنى ئېيتىپ بېرىڭ» دېدىم. ئۇ قاتتىق ھەيران قېلىپ مېنى دەرھال كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە ئېلىپ باردى ھەم نەتىجە ئېنىق بولغاندىن كېيىن يېشىم چوڭايغاندا ھامىلىدار بولغان بۇ بالىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدۇق. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى كاللامدىن ئۆتكۈزۈشكە 3 ئاي كەتتى.
تۇيۇقسىز بالام يادىمغا كېلىپ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىم، كېيىن سالامەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ خاتىرجەم بولدۇم. شۇ كۈنى كەچتە يولدىشىم ئىككىمىز تېخى ئالايىتەن تەبرىكلىگىلى باردۇق.
بۇ ئىككى يىل جەريانىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، دورا يېگەندىن باشقا ئالاھىدە ئىش بولمىدى، ئەيدىز بىمارلىرى بىلەنمۇ دورا ئالغىلى بارغان ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا كۆپ ئالاقە قىلمىدىم.
4. ئوغلۇم ھاياتلىقنىڭ جەڭگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھازىر ئۇ 10 ياشقا كىردى، ئەيدىز بولغىنىمغا 11 يىل بولدى:
2007-يىلى ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرتكەندە ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىم ئېنىقلانغان.
بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن قەلبىم قاتتىق ھاياجانغا تولدى، كىچىككىنە ھاياتلىقنىڭ مېنىڭ بەدىنىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ خۇشال بولدۇم. بىراق، ئۇنىڭ تۇغما ئەيدىز بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىم. دوختۇر ماڭا ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇغىلى بولىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئېيتىپ ئىلھاملاندۇردى. بالىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن دورا يېيىشكە باشلىدىم. ئوغلۇم 3 كىلوگرامدىن ئېغىرراق تۇغۇلدى. مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغان يېرى ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغانىدى. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يولدىشىمدىن ئاجرىشىپ ئوغلۇمنى ئۆزۈم يالغۇز بېقىشقا باشلىدىم، يولدىشىم بېقىش ھەققىنى پات-پاتلا كەينىگە سۆرەپ تۇرۇۋالدى.
ھازىر ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقتى، رەسىم سىزىشنى، مودېل ياساشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىم ۋە تەسەللىي بەرگۈچۈم. مەندەك ئانىسى بولغاچقا ئۇ تەڭقۇرداشلىرىدىن پىشقانراق چوڭ بولدى. بۇ مېنى بەك ئازابلايدۇ.
5. كېيىنكى باسقۇچلۇق پىلان 2-بالىلىق بولۇش، ئوقۇش رايونىدىن ئۆي سېتىۋېلىش، بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم، ئەيدىز بولغىلى 5 يىل بولدى.
يولدىشىم ئىككىمىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن بىر QQ توپىدا تونۇشقان. توي قىلىشتىن ئىلگىرى بالىلىق بولۇشنى ئويلاشمىغانىدۇق. بىراق، توي قىلىپ 3-2 يىلدىن ئىقتىسادىي شارائىتىمىزمۇ ياخشىلانغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەھۋالى بىزگە ئوخشاش بىر نەچچە دوستىمىزنىڭمۇ بالىلىق بولغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا بىزنىڭمۇ بالىلىق بولغۇمىز كەلدى.
ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى مەن 4 يىلدىن كۆپرەك دورا يېدىم، يولدىشىم 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت دورا يېدى.
بىر مەسلىھەت سورايدىغان توپتا چەت بىر كەنتتە تۇرىدىغان بىر ئانىنىڭ ئەيدىز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىسىنى ئېمىتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بالىسىنىڭ 7-6 ياشقا كىرگەندە ھاياتى ئاخىرلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ بەك ئەپسۇسلاندىم، كېيىن نۇرغۇن دوختۇرلار ۋە ئەيدىز ئانىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۇنچە ئەنسىرەش ھاجەتسىزلىكىنى، دىققەت قىلسا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ بالام سالامەت تۇغۇلدى.
بالامنىڭ ھالىدىن ئاساسەن ئۆزۈم خەۋەر ئالدىم. دەسلەپكى بىر ئايدا تۇغۇت باققۇچى تەكلىپ قىلدۇق، چوڭلار ئىككى ئاي ياردەملەشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈم يالغۇز بېقىشقا باشلىدىم. ھازىر ئەر-ئايال ئىككىمىزگە بالىلىق بولۇش ناھايىتى تەبىئىي ئىشتەك بىلىنىدۇ. شۇڭا 4-3 يىلدىن كېيىن يەنە بىر بالىلىق بولۇشنى ئويلاۋاتىمىز.
يولدىشىم ئىككىمىز تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن، ئۇ ماشىنىسازلىق، مەن مالىيە بوغالتىرلىقى ئۆگەنگەن. ھازىر بىزنىڭ كىچىك شىركەتتىن بىرنى ئاچقىنىمىزغا 3-2 يىل بولدى، تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، تۇرمۇشىمىز مۇقىم، خاتىرجەم كېتىۋاتىدۇ. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئوقۇش رايونىدىن ئۆي ئېلىپ بالىمىزنى تېخى ياخشى تەربىيە مۇھىتىغا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلاۋاتىمىز.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg